| بۇتېما ئىنتايىن ياخشى چىقىرىلىپتۇ ، دېمىسىمۇ ھازىر كۆپ قىسىم مەكتەپلەردە يۇقارقىدەك ئەھۋاللار مەۋجۇت ، لىكىن ئەكسىچە يەنە بىر قىسىم مەكتەپلەردە كومپيۇتېردا يازغان دەرس تەييارلىقى تۈگۈل،بازاردىن سېتىۋېلىپ ئىشلىتىدىغان "ئالاھىدە دەرس تەييارلىقى " نى ئۇدۇللا سىنىپقا كۆتۈرۈپ كىرىپ دەرس ئۆتىۋاتقان مەكتەپلەرمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ ، بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا كومپيۇتېردا يازغان دەرس تەييارلىقى مىڭ مىڭ ياخشى ، ھەم جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ تۈگىمەس يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە ، ئالدىمىزدا ئولتۇرغان قارا كۆزلەرگە ئازراق بولسىمۇ بىلىم بىرىۋېلىشىمىزغا ناھايىتى چوڭ پايدىسى تەگكەن بولاتتى ،ئەمما بۇ ئىشتا مەكتەپ مۇدىرى ،ئىلمى مۇدىر قاتارلىقلارنىڭ دېگىنى ھېسابقا ئۆتمەيدۇ ، رەھبەرنىڭ ئۈستىدە رەھبەر بار . شۇڭا قېرىندىشىم "كەۋسەر"گە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم - ئىنكاس يازغاندا "سولتەك "دېگەندەك سۆزلەرنى قالايمىقان ئىشلەتمەي ،مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ياخشى ئويلىنىپ ئاندىن خۇلاسسە چىقىرىشىنى سورايمەن . |
|