| ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، سىز يوللىغان بۇ تېما ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدىكەن، بىزنىڭ بۇيەردە كومپىيوتېر ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ دەرس پىلانى كومپىيوتېردا تۈزۈلگەن بولىشى كېرەك ، بۇنى بېسىپ چىقىرىشقا بولمايدۇ ، قايسى ھەپتىگە كەلگەن بولسا شۇ ھەپتىنىڭ دەرس تەييارلىقىنى بارماق دىسكىغا كۆچۈرۈپ ئىلمىي مۇدىرغا تەستىق سېلىشى كېرەك دىگەن قائىدە بار ،ئۇنىڭدىن باشقا بىرقىسىم قوشۇمچە پەن يەنى : ئەخلاق ، شىنجاڭ ، ئۇنۋىرسال ئەمەلىيەت پائالىيتى دىگەندەك دەرىسلىكلەر كومپىيوتېردا تەييارلىنىدۇ .. مەن بايقاش تورىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن مەكتەپ رەھبەرلىكى بىلەن كۆپ قېتىم سىز دىگەن مەسىلە توغرىلىق مۇنازىرىلەشتىم ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە : بىزنىڭ مەكتەپتە بۇرۇن ھەممە پەن دەرس تەييارلىقىنى كومپىيوتېردا يولغا قويغان بولۇپ ، بەزى بىر كومپىيوتېر ئۇقمايدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز توردىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ ، چۈشۈرگەن دەرس تەييارلىقىنى قىلچە تەھرىرلىمەستىن بېسىپ چىقىرىپ ئىلمىي بۆلۈمگە تەستىقلىتىشقا ئەكىرگەنلەرلەر بار ئىكەن .. مەسىلەن ئاشۇ دەرس تەييارلىقى قايسى تور بەتكە تەۋە بولسا تور ئادرىسىنى ئۆچۈرمەستىن شۇ پېتى تەستىقلىتىدىكەن .شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەھۋال مەكتەپلەر ئارا تەرەققىي قىلىپ كېتىپ ، بىزنىڭ ناھىيەدە يەنىلا قولدا يېزىشنى توختاتماسلىق قارارىغا كەپتۇ .. ئەگەر ئاشۇنداق كۆچۈرمىلىك ئىدىيسى بار ئوقۇتقۇچىلار بۇ تېمىنى كۆرگەن بولسا ، تىرىشچان ئوقۇتقۇچىلارغا يۈز كېلەمەيدىغانلىقىنى چۈشۈنىپ يېتەر بولغىيتى ئەلۋەتتە ... تېما ئىگىسىگە رەھمەت ... |
|