كۆرۈش: 418|ئىنكاس: 4

سۆيۈملۈك ئايال بۇلاي دېسىڭىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                        سۆيۈملۈك ئايال بۇلاي دېسىڭىز

    بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم قىز - ئاياللىرىمىز سۆيۈملۈك ئايال بولۇشنىڭ ھەقىقىي ئۆلچەملىرىنى بىلمەسلىك، نىكاھقا يەڭگىللىك بىلەن بىرتەرەپلىمە قاراش، نىكاھنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىش، جۈپتىنىڭ ئۆزىنى ئەڭ قەدىرلەيدىغانلىقىغا قانائەت قىلماسلىقتەك ئازغۇنلۇق تۈپەيلى تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، پۇشايمانغا مۇپتىلا بولماقتا.
     جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى «ئەركەك»لىرىمىز ئۇلارنىڭ يولدىن تېيىشىغا رولچى، ئادىشىشىغا كومپاس بولماقتا. بۇنداق قوش يۆنىلىشلىك چېكىنىش ئاخىرىدا  ئۆزىمىز، جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئەينى زامانلاردىكى «سەنەم، شېرىن، زۆھرە، گۈلەمخان، گۈلنىسا، نوزۇگۇم....»لارنىڭ ئىش ئىزلىرى ئۆزگىچە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلاردىكى روھ بىزدىن بارغانچە يىراقلاشماقتا.
     1. ئېنىقكى، نەزەرىيەۋى بىلىمگە ئىگە ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر. بىلىم ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى ۋە يىغىنچاقلىنىشى. بەزى ئاياللار تىرىشسىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغان تۇرۇقلۇق، ئەرلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلىدى دېيىشىدىن ياكى باشقىچە تۇيغۇدا بولۇشتىن ئەنسىرەپ، ئۆز قابىلىيىتىنى ئىشقا سالمايدۇ، ئاشكارىلىمايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغان قابىلىيەتلىك ئاياللىرىدىن سۆيىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
    2. ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىغا ئىگە ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللار. بۇنداقلار ئېرىنىڭ كۈلكىسىگە كۈلكە، يىغىسىغا يىغا ئاتا قىلالايدىغان، گېزى كەلگەندە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان ئاياللاردۇر. شۇڭا ئاياللار سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن «ئىتائەتمەن» بولۇش بىلەن «ئۆزىنى قۇربان قىلىش»نى ئىنىق پەرقلەندۈرۈۋېلىشى لازىم.
    3. خۇشخۇي، خۇشچاقچاق ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر. چېھرىدىن تەبەسسۇم يىغىپ تۇرۇش روھەن ساغلاملىق ھەم ئۈستۈنلۈكنىڭ ئىپادىسىدۇر. چاقچاق غەم - ئەندىشىنى يوقىتىدۇ. قايسى ئائىلىدە چاقچاق ۋە كۈلكە كۆپ بولسا، شۇ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى كۈچىيىدۇ، ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. بىراق بەزى ئاياللار كۆپ ۋاقتى، زېھنىنى يوقىلاڭ تەشۋىشلىنىش، غەم - ئەندىشىدە  ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، قارىماققا ئۇلار ئائىلىسى ئۈچۈن غەم يەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىردەممۇ ئېچىلمايدىغان سۆرۈن چىرايى ئېرىنىڭ نەزەرىدىكى «سۆيۈملۈك» ئوبرازىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
    4. سەۋەنلىكىنى دەرھال ئېتىراپ قىلالايدىغان ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر. بۇنداق ئاياللار ئاق كۆڭۈل بولۇپ، ئېرىنىڭ سۆيۈنۈش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ روھىي ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئېرىنىڭ چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ.
ئۇنداقتا سۆيۈملۈك ئايال بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كىرەك؟  بۇنىڭ ئۈچۈن:
     1) ئۇلار گۈزەللىكنى توغرا چۈشىنىشى كېرەك. گۈزەللىكنى سۆيۈش كىشىلەردىكى ئورتاقلىق. تولىستوي «ئادەملەر چىرايلىقلىقىدىن سۆيۈملۈك ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈكلىكىدىن چىرايلىقتۇر» دېگەن. ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئاساسلىقى پىسخىكا جەھەتتىكى گۈزەللىكتۇر. بىز ئادەتتە بۇنداق گۈزەللىكنى قەلب گۈزەللىكى دەپ ئاتايمىز. شۇڭا ئاياللار تاشقى گۈزەلىككىمۇ مۇۋاپىق ئەھمىيەت بېرىشى، ئەڭ مۇھىمى قەلب گۈزەللىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بەزى ئاياللار «باشقىلارغا تاقابىل تۇرمىسا ياشىماق قىيىن» دەپ قاراپ، ھەممە ئىشنى تەتۈرسىگە بۇراپ، گۈزەللىكنى روھىي جەھەتتىن ئىزدىمەي، كىيىم - كېچەكتە ۋە قاتار چايدا مودا قوغلىشىش، ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ يار بېرىش - بەرمەسلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، زىبۇ - زىننەت، پەرداز بۇيۇملىرىغا بېرىلىش، باشقىلاردىن بىرەر ئېغىز گەپنى كۆپرەك قىلىۋېلىشتەك ناچار «گۈزەللىك»نى قوغلاشماقتا. بۇ ھال ئاياللارنى ھەدېسىلا سۆلەتۋازلىق، مەنىسىز مەنمەنچىلىك، ئۆزئارا ئىناقسىزلىق پاتقىقىغا پاتۇرىدۇ.
