| ياخشىمۇ سىز! مەنمۇ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتكە چىققىنىمغا 20يىل بولدى، كەسپىم گۈزەل-سەنئەت، خىزمەتكە چۈشكەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا مەنمۇ 2يىلدەك سىنىپ مۇدىرى، خەنزۇتىلىدىن باشقا ھەممە پەننى بىرىدىغان ئوقۇتقۇچى ئىدىم، كېيىن ناھىيىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن ھازىرغىچە ئىزچىل(بىرنەچچە يىل ئۇچۇر تېخنىكا دەرس بەرگەندى سىرت) گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتىمەن. كومپيۇتىر جەھەتتە ئۆز ھاجىتىمدىن خېلى ئۇبدانلا چىقالايمەن. ھازىر مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش قاتتىق دىتال شارائىتى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ كەتتى، ھەممە سىنىپلاردا بۇرۇنقى ئاددى شەكىلدىكى كۆلەڭگە چۈرۈش ئاپراتىنىڭ ئورنىغا دەسلەپتە كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش سىنىپلىرى، ئاندىن ھەرقايسى سنىپلاردا 60 نەچچە سۇڭلۇق كۆپ ئىقتىدارلىق كومپيۇتىر، ھازىر يەنە سىرىلما دوسكىلىك كومپيۇتىر سەپلەندى، يىللىقلارنى ئاساس قىلىپ ئەمىلى بويۇم كۆرستىش ئاپراتلىرىمۇ سەپلەندى. لېكىن بۇنىڭدىن نەتىجە شۇ بولدىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ يەتكىچە بىسىمغا دۇچار بولدى. چۇقۇم ھەپتىسىگە مانچە سائەت ئىلىكتىرلىك دەرس ئۆتۈشى، دەرسلىك يۇمتالى تۈرۈش، تىزىملاش دەپتىرى، ئىشلىتىش خاتىرىسى... دىگەندەك نەچچە دەپتەرنى تولدۇرۇشى، ۋاقتىدا گۇرۇپپا مەسئۇللىرىغا ئىمزا قويدۇرۇشى... دىگەندەك بىرتالاي ئىشلارمۇ ئۇلارنى ھاردۇرۋەتتى. ئۇنىڭدىن سىرىت دوستلار ئېېتقاندەك تۈگىمەس ھەرتۈرلۈك ئارخىپلارمۇ بىزنىڭ يۈكىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۋېتىدۇ. سۇئالنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، مەكتىپىمىزدە بۇرۇن يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش جەھەتتە بىرقىسىم تەجرىبىلەر توپلانغان، مەسىلەن، دەسلەپكى دىسكىغا ئويۇپ ئىشلىتىشتىن مەكتەپ ئىچكى تورى ئارقىلىق بىۋاستە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش تورىغا ھەمبەھرى قىلىپ بىۋاستە ئېچىپ ئىشلىتىش، بۇنىڭدا ئاساسلىق ماتىماتىكا، ئىلىم-پەن... قاتارلىق بىرقانچىلا دەرس ماس كەلسىمۇ، بار شارائىتتىن پايدىلىنىپ ماس ھالدا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. ماس كەلمىگەن باشقا دەرسلىكلەردە مەكتەپنىڭ مەخسۇس بايلىق ئامبىرى قۇرۇلۇپ، پەن تۈرى، يىللىقلار بويىچە رەتلىنىپ، يەنىلا شۇ پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ جاپا چىكىپ ئاستا-ئاستا جۇغلانما قىلىپ ئامبار ھاسىل قىلىشى ئاساسى جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشقان. ھازىر بولسا تورلاشقان سىنىپ ئەسلىھەلىرى بويىچە ھەرقايسى سىنىپلارغا قاچىلانغان دەرس تەييارلاش سېستىمىسى ۋە دەرس ئۆتۈش سېستىمىسى قاتارلىق يۇمتاللاردىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتۈش ئوقۇتقۇچىلارغا خېلى تۇنۇش بولۇپ كەتتى. بۇمۇ بىرمەزگىللىك ئەمگەكتىن كېيىن ئاندىن ئۈنۈم كۆرىلىدىغان، ئاستا-ئاستا جۇغلىنىدىغان، كۆنگەندىن كېيىن ئاندىن پىششىق بولىدىغان زۈرۈر بىر ۋاستىكەن. مەكتەپ رەھبەرلىكىمۇ يۇقىرىنىڭ تەمىنلىگەن شارائىتىغا قاراپ ئولتۇرماي، تورلاشتۇرۇش، ماتىرىياللارنى جۇغلانما قىلىش، ئۈسكىنىلەرنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خېلى كۈچەپ، بار ئىمكانىيەت بىلەن كومپيۇتىردىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتۈش، دەرس تەييارلاش تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. ھازىرچە بۇرۇنقى شەكىلۋازلىقتىن خېلى ئەمىلى ئىشلىتىشكە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مائارىپ سۇپىسى قاتارلىق تور مۇھىتى ئارقىلىق ھەرقايسى مەكتەپلەر، ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ ماتىرىياللىرى ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ پايدىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە ھازىرچە ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار ئاز بولغىنى بىلەن بۇمۇ ئاستا-ئاستا تۇلۇقلىنىدۇ، سىزمۇ ئەجىر سىڭدۈرسىڭىز، مەنمۇ، ئۇمۇ شۇنداق قىلسا نەچچە يىلغا قالماي ھەممە تۇلۇقلىنىدۇ. يول ماڭغانسىرى ھاسىل بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ پەقەت بۇ ھەربىرىمىزنىڭ تەييارغا قاراپ ئولتۇرماي تىرىشىشىمىزاغا باغلىق دەپ قارايمەن. بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ تەكشۈرۈش كۆپ، ناھىيە، ۋىلايەتتىن ماۋسۇمدا قانچە قېتىملاپ تەكشۈرگىلى كەلگەنلىكىنى مەنمۇ ساناپ بولالمايمەن، لېكىن ياخشى يىرى ھەممىمىز ئۆز ئىشىمىزغا پۇختا بولۇپ، مەسئۇليەتنى ياخشى ئادا قىلساقمۇ، ئۇنداق تەكشۈرۈشلەرمۇ قورقۇنۇچلۇق ئەمەسكەن، ئۇلارمۇ تەكشۈرۈپ كىلىپ كىتىپ تۇرىدۇ، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇليەت دائىرىمىزنى خىزمىتىمىزنى ئىشلەۋىرىمىزشۇ. ئومۇمەن ئېتيقاندا، بىرىنچى سۇئالدا مەكتىپىمىزدە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقلىرى ئىچىدە پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى بارلىرىدىن تۇلۇق پايدىلىنىش، ئوقۇتقۇچى ئۆزى تۈزۈپ پايدىلىنىش ئۈچۈن جۇغلانما قىلىش، توردىكى ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىش، يۇقىرىدىن تەمىنلەنگەن ئوقۇتۇش يۇمشاق دىتالى، ئوقۇتۇش يۇمشاق دىتال بارماق دىسكىسى، چىكىپ ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسى، تورلاشقان سىنىپ ئەسلىھەسى، مائارىپ تور سۇپىسى ... قاتارلىقلارنى بىرگەۋدە قىلىپ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىشلەپ كىلىۋاتىمىز. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئىشخانىسى، كومپيۇتىر ئۆيى، ھەرقايسى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىشخانىلىرى، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش سىنىپى، تىل سىنىپى، ھەرقايسى سىنىپلاردىكى تورلاشقان سىنىپ ئوقۇتۇش كومپيۇتېرى قاتارلىقلار ئۆز-ئارا باغلانغان بولغاچقا ھازىر ناھايىتى راۋان ئوقۇتۇش قاتتىق دىتال شارائىتى شەكىللەندى دىسەكمۇ بولىدۇ. مەكتەپ يەنە ھەربىر ئوقۇتقۇچىنى 4 جىلىق بارماق دىسكا بىلەنمۇ تەمىنلەپ ئۈلگۈردى. شۇ تۈگىمەس خاتىرىلەر ئىچىدە سەل ھارىدىغان گەپكەن. ئىككىنچى سۇئالغا: ھازىر سۈنئى ھەمرادىن تارقىتىلىۋاتقان يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقلىرى ئىچىدە ئەڭ نۇرمال پايدىلىنىۋاتقىنى يەنىلا ماتېماتىكا ۋە ئىلىم-پەن دەرىسى، ئۇنىڭدىن باشقا مەن بىرىۋاتقان گۈزەل-سەنئەت دەرسلىك ماتىرىيالىمۇ خەنزۇچە بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتاپ بىلەن خەنزۇچە كىتاپنىڭ مەزمۇنى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بولغاچقا پەقەت ئازراق تەرجىمە قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ئەمىلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرسەكلا ئىشلەتكىلى بولغانلىقتىن مەنمۇ ئاساسى جەھەتتىن پايدىلىنالىدىم دەپ قارىدىم. باشقا ماتىرىياللاردىن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش خارەكتىرلىك فىلىملەر قاتارلىقلاردىن ئەخلاقى تەربىيە بۆلۈمى ماتىرىيال قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. قالغان ماتىرىياللار ئاساسى جەھەتتىن ئىشلىتىلمىدى. ئاڭلىسام شىنجاڭ ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورنى ئۇيغۇرچە ماتىرىيال ئامبىرى تارقىتىپتىكەنمىش، لېكىن بىز كۆرۈپ باقمىدۇق. مىنىڭچە باشقا ئۇيغۇرچە ئۆتىلىدىغان پەنلەر بويىچە ماتىرىيال ئامبىرى تۇلۇقلاشقا تېگىشلىك، 2004-يىلدىن بۇيان سەپلەنگەن يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كومپيۇتىرىمۇ يېڭىلىنىپ بولدى، لېكىن شۇ ماتىرىيال مەنبەسى يېڭىلانمىدى، ئون يىلدىن بۇيان شۇ پېتى تۇرىدۇ. ئۈچىنچى سۇئالغا: ئەلۋەتتە، بۇخىل ماتىرىياللارنى يەنىلا تور مۇھىتىدا پايدىلىنىش ئۇسۇلى ئارقلىق يەتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن، چۈنكى تور مۇھىتىدا مەيلى قايسى جايدا بولماي نۇرمال ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى(ئايرىم ساندىكى تورمۇھىتى بولمىغان جايلارنى قوشمىغاندا)، تور سۈرئىتىمۇ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە تىزلەشتى. بىزنىڭ مەكتەپتە ھازىر ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان ئۇسۇل يەنىلا مەكتەپ ئۆزى قۇرغان ئوقۇتۇش بايلىقلىرى ئامبىرىدىن پايدىلىنىش. بۇنى مەكتەپتىكى ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى نەچچە يىل ئەجىر سىڭدۈرۈپ ھاسىل قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ ئاساسى يەنىلا سۈنئى ھەمرادىن چۈشكەن ماتىرىياللار، ھەرقايسى دىسكىلاردىن، توردىكى ماتىرىياللارنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن، ئۆزگەرتىلگەن ياكى تۇلۇقلىنىپ ماسلاشتۇرۇلغان. ئىشقىلىپ ھازىر ئۇقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلىقى، دەرسلىك دىتالى قاتارلىقلاردىن ئاساسەن ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ. تۆتىنچى سۇئالغا: ئۇچۇرلاشقان تور بايلىقلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن قانداق تەدبىر بەلگىلەشتە، مىنىڭ ئالدى بىلەن رەھبەرلىكنىڭ ئەھمىيەت بىرىشى بىرىنچى ھالقا، ئىككىنچىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كومپيۇتىر سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش، ئۈچىنچىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرستىن باشقا قۇشۇمچە يۈكىنى يىنىكلىتىشتە دەپ قارايمەن، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇچۇرلاشقان بايلىق مەنبەسىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بەرمىسە، ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلمىسا، شەكىلۋازلىق قىلىشقا زورلىسا ئەلۋەتتە بۇ يەنىلا قول ئۇچچىدىلا قىلىدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ. ئۇقۇتقۇچىلار كومپيۇتىردىن پايدىلىنىشنى بىلمىسە، ئىشلىتىشنى خالىمىسا، ئاۋارىچىلىق دەپ قارىسا، شەكىل ئۈچۈنلا پايدىلانسا ئۇنىڭ ئۈنۈمى يەنىلا نول بولىدۇ؛ مەكتەپ كومپيۇتىردىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا قولدا دەرس تەييارلاشتا چىڭ تۇرىۋالسا، كومپيۇتىردىن قەغەزگە كۆچۈرۈشكە زورلىسا، نۇقۇل دەرس تەييارلىقىغىلا ئېسىلىۋېلىپ، ئۇسۇل- جەريان، ئىزدىنىش، تەتقىقات ئۈچۈن ۋاقىت، شارائىت يارىتىپ بەرمىسە، دەرس ئۈتۈش مەسئۇلىيىتىدىن سىرت تۈگىمەس، ئايىغى چىقماس ئارخىپ ئىشلەش، سىياسى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇشقا تەشكىللەش... قاتارلىق بېسىم خارەكتىرلىك قۇشۇمچە لېكىن ئادەمنى گېلىنى ھەرىدىگەندەك قىينايدىغان پۇخاقتەك ئارتۇقچە خىزمەت مەسئۇليەتلىرىنى يەتكۈچە ئارتىپ قويسا يەنىلا بۇ ئىش باشلانماي تۇرۇپلا شەكىلۋازلىققا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ، ئۈنىمىدىن سۆز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ يەردە مۇنداق بىر ئىشنى مىسال قىلغۇم كىلىۋاتىدۇ: مەلۇم بىر يېزىدا چارۋىچىلىق بويىچە ئۆلگە كۆرسىتىش بويىچە نەخ مەيدان كۆرەك قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپتۇ، يېزىمۇ بۇ خىزمەتنى شۇنچە كۈچەپ ياخشى ئىشلەپتۇ، كۆرەكمۇ غەلبىلىك ئاياقلىشىپتۇ، ئەپسۇسنارلىقى شۇكى يېزىدىكى يېزىغا تەۋە چارۋا ماللار، شۇنچە باي كۆرسىتىلگەن دىھقانلارنىڭ چارۋىلىرى ئەمىلىيەتتە خوشنا يېزا، ھەتتا ناھىيىلەردىن ئارىيەتكە ياكى ئىجارىگە ئېلىپ كىلىنگەن ئىكەن، كۆرەك تۈگىگەندىن كېيىن مال ئىگىسىگە قايتۇرۇلۇپ، نامرات يەنىلا نامرات پېتى قاپتۇ... ھېچنەرسە شۇ پېتى ئۆزگەرمەپتۇ. كېيىن بۇئىش قايتا تەكشۈرۈشتە ئىنىقلىنىپ، نۇرغۇن باشلىقلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىپ، بۇ ئىشمۇ خېلى ۋاقىتقىچە قىزىق نوقتىغا ئايلانغاندى. دىمەكچىمەنكى، ئەمىلىيەتچىل بولۇش، يوقنى بار كۆرسەتمەسلىك، باشقىلارنىڭكىنى ئۆزئەينى دورىماي ئۆز ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇش، ئىزدىنىپ يىراقنى كۆزلەپ پۇختا قەدەم بىلەن مېڭىش ھەممىمىزگە تاۋاپ ئىش. مائارىپ ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ، بۇ ساقتىلىق ئاخىرىدا ئۆز باللىرىمىزنىڭ بېشىغا چىقىدۇ. قوش تىل ئوقۇتۇشى توغرىلىق بىرقىسىم ئويلىغانلىرىم بارئىدى،بولدىلا مۇشۇنچىلىك سۆزلەي، كۆپ سۆزلىسەم جۈيلۈپمۇ سالماي يەنە...
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|