ئىگىسى: pari

بايقاشتا نەۋرۇز مەشرىپى( 3 )

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-3-21 00:03:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالمۇ ئەلەيكۇم بايقاش مۇنبىرىدىكى جاپاكەش كەسىپداشلار ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن
ۋاقتى: 2014-3-21 10:06:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ....توپتىكى بارلىق خىزمەتداشلارگە نەۋرۇز بايرىمىلىق ئوتلۇق سالام يوللايمان....شېر دىگەننى پەقەتلا يازالمايمەن...شۇڭلاشقا قۇرۇق سالاملا يوللاپ قويدۇم...خاپا بولماڭلار ھە.....يىڭى بىر يىلدا تىخىمۇ خوشال ئۆتۆشىڭلارنى ،يىڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن...بايقاشتا تىخىمۇ زور نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن...ھەممىڭلار سالامەت بولۇڭلار....يىڭى ئۈمىت ،يىڭى نەتىجە ھەممىمىزگە يار بولسۇن...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +1تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
pari + 3 + 1 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-3-21 11:42:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق كەسىپداشلار، ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن، تېنىڭلار سالامەت، خىزمىتىڭلار ئۇتۇغلۇق، ئائىلەڭلار بەختلىك بولسۇن.

كەلدى نورۇز بىلگەنسىز؟
نورۇز ئېشى ئىچكەنسىز؟
مۇنبەردىكى دوستلارغا،
ياخشى تىلەك تىلەڭ سىز.

نورۇز دىگەن يىل بېشى،
باشلاپ كەلدى باھارنى.
ئىللىپ جاھان بەكمۇ تېز،
ئېرىتىۋەتتى قارلارنى.

دىھقان تاغا ئېتىزدا،
كەتمەن چاپتى غۇلاچلاپ.
گۈلدەستىلەر تىزدىممەن،
قوبۇل قىلىڭ باغاشلاپ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
pari + 5 + 5 + 5 + 5رەھمەت ئارزۇ قىز

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-3-21 12:57:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنە سەندە شەرمى-ھايا،ئۇيغۇر قىزى ،
يىشىلىدۇ سەن بىلەن تەڭ باھار سىرى.
‏كۈلەر ئادەم ،كۈلەر ئالەم ،كۈلەر ئاسمان ،
‏‏ئۆزگىچە خاس مىللىلىتىنىڭ ئۆچمەس ئىزى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
pari + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-3-21 17:34:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش ئەھلى. قانداق بۈگۈنكى نۇرۇز بايرىمىڭلار ياخشى ئۆتىۋاتقاندۇ. مەقسەتكە كەلسەك مەن تۈنۈگۈن نۇرۇزغا ئاتاپ باشقا توردىن بولسىمۇ ئازراق بىر نەرسە يوللاپ قويغان . بۈگۈن يەنە يوللىماي تۇرالمىدىم.

باھار سۇرىتى
كەلدى نەۋباھار،
زېمىن ئىللىدى.
مەيىن شاماللار،
كۆكلەم چىلىدى.

ئىرىدى مۇز توڭ،
جانلاندى دەريا.
سۇمبۇل چاچلىق قىز،
مەجنۇنتال گۇيا.

يىشىلمىغان تون،
كەيدى دالىلار.
يايلاقتا ئوتلاپ ،
يۇرەر پادىلار.

ئىچىلدى گۈللەر،
ياساندى باغلار.
كۇلىمسىرىدى،
ئاق باشلىق تاغلار.

قۇشلار چالدى ساز،
مۇڭلۇق ناۋاغا.
نۇرۇز بۇۋىمۇ،
چۇشتى ساماغا.

قارلىغاچ ئۇۋا،
سالدى ئايۋانغا.
تەلمۇرۇپ باقتى،
دىھقان ئىتىزغا.

ئۇيۇن ئۇينىدى،
بالىلار قىنىپ
نەۋرۇز قۇينىغا،
ئۆزلىرىنى ئېتىپ.

كەلسىكەن نەۋرۇز،
كەتمىسىكەن نەۋرۇز.
نەۋرۇز قۇينىدا ،
نىشانىمىز ئولۇغ.

مەنبە: ئۇقۇغۇچۇم قەلىمىدىن.

باھا سۆز

بارىكاللا ئوقۇغۇچىڭىزغا !  ۋاقتى: 2014-3-21 19:51

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
pari + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-3-21 20:33:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېرىڭىز ماڭا بەكلا ياراپ كەتتى. بۇلۇپمۇ ‹‹ئۇيۇن ئوينىدى بالىلار قېنىپ.نەۋرۇز قوينىغا،ئۆزىنى ئېتىپ. دىگەن كۇبىلىت

باھا سۆز

قەلىمىڭىزنىڭ سۈيى تۈگەپ كەتمىگەندۇ سىزمۇ يازمامسىز ؟ تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-21 23:40
ۋاقتى: 2014-3-21 21:08:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھار كەلدى گۈزەل يازغا يول ئاچقىلى،
قىش بوۋاينى ناغرا چېلىپ ئۇزاتقىلى.
ئۇرۇق چاچتى دېھقان مۇنبەت ئېتىزلىققا،
تەر ئەجرىدىن مۆجىزىلەر ياراتقىلى.

دېھقان دەيدۇ: يەر خەزىنە، ئەجىر ئالتۇن،
شۇنىڭ ئۈچۈن قەلبى يانار بولۇپ يالقۇن.
يەرگە ئىشلەر، كۆڭۈل قويۇپ ئۆمۈر بويى،
توسالمايدۇ ھەرگىز ئۇنى بوران – چاپقۇن.

دېھقان ئېيتۇر: يەر تويغاندا، ئەل تويىدۇ،
ئاچچىق تەردىن، قارا تۇپراق قەنت بولىدۇ.
پەن – تېخنىكا ھەمكارلاشسا دېھقان بىلەن،
چۆللەر بوستان، تاش – تۇپرىقى زەر بولىدۇ.

باھار كەلدى، غاز، تۇرنىلار قاتار كەلدى،
يېزىمىزغا ئەجەب ئاۋات بازار كەلدى.
ھاۋا ئىللىپ قايماق بولدى مۇز چوققىلار،
باھار ئاتلىق گۈلگە خۇمار نىگار كەلدى!
مۇنبەردىكى دوسلارنىڭ  نەۋرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +10تىللا +5تۆھپە +10شۆھرەت +10يىغىشسەۋەبى
نەركىزە + 10 + 5 + 10 + 10نىمە دىگەن ئىسىل چىقق.

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-3-21 22:33:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە كەلدىڭ نۇرۇز(نەسىر)
نۇرۇز،يەنە كەلدىڭ!تەبىئەتتىكى قار-مۇزلارنى ئېرتىپ،جانلىقلارنى ئويغۇتۇپ،جاھاننى يىشىللىققا،گۇل-چىچەككە پۇركەتكىلى،ئىشچانلارغا تىرىشچانلىق ئاتا قىلغىلى يەنە كەلدىڭ!
مەرھابا!قەدەملىرىڭگە نۇرۇز!ئۇغۇز،سۇتۇق ئېتنىڭ كىشنەشلىرىنى،ئامانىسانىڭ كۇينى،مەختۇمسىلانىڭ غۇرۇرنى،سادىرنىڭ چۇقانلىرنى،مۇسابايىۋلارنىڭ گۇدەك ئاۋازنى،ماناس دەرياسنىڭ شاۋقۇنلىرنى بىزگە ئەسلەتكىلى يەنە كەلدىڭ!
«قۇتادغۇبىلىك،تۇركى تىللار دىۋانى»نىڭ ئالماس قۇرلىرنى،سۇتۇق بۇغراخان،مەخمۇد قەشقىرى،يۇسۇپ خاس ھاجىپ،نەۋائىنىڭ................ئىزتاپلىرىنى،يۇرەك سۇقۇشلىرنى بىزگە ئەسلەتكىلى،بىزنى ئويغاتقىلى كەلدىڭ!
مەرھابا ئالتۇن قەدەملىرىڭگە نۇرۇز!
مەنبە:تەڭرىتاغ گېزتى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +2تىللا +2تۆھپە +2شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
pari + 2 + 2 + 2 + 2ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-21 23:40:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
13899298265 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-21 20:33
بۇ شېرىڭىز ماڭا بەكلا ياراپ كەتتى. بۇلۇپمۇ ‹‹ئۇيۇن ئوي ...

قەلىمىڭىزنىڭ سۈيى تۈگەپ كەتمىگەندۇ سىزمۇ يازمامسىز ؟
ۋاقتى: 2014-3-22 12:13:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇ يېزىشقا تىرشى ۋاتىمەن. ھازىرچە يازغانلارنى ئۇقۇپ تۇراي
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش