ئىگىسى: pari

بايقاشتا نەۋرۇز مەشرىپى( 3 )

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-3-20 13:24:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەركىزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-20 15:41  

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بارچە بايقاش ئەھلى، ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم پەرى مۇئەللىم، كەمىنە نەركىزەدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىمىزنىڭ، سۈيۈملۈك ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ نورۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!! پەرى مۇئەللىم ماڭا نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى بېرىپتىكەن، نازارەت قىلىمەن دەپ تاسلا قاپتىمەن بۇ سورۇندىن قورۇق قالغىلى، مېھمانلارنى ۋاقتىدا تۆرىگە چىللىۋىلىشنى كەينىگە سۈرۈپ قويۇپ ھەممىڭلاردىن خىجىللىق ئىلكىدە ئەپۇ سورايمەن، شۇنداقلا تۆۋەندىكى تاققا-تۇققا يېزىلغان مىسرالىرىم ئارقىلىق بايقاش ئەھلىنى نورۇز ئىشى ئىچىپ كېتىشكە تۇرپانغا چىللايمەن....

كەلدى نورۇز، كەلدى باھار، كۈلدى ئالەم،
كېتىپ مانا قەھرىتانمۇ تۇتتى ماتەم.
بارچە ئاۋام چۈشۈپ مەشرەپ سەيناسىغا،
قىزىپ نورۇز، قىزىپ جاھان، قىزىپ ئالەم.

ئاتەش يۇرتى تۇرپاندا قاينىدى نورۇز،
ھاۋايىمىز ئىسسىقتۇر، مېھرىمىز ئىسسىق.
چىللىدۇق بىز سىلەرنى ئوت ماكانىغا،
كىلىڭ دوستۇم تۇرپانغا چىيىمىز قىزىق.

قۇيالىساق سىز ئۈچۈن بىر پىيالە چاي،
ئارمانىمىز قالمايتتى بارچە ئاۋامدىن.
نورۇز ئېشى پىشىپ بولدى قۇيىۋالاي،
ئىچىپ كېتىڭ بىر پىيالە ئىسسىغىدىن.

باھا سۆز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەركىزە مۇئەللىم ، سىزنى نازارەتچىلىك قىلماي نەدە يۈرگەندۇ ؟ دىسەم تاتلىق -تاتلىق شېئىرل تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-20 16:32

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
pari + 5 + 5 + 5 + 5ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-3-20 13:39:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلدى نورۇز،كەتتى ئاياز،كەتتى قەھرىتان،
دىھقان دادام قۇتلاپ باھار كۈلدى شادىمان.
بارچە ئويغۇر نورۇز ئۈچۈن قىلسا تەنتەنە،
بىزلەر تاتلىق ئۇخلاپ ياتساق بولمامدۇ يامان.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
pari + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-3-20 14:42:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەيلەيكۇم مەشرەپ ئەھلى ،مەن يازغۇچى بۇ مەشرەپتىن قۇرۇق قالسام بولماس،مەنمۇ ئىقتىدارىمنى سىناپ كورەي ،ياراپ قالسا تىللانى ئايماي چاچقۇ قىلارسىز.
بايقاشتا مەشرەپ بوپتۇ دەپ ،
تىزىپ كەلدىم دەستە گۇل -چىچەك،
گۈل چىچەككە ئورالدى دۇنيا،
قىززىپ كەتكەچ بايقاشتا مەشرەپ.

قۇت تىلەيمەن بور بار قوللارغا،
ئۇلار ئەجىرى ئاچقاندا چىچەك.
سەبى دىللار مەڭگۇ پاك بولسۇن ،
خۇشال كۇلۇپ باقسۇن كىلەچەك.

باغلارمۇ گۈل ،ئىتىزلارمۇ گۈل،
تارقاتتىمۇ،بايقاش گۈل چىچەك،
يەنە روناق تاپقىن ،ئورلىگىن،
ساڭا مەنسۈپ ئەڭ ئالى تىلەك.

باھا سۆز

ياخشىمۇ سىز يازغۇچى ؟ئىسمى جىسمىڭىزغا لايىق شېئىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ، رەھمەت داۋاملىق يېزىپ تۇرغ تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-20 15:42

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
pari + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-20 15:42:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 14:42
ئەسسالامۇ ئەيلەيكۇم مەشرەپ ئەھلى ،مەن يازغۇچى بۇ مەشر ...

ياخشىمۇ سىز يازغۇچى ؟ئىسمى جىسمىڭىزغا لايىق  شېئىرىڭىز  ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ، رەھمەت داۋاملىق يېزىپ تۇرغايسىز .
ۋاقتى: 2014-3-20 16:11:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگەندە باش باھار قولنى يىتىلەپ ،
پۇتكۈل جان ئالقىشلاپ ئيتتى مەدىيە.
كائىنات مىھرىڭدىن تويغاندا نەۋرۇز،
قارا قىش  بوقۇلداپ قىلار مەرسىيە............

باھا سۆز

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەمرجان مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟ سىز "تەۋپىق"، "چوغلان" تور بىكەتلىرىدىكى ئەمەرجان شۇمۇ؟ ئەس تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-20 16:46

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
pari + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-20 16:32:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەركىزە يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 13:24
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بارچە بايقاش ئەھلى، ئەسسىلامۇ ئەلە ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەركىزە مۇئەللىم ،  سىزنى نازارەتچىلىك قىلماي نەدە يۈرگەندۇ ؟ دىسەم تاتلىق -تاتلىق شېئىرلارنى ئىزدەپ يۈرۈپسىز ئەمەسمۇ ؟؟رەھمەت ياخشى شېئىرىكەن .نەركىزەگە ئەگىزىپ مەنمۇ بايكاش مۇنبىرىدىكى بارلىق دوستلارنى ئوت يۇرتى تۇرپانغا تاكلىپ قىلىمەن .

ئادەملىرى ئۇچۇق يۇرۇق تۇرپاننىڭ ،
مېۋە -چېۋە تۈرلىرى كۆپ تۇرپواندا ،
سۈيى گويا ئابىھايات شىپالىق ،
كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن شۇ تۇرپاندا .

ئاق كۆڭۈل سىرداش دوستلار تۇرپاندا ،
مول ھوسول ۋە باياشاتلىق تۇرپاندا ،
سودا سېتىق راۋاج تاپقان ھەم ئەرزان،
سۈپەتلىك مال خاتىرجەملىك تۇرپاندا .

ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى بولغان خالىقجان ،
يىتىلگەن شۇ ئەزىز تۇپراق تۇرپاندا ،
كېلىڭ دوستۇم ھوزورئەيلەڭ تۇرپاندا ،
ئەنئەنىۋى قەدىمىي شەھەر تۇرپاندا.

سەل تېمىدىن چەتنەپ كەتتىمغۇ ئەمدىتاققا -تۇققا سۆزلەپ  ؟
ۋاقتى: 2014-3-20 16:46:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەركىزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-20 18:28  
艾买尔江125 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 16:11
كەلگەندە باش باھار قولنى يىتىلەپ ،
پۇتكۈل جان ئالقىشلا ...


ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەمەرجان مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟ سىز "تەۋپىق"، "چوغلان" تور بىكەتلىرىدىكى ئەمەرجان شۇمۇ؟ ئەسەرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتۇم، مانا ئەمدى بايقاشتا شېئىرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە نائىل بولۇپ خۇشال بۇلىۋاتىمەن، تىرىشىڭ ئۇستاز، ۋاقتىڭىز يەتسە بايقاشتىكى دوستلار بىلەن تۇرپانغا كىلىڭ نورۇزنى بىللە ئۈتكىزىمىز...
ۋاقتى: 2014-3-20 17:25:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە .ۋاقىت ئىتىۋرى بىلەن شۇ ئەسەر يازالمىدىم.
ۋاقتى: 2014-3-20 17:43:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاشتىكى ئۇقۇتقۇچى-ئۇستازلار. نۇرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
مىنىڭ شىئىر، قۇشاق دىگەنلەردىن تازا خەۋىرىم يوق. بىراق باشقىلارنىڭ ئىجادىيتى ئارقىلىق بولسىمۇ بايقاش ئەھلىنىڭ نۇرۇز بايرىمىنى تەبىرلەشنى لايىق تاپتىم. كەچۈرگەيسىزلەر.

نورۇزنامە ‹‹ يىغىلدۇق ››



نەزەردىن جامالىدىن



قېرىنداشلار نورۇزدا مۇڭداشقىلى يىغىلدۇق ،

بىر نۇرانە ئىقبالغا يول ئاچقىلى يىغىلدۇق .



خاسىيىتى نورۇزنىڭ يېڭىلانماق كائىنات ،

يېڭىلىقتىن ، پاكلىقتىن قۇت تاپقىلى يىغىلدۇق .



يۇرتىمىزمۇ نورۇزدا ئەلگە ساپتۇ دەستىرخان ،

بۇ گۈلباغقا ئۆملۈكتىن كۈچ قاتقىلى يىغىلدۇق .



نېمە يىتەر ئۆملۈككە ، ئىناقلىققا ، دوستلۇققا ،

بۆلۈنگەنگە ، بۆلگەنگە ئوق ئاتقىلى يىغىلدۇق .



ھازىرمۇ بار بىزلەردە  خۇراپاتلىق ، نادانلىق ،

قول تۇتۇشۇپ شۇلارنى يوقاتقىلى يىغىلدۇق .



يالغۇز دېمەڭ بىزلەرنى ، بىز قېرىنداش ، يۈلەكداش .

يىقىلغاننىڭ قولىدىن تەڭ تارتقىلى يىغىلدۇق .


مەنبەسى: مىسرانىم مۇنبىرى.

باھا سۆز

تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر تاپالمىغىنى بىر باش پىياز ،،،،،،تاپقىنى قوي ئۆلتۈرەر ، تاپالمىغىنى چۈجە خوراز...... تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-20 17:58

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +2تىللا +2تۆھپە +2شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
pari + 2 + 2 + 2 + 2ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-20 17:58:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇم يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 17:43
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاشتىكى ئۇقۇتقۇچى-ئۇستازلار. نۇ ...

تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر تاپالمىغىنى بىر باش پىياز ،،،،،،
تاپقىنى قوي ئۆلتۈرەر ، تاپالمىغىنى چۈجە خوراز......
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش