كۆرۈش: 689|ئىنكاس: 2

رۇس مىللىتى ۋە ئاق كەپتەر

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

رۇس مىللىتى ۋە ئاق كەپتەر
رۇسلار ئۇزاق تارىخقا، شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. رۇسلار روسىيىنى مەركەز قىلغان ھالدا پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەرگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 150 مىليوندىن كۆپرەك.
     بۇنىڭدىن ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، بىر قېتىم رۇسلار جەنۇبقا كۆچۈپ، مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىمال ئەتراپلىرىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇلار جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن ئىناق، دوستانە ئۆتۈپ، بىر گەۋدىگە ئايلانغان ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئەزاسى بولۇپ قالغان. جۇڭگودىكى رۇسلار ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا، چۆچەك، ئالتاي، ئۈرۈمچى قاتارلىق ۋىلايەت - شەھەرلىرىگە، شەرقىي شىمالدىكى خاربىن، شېنياڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 15 مىڭ 600 دىن كۆپرەك.
     رۇسلارنىڭ ئۆز تىل - يېزىقى بار. رۇس تىلى ھىندى - ياۋروپا تىل سىسىتېمىسىنىڭ سلاۋيان تىل تۈركۈمىگە كىرىدۇ. يېزىقى رۇس يېزىقى. جۇڭگودىكى رۇسلارنىڭ كۆپىنچىسى پراۋوسلاۋىيە دىنىغا، ئاز بىرقىسمى خرىستىئان دىنىدىكى باشقا مەزھەپلەرگە ئېتىقاد قىلىدۇ. رۇسلارنىڭ ئۆزىگە خاس بايراملىرىنىڭ ھەممىسى پراۋوسلاۋىيە دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، شۇڭا ئۇلارنىڭ مىلاد بايرىمى، پاسخا بايرىمى قاتارلىق بايراملىرى بار.
     شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان ھازىرقى رۇسلارنىڭ كۆپىنچىسى كادىر، زىيالىي ۋە تېخنىك ئىشچىلار. يېزىلاردا ئولتۇراقلاشقانلىرى ئاساسەن دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، كالا بېقىش، ھەسەل ھەرىسى بېقىش ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، چارۋىچىلىق رايوندىكىلىرى چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
رۇسلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ. ئاككاردىيون ئۇلارنىڭ ئاساسلىق چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا گىتار ۋە پىئانىنو. بايرام ۋە           خۇشال - خۇرام كۈنلەردە ياكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر جەم بولۇشقاندا، ئاككاردىيون چېلىپ ناخشا ئېيتىدۇ، ئادىنوشكا ئاساس قىلىنغان ھەرخىل شوخ ئۇسسۇللارنى ئوينايدۇ. رۇسلارنىڭ مۇزىكا، ناخشا ۋە ئۇسسۇللىرى قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە، نۇرغۇن ئەسەرلىرى دۇنياغا مەشھۇر.
     رۇسلار ئۆزلىرىنىڭ دىنى ئېتىقادىي ئاساسىدا، ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئاق كەپتەرنى ئالاھىدە ئۇلۇغلاپ ياخشى كۆرۈش ئادىتىنى ساقلاپ كەلگەن.
رۇسلارنىڭ نەزەرىدە ئاق كەپتەر بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى، ئىلاھ ياكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەتىۋارلىق جانۋىرى، ياخشىلىقنىڭ قۇت بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.
     رۇسلار ئەزەلدىنلا ئوۋ ئوۋلاشقا ھېرىسمەن مىللەت بولسىمۇ، بىراق ئۇلار كەپتەرنى ھەر قانداق ئەھۋالدا ھەرگىز ئۆزىنىڭ ئوۋ نىشانى قىلمايدۇ، ئەكسىچە، يارىلانغان بىرەر كەپتەرنىمۇ ئىمكانقەدەر قوغداپ قېلىشنى ئويلايدۇ. گەرچە، رۇسلارنىڭ كەپتەرنى ئۆلتۈرۈپ يېمەسلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەنئى بەلگىلىمە بولمىسىمۇ، رۇسلارنىڭ چوڭ - كىچىك زىياپەت شىرەلىرىدە كەپتەر گۆشىدىن تەييارلانغان قۇرۇما، كاۋاپلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.
     رۇس تىلى دۇنيادىكى قەدىمىي، چىرايلىق تىللارنىڭ بىرى، شۇنداقلا سۆز فوندىغا باي تىل. مول رۇس تىلى خەزىنىسىدە كەپتەرگە بولغان مۇھەببەت، پاكلىق، مېھرىبانلىق، مۇلايىملىق،ياخشىلىق مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ. بۇلاردىن كەپتەرنىڭ رۇسلار قەلبىدىكى مۇھىم ئورنىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، قۇرامىغا يەتكەن ياش يىگىتلەر سۆيگۈنىنى گۇرۇبۇچكا (كەپتەرنىڭ باچكىسى مەنىسىدە) دەپ چاقىرغىنىدا، قىز مۇھەببەتنىڭ ۋەزنىنى ۋە شېرىنلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ، گويا يىگىت قىزغا: سەن ئاق كەپتەر كەبى پاك، مېھرىبان، مۇلايىم ۋە ئوماق دېگەندەك بىلىنىدۇ. ياشتا چوڭلار بالىلارنى گۇرۇبۇچكا دەپ ئاتىغىنىدا، بالىلارمۇ چوڭلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ. بۇ گويا نېمىدېگەن ياخشى، مۇلايىم، ئوماق بالا دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. قىسقىسى، رۇسلار ئاق كەپتەرنىڭ پاكلىقىنى، مېھرىبانلىقىنى ۋە مۇلايىملىقىنى مەدھىيىلەيدۇ، ئاق كەپتەرنى ئىلاھ، بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ بەلگىسى، دەپ قارايدۇ.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-1-5 14:37:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتىريالكەن
ۋاقتى: 2015-4-28 11:09:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر مىللەتنىڭ ئۆزگە تۇشلۇق ئۆرۇپ ئادىتى بولغانغا ئوخشاش ئۇلانىڭمۇ  بولدىدە........
ياخشى ماتىريال بىلەن تەمىللىگىنىڭىزگە رەخمەت..
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش