ئىگىسى: يىلپىز

كومپيۇتېردا قىلغان دەرس تەييارلىقى ئىتراپقا ئېلىنمامدۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-3-26 00:23:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پەقەت  بىر قىسىم جايلاردا شۇنداق ئوخشايدۇ ، بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردە بۇلسا ئۇنداق ئەمەس .
مائارىپ ئىدارىسى توردىن چۇشۇرگەن ماتىريالنى بىۋاستە ئىشلەتمەي ،قايتا ئۈزىمىىزنىڭ ئەمىلى شارائىتىمزغا ماسلاشتۇرۇپ ،پىششىقلاپ تەييارلىغاندىن كىيىن ئىشلىتىشكە يول قويغان .
ۋاقتى: 2014-3-26 08:47:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانابۇ مائارىپتكى ئۇقۇتقۇچىنڭ يۇكىنى يەڭەللىتمەسللك مەسلىسى بۇ مەسلىنى ناھىيللك مائارىپ ئىدارىنڭ باشلىقى. ئۇقۇتۇش تەتققات ئىشخانىسىنڭ جۇرۇنى ۋەباشىقا كادىرى ئۇبدان ئۇيلۇنۇپ بىقىش كىرەك.چۇنكى ئۇلرمۇ  مائارىپ قۇشۇندىن يىتشپ چىققان .ئۇقۇتقۇچىنڭ مائاشى نىمىشقا ئۇسىمەيدۇ.بۇنى ھەربىر مائارىپچى ئۇبدان مۇھاكىمە قىلىپ :بىقشى كىرەك.:Q:Q:Q:Q:Q:Q:Q:Q:Q
ۋاقتى: 2014-3-28 13:03:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى بەلەن يېزىپسېز ئەمما ھازىرقى مائارىپنىڭ سالمىقىنى چۈشەنمەيدېغانلار بۇنى بىلمەيدۇ.
ۋاقتى: 2014-3-28 16:49:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرس تەييارلىقىنى كومپيۇتېرغىمۇ قولدا بېسىپ تەييارلاپ، ئاندىن قەغەزگە بېسىپ چىقىرىدىغان گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممەيلەنىڭ تەييار نەرسىنى ئىشلىتىشى ناتايىن. توردىن چۈشۈردى دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى يەنە ئۆزىىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ئۆز ئورنىدىكى دەرسنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى... قاتارلىقلارغا ماسلاشتۇرۇپ قايتا رەتلەپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. بىر قېتىم كومپيۇتېردا تەييارلىغان(ياكى چۈشۈرگەن) تەييارلىقىنى بىر مەۋسۇملا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.(باشلانغۇچتا 6يىلدا قايتا ئىشلىتىش پۇرسىتى كېلىدۇ، تېخى). 6يىلغىچە دەرسلىك كىتاب ئۆزگەرمەيدۇ دەپ كىممۇ ئېيتالايدۇ؟......؟
ۋاقتى: 2014-3-28 17:04:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇتېما ئىنتايىن ياخشى چىقىرىلىپتۇ ، دېمىسىمۇ ھازىر كۆپ قىسىم مەكتەپلەردە يۇقارقىدەك ئەھۋاللار مەۋجۇت ، لىكىن ئەكسىچە يەنە بىر قىسىم مەكتەپلەردە كومپيۇتېردا يازغان دەرس تەييارلىقى تۈگۈل،بازاردىن سېتىۋېلىپ ئىشلىتىدىغان "ئالاھىدە دەرس تەييارلىقى " نى ئۇدۇللا سىنىپقا كۆتۈرۈپ كىرىپ دەرس ئۆتىۋاتقان مەكتەپلەرمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ ، بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا كومپيۇتېردا يازغان دەرس تەييارلىقى مىڭ مىڭ  ياخشى ، ھەم جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ تۈگىمەس يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە ، ئالدىمىزدا ئولتۇرغان قارا كۆزلەرگە ئازراق بولسىمۇ بىلىم بىرىۋېلىشىمىزغا ناھايىتى چوڭ پايدىسى تەگكەن بولاتتى ،ئەمما بۇ ئىشتا مەكتەپ مۇدىرى ،ئىلمى مۇدىر قاتارلىقلارنىڭ دېگىنى ھېسابقا ئۆتمەيدۇ ، رەھبەرنىڭ ئۈستىدە رەھبەر بار . شۇڭا  قېرىندىشىم "كەۋسەر"گە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم - ئىنكاس يازغاندا  "سولتەك "دېگەندەك سۆزلەرنى قالايمىقان ئىشلەتمەي ،مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ياخشى ئويلىنىپ ئاندىن خۇلاسسە چىقىرىشىنى سورايمەن .
ۋاقتى: 2014-3-28 22:01:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ شۇ ئىتراپ قىلمايدۇ
ۋاقتى: 2014-3-28 22:19:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەننىڭ دەردى ئوخشاش ،بۇ دەتلەرگە كىممۇ يىتەر؟مەكتەپ مۇدىرى ، ئىلمى مۇدىر سولتەكلەر دىن مۇ كومپىيوتىر ئىمتىھانى ئېلىپ تۇرسا بۇلىدۇ بۇخەخ.
ۋاقتى: 2014-3-28 22:53:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مەن سولتەك بۇ تىمىنى كۆرگەن ئەمەس بەلكى مەنمۇ شۇ تەكلىپنى بازىرىمىزنىڭ ‹‹ئوقۇتۇش تەتقىقات›› ئىشخانسىدىكىلەرگە دىگەن،بازىرىمىزدىكى بارلىق ئىلمىي مۇدىرلار بازار بۇيىنچە ئېلىپ بېرىلغان ئوچۇق دەرىستە بىردەك قوللىغان بىراق ئۇلار يەنىلا ئۇنمىدى
ۋاقتى: 2014-3-29 00:04:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رايۇنىمىزدىكى ھەر قانداق ئۇقۇتقۇچىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك گەپ بۇلۇپتۇ . زادى نىمە ئۈچۈن مەكتەپلەر ھەر خىل ئۇختۇرۇش ، يازمىچە پىلان ىۇلاسە ۋەمائاش بىيولىرىنى شۇ كومپىيوتۇر ئارقىلىىق چىقىرىدۇ . ھەتتا كۆمپىيوتۇردى خەۋرى يوق بولغان بۇغالتىرلارمۇ  ھەر ئايلىق مائاشتا بىر ئۇقۇتقۇچى ئۈچۈن ئېيىغا 2يۈەندىن تۈتۈپ قېلىپ مائاشنى باشقىلارنى پۇل بېرىپ كومپىيوتۇردا ئىشلەپ يۇقىرغا ئۆتكۈزىۋاتىدۇ . نىمە ئۇچۈن شۇ ناچار رەھبەرلەر ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىس تەييارلىقىنى كومپىيوتۇردا تەييارلىغىلى قويمايدۇ . نىمە ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلارغا ھەخىل يوللاشقا تىگىشلىك بولغان ماتىرياللارنى قول بىلەن بىر ۋاستە يازسا ئالمايدۇ . ئۇلارنىڭ خىيالى شۇ جاپاكەش ئۇقۇتقۇچىلارنى قىيناشمىتۇ ؟ بۇنى چۇقۇم ياخشى ئويلىنىپ بېقىش كىرەك . رەخمەت سىزگە بەك ئۇرۇنلۇق پىكىرلەركەن بۇ
ۋاقتى: 2014-3-29 00:05:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق گەپلەرنى مائارىپ ئىدارىسىغا تولا دەپ ئېغىزىمىزنىڭ بىرەر قات تېرىسىمۇ چۈشۈپ كىتەي دىدى ،بىراق قىسمەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز توردىن چۈشۈرگەن دەرس تەييارلىقلىرىنى ئۆزى تۇرىۋاتقان ماكان ،ئۆز مەكتىۋىنىڭ ئەھۋالى ...قاتارلىقلارغا ئاساسەن تەھرىرلەپ ئىشلەتمەستىن قارىسىغىلا بېسىپ چىقىرىپ ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللار نۇرغۇن قېتىم ئالدىمغا ئۇچىرىدى ،ھەتتا ساۋاقداش ۋاڭ مىڭ مۇنداق جاۋاب بەردى ، لىمى ئۇنداق جاۋاب بەردى دىگەندەك جايلىرىمۇ ئۇچىرىدى ،مەنمۇ كەسىپدىشىمىز باھار88دىگەندەك مەكتەپ مۇدىرى سولتەك بولغانلىقىم ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتەي دەپ مائارىپ ئىدارىسىغا تالاي قېتىم دىگەن بولساممۇ بىراق يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار ئۇلارنىڭمۇ ئالدىغا ئۇچىرىغان بولغاچقا ئۇلار قوشۇلمىدى ، ئەسلىدە كىچچىككىنە كۈچ سەرىپ قىلىپ توردىن چۈشۈرگەن ياكى باشقىلاردىن ئالغان دەرس تەييارلىقلىرنى تەھرىرلىۋەتكەن بولساق ئاخىرىدا مۇنداق بىر-بىرىمىزگە قاقشاپ ئولتۇرۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش