| بالىڭىزنى ئوبدان تەبىيىلەي دېسىڭىز. Microsoft Word 文档1398359447881.docبالىڭىزنى ئوبدان تەبىيىلەي دېسىڭىز. Microsoft Word 文档.doc بالىڭىزنى ئوبدان تەبىيىلەي دېسىڭىز... 1. بالىڭىز سورىغان سۇئاللارغا سەۋرىچانلىق، سەمىمىلىك بىلەن جاۋاب بېرىڭ. 2. بالىڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ. 3. ئۆيىڭىزدىكى مەخسۇس بىر ئورۇننى بالىڭىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىغانغا ئاجىرتىڭ. 4. بالىڭىز مەلۇم ئىجادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىق سەۋەبلىك ئۆيىڭىزنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن بولسا، ئۇنى ھەرگىز ئەيىپلىمەڭ. 6. بالىڭىزنى قۇربى يەتكۈدەك ئىشلارغا سېلىڭ. 7. بالىڭىزنىڭ پىلان تۈزۈشى ۋە پىلانلىرىنى ئورۇنلىشىغا ياردەم قىلىڭ. 8. بالىڭىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان جايلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىڭ. 9.بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇقلىرىدىكى خاتا ئىشلىگەن يەرلىرىنى تۈزىتىشىگە ياردەملىشىڭ. 10. بالىڭىزنى ئوخشىمىغان تۇرمۇش سەۋىيىدىكى بالىلاربىلەن ئارلىشىشقا ئۈگىتىڭ. 11. ئۆزىڭىزدە مۇۋاپىق ھەركەت- ئادەتلىرنى يېتىلدۈرۈپ،بالىڭىزنى شۇ ئەندىزە بويىچە ئىش قىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەڭ. 12. بالىڭىزغا ھەرگىز پالانچىنىڭ بالىسى سەندىن ياخشى،دەيدىغان سۆزلەرنى قىلماڭ. 14. بالىڭىزغا كىتاب- ماتىرياللارنى ئېلىپ بېرىپ تۇرۇڭ،ئۆزى ياقتۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويۇڭ. 15. بالىڭىزغا قەرەلىدە ئەسەر ئوقۇپ بېرىڭ. .16بالىڭىزنى ھىكايە ئوقۇش ۋە خىيال قىلىشىغائىلھاملاندۇرۇڭ. 17. بالىڭىزنىڭ تەلەپلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ. 18. ھەر كۈنى ئازراق ۋاقتىڭىزنى بالىڭىز بىلەن بىللە بولۇشقائاجىرتىڭ. 19. بالىڭىزنى ئورۇنسىز ئەيىپلەۋەرمەڭ. 20 . بالىڭىزنى خاتالىق سادىر قىلغانلىق سەۋەبلىك مازاق قىلماڭ. 21. بالىڭىزنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشى، ھېكايە ئېيتىشى ۋە ناخشا ئېيتىشلىرىنى مازاق قىلماڭ. 22. بالىڭىزنىڭ تەپسىلىي تەجرىبە پىلانى تۈزۈپ، تېخىمۇكۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىگە ياردەملىشىڭ. 23. بالىڭىزنى مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشقائىلھاملاندۇرۇڭ. 24. بالىڭىز قىلغان ئىشلاردىن ماختىغۇدەك يەرلەرنى ئىزلەڭ.. 25. بالىڭىزغا بولغان مۇھەبىتىڭىزگە سەمىمىيلىك بىلەن باھابېرىڭ. 26. بالىڭىزغا ئىشلارنى ھەقىقىي قارار قىلىش پۇرسىتى بېرىڭ. 27. بالىڭىزنى كۆرۈشكە تېگىشلىك تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۈشكە ئادەتلەندۈرۇڭ. 28. بالىڭىزنىڭ ئۆز ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى تونۇشىغاياردەملىشىڭ. 29. بالىڭىز مەغلۇپ بولغان سەۋەبلىك ئۇنى مەسخىرەقىلماڭ، ئۇنىڭغا: <<بۇنداق ئىشلارنى مەنمۇ قىلالمايمەن >> دەڭ. 30. بالىڭىزغا ھەم ئۇنىڭ زېھنىي- قۇۋىتىگە ئىشىنىڭ. 31. بالىڭىزغا ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ تۇرۇڭ. بالىڭىزنى ئوبدان تەبىيىلەي دېسىڭىز. Microsoft Word 文档1398359381697.doc |
|