     2) ئاياللار ئېرىنى ۋە ئېرىنىڭ كەسپىنى قوللىشى كىرەك. بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشىنى ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان كۆيۈنىشى دەپ قارىماستىن، ئېرىنى ئۆزىگە بويسۇنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ - دە، ئېرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئېرىنى توغرا چۈشىنىشى، ئۇنى قوللىشى، ئېرى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى بىر تەرەپنىڭ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئەلۋەتتە يەنە بىر تەرەپنىڭ قوللىشىغا باغلىق. مەسىلەن، لۇشۈن ئەينى ۋاقىتتا ئىقتىسادتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئايالى شۈ گۇاڭپىڭ ئىش تېپىپ ئىشلەپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يەڭگىللەتمەكچى بولغان، لېكىن ئۇ، لۇشۈن بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بۇنداق قىلسا ئېرىنىڭ يېزىقچىلىقىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا خاتىرجەم ئىجادىيەت شارائىتى يارىتىپ بەرگەن. دېمەك، ئاياللار ئېرى بىلەن بىللە ھەمكارلىشىپ، ئىختىيارلىق پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىلىش، مۇۋاپىق كېلىش - كەلمەسلىكىگە قاراپ ئىش قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەشنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئېرىنىڭ كەسپىنى قوللىسا سۆيۈملۈك ئايال بولالىشى ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن.
      3) ئاياللار ئائىلە تۇرمۇشىدىكى سەككىز مىنۇتقا سەل قارىماسلىقى كىرەك. بەزى نىكاھ مۇتەخەسسىسلىرى ئائىلە تۇرمۇشىدا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىكى تۆت مىنۇت بىلەن ئىشتىن چۈشكەندىكى تۆت مىنۇت ئىنتايىن مۇھىم، بۇ سەككىز مىنۇتتىكى ئەھۋالنى ئائىلە ئىناقلىقى ۋە نىكاھ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى دەپ قارىغان. شۇڭا بۇ سەككىز مىنۇتقا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ سەككىز مىنۇتتىكى ئىشلار ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا جورىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىكى تۆت مىنۇت ھەممىدىن مۇھىم. بۇ چاغدا  ئەر - خوتۇننىڭ بىر - بىرىگە بولغان مۇئامىلىسى شۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەت ۋە كەيپىياتىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىكى تۆت مىنۇتتا كۆپلىگەن ئەر ھاۋا رايىنىڭ ئوساللىقىدىن، قاتناشنىڭ قىستاڭچىلىقىدىن، خىزمەتتىكى ئۇششاق ئىشلاردىن كەيپىياتى تازا ياخشى بولمىغاچقا، ئايالىنىڭ ئۆزىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىشىنى خالايدۇ. لېكىن، بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ ھالىتىنى چۈشەنمەي، ئۆز دەردى، بالىلارنىڭ قانداق خاپا قىلغانلىقى ... دېگەندەك ئۇششاق ئىشلارنى سۆزلەپ، كۆڭۈل ئۇتۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ.
     سۆيۈملۈك ئاياللار بىلەن قەدىرلىك ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشى، مىڭلىغان، مىليونلىغان ئائىلىلەر ھەم ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ بىۋاسىتە مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان نىكاھ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن كامال تاپىدىغانلىقى ئېنىق ھەقىقەت. شۇڭا، ئىتائەتمەنلىك، تىرىشچانلىق، ئەقىل - پاراسەت، ئىشچانلىق، باتۇرلۇق، ۋاپا - ۋىجدانلىقتەك قەلب گۈزەللىكىگە ئىگە ئاياللىرىمىز، بۈگۈنكى كۈندىمۇ، گۈزەللكىنى، قەدىرلىنىشنى ئۆزىنىڭ ئېسىل پىسخىك روھىي - ھالىتىدىن ئىزدەپ، سۆيۈملۈك ئايال بولۇشتىن ئىبارەت گۈزەل ئوبرازىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرىشى كېرەك.

كېلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-1 11:18:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىراپىمىزدا دىمىسىمۇ تۇرمۇشقا چاخچاق نەزىردە قاراپ ئازغىنا مەنپىئەتنى دەپ ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئالداپ ، بىر ئۆمۈر  قەلپ يارىسىغا مۇپتۇلا قىلىدىغان قېرىداشلىمىز خىلى بار . بۇ تېما شۇلارنىڭ يۈرەك تارىنى ئازراق بولسىمۇ چېكىپ ، ئىناق تۇرمۇش قۇرۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . ياخشى تېما يوللاپسىز ، رەخمەت سىزگە ، ھارمىغايسىز ...
ۋاقتى: 2014-5-1 11:28:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ، داۋاملىق مۇشۇنداق تېملارنى يوللاپ تۇرۇڭ .
ۋاقتى: 2014-5-28 09:51:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن يەرلىلىرىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىكەن.مەسلەن تۇرمۇشتىكى سەككىز مىنۇتنى قانداق قەدىرلەش دىگەندەك،بەك ياخشىكەن ھارمىغايسىز.
ۋاقتى: 2014-5-29 16:13:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىز ئاياللار ئۆگىنىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىلىملەر ئىكەن، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش