ئىگىسى: لاۋا

قانداق ئوقۇتقۇچى سىنىپ مودىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىسە بولىدۇ ؟

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-4-22 17:42:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دېگەندەك سىنىپ مۇدىرى ھەقىقەتەن مۇھىم ،مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ئاچقۇچى ئىدى. ئەمما بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزگە ئوخشاش سىز دېگەن شەرتلەرنى ھازىرلىغان ،ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق مەدھىيىگە ئىگە بولغان ،ئۇلۇغ سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ھەتتاكى مەكتەپ ‹ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ›ئالدىدىمۇ ھېچقانداق ھوقۇق  - مەنپەئەتى بولمايۋاتقان مەكتەپلەرمۇ يوق ئەمەس !
ۋاقتى: 2015-7-5 19:10:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ، سىنىپ مۇدىرى ئەڭ قابىل ، شەخسىيەتسىز ھالدا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە بولۇشى ، ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان بولۇشى لازىم . چۈنكى ، سىنىپ مۇدىرىنىڭ كونكېرت رولى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ :
   1.  سىنىپ مۇدىرىنىڭ قابىللىقى ئۇنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ . بىرسىنىپتىكى ئوخشاش بولمىغان ئائىلە شارائىتى ۋە ئائىلە تەربىيىسى ، ئوخشاش بولمىغان مىجەز- خاراكتېردىكى بىر توپ بالىلارنى يېتەكلەپ بىر كوللېكتىپ قىلىپ تەشكىللەش ئۈچۈن  سىنىپ مۇدىرىدا بەلگىلىك تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر .
  2. سىنىپ مۇدىرى كۆپ ۋاقتىنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشكە ، ئۇلارنى كۈزىتىش ۋە چۈشىنىشكە ، ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارېتا ئوخشاش بولمىغان تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، ئۇلارنى ياخشى يېتەكلەشكە توغرا كېلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا سەۋرىچانلىق ، ئادىللىق ، باراۋەرلىك ئېڭى بولۇش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ۋاقتى ، زېھنىنى قۇربان قىلالايدىغان ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولۇشى كېرەك .
  3. سىنىپ مۇدىرى ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك . ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا دېگەن ھەرقانداق گەپكە مەسئۇل بولۇشى ، تىرىشىپ ئىشلەش ، لەۋزىدە تۇرۇش ، تىرىشىپ ئىشلەش ، توغرا رىقابەت ئېڭى تىكلەش جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇپ ، ئەمەلى ھەرىكەتتىن ئۈلگىنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك .
ۋاقتى: 2015-11-26 22:48:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن ئەمما داۋامىنى كۆرەلمەي تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش