ئىگىسى: يىلپىز

كومپيۇتېردا قىلغان دەرس تەييارلىقى ئىتراپقا ئېلىنمامدۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-3-14 21:49:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا بىز جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار ئۇچۇن بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز،سىزمۇ بىزنىڭ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئەمەستۇ ھە؟
مۇشۇ ئىشنى ئويلىسام مەكتەپ مۇدىرى،ئىلمى مۇدىرلارنى بەش يۇلتۇزلۇق ساراڭ،كالۋا دۆتمىكى دەيمەن.

باھا سۆز

بەش يۇلتۇزلۇق ساراڭلارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ يۈرگەنلەرنى نېمە دېسەك بو....  ۋاقتى: 2014-4-9 12:43
ۋاقتى: 2014-3-15 19:01:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇمۇ ئىش بولدىمۇ ؟قانداق بولۇپ مەكتەپ مۇدىرى،ئىلمىي مۇدىر بولۇپ قالغاندۇ؟.ئۇ قاتماللار.
ۋاقتى: 2014-3-15 20:45:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن .كىيىنچە بۇ ئىشلارمۇ ھەك بۇلار
ۋاقتى: 2014-3-15 21:23:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى ياكى باشقۇرغۇچلار ئوقۇتقۇچىلارغا قاپا سېلۋالسا،ئوقۇتقۇچىلارنى قاخشىتۋالسا،قىلسىمۇ بۇلدىغان ياكى قىلمىسمۇ بۇلدىغان ئىشلارنى ۋاقراپ-جاقراپ قىلدۇرۋالسا كوڭلى خوش بۇلدىغان ئوخشايدۇ.
ۋاقتى: 2014-3-16 23:10:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيۇتىردا يازسا سۇپەتلىك بولمامدۇ
ۋاقتى: 2014-3-17 08:33:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا،بۇماقالىنى كۈرۈپ مەنمۇ ناھايىتى ھاياجانلاندىم، لېكىن بىزنىڭ كومپىيوتىردا قىلغان دەرس تەييارلىقىنى  ھەرھالدا ئىتراپ قىلىۋاتىدۇ ، دىمىسىمۇ بىر ئوقۇتقۇچى بىر ھەپتىدە 20-25سائەتلىك دەرسنى تەييارلاشقا 20-25 سائەت ۋاقىت كەتتسە،  يەنە ھەر ھەپتىسىگە ئاز دىگەندە 15سائەت دەرسنى كۆپۋاستىلىق ئۇتۇش ئۇچۇن دەرسلىك يۇمشاق دىتالى يەييارلاشقا ئاز دىگەندىمۇ 20 سائەت ۋاقىت كەتسە، شۇ تەييارلىغان دەرسلەرنى سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۈتۈش ئۈچۈن 20-25 سائەت كەتسە،  بۇنىڭ ئۈچۈن 60-70 سائەت ۋاقىت كىتىدۇ، تاپشۇرۇقنى قايسى ۋاقىتتا تەكشۈرەيدۇ، مەكتەپتىكى ئاتالمىش رەھبەرلەر ئۇرۇنلاشتۇرغان تۈرلۇك يويۇرۇقلارنى قايسى ۋاقىتتا ئىجرا قىلىدۇ.
دۆلەتنىڭ ئەمگەك قانۇنىدا ھەپتىلىك خىزمەت مىقدارى 40 سائەت بەلگۈلەنگەن. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەپتىلىك خىزمەت مىقدارى 90 سائەتكە يىتىدىغان تۇرسا  بۇنىڭغا ‹‹ ئاتالمىش مەكتەپ مۇدىرلىرى›› كاماندۇرۇپكا خىراجىتى بەيمەيدىغان تۇرسا نىمىشقا سىلەر بۇنى ئويلاپ باقمايسىلەر. مەن قايسى بىر ژورنالدىكى شەيتان لوغەتتە ‹‹ باشلىق ›› دىگەنگە ‹‹ ئۈزى قىلالمايدىغان، ياكى ئۈزى قىلىشقا سەۋىيىسى يەتمەيدىغان،  ياكى ئۈزى قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قول ئاستىدىكىلەرگە مەجبۇرى قىلدۇرغۇچى›› دەپ تەبىر بەرگىنىنى كۆرگەن ئىدىم. ھازىرقى مائارىپ ئىدارە رەھبەرلىرى سىلەر ھەرگىزمۇ بۇ تەبىر بۇيىچە ئىش كۆرمەي ئەمىليەتچىل بۇلۇڭلار!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!  
ھازىر بەزى ۋىلايەتلەردە ھەر بىر دۆلەت كادىرى ھەر ئايدا قىلىنغان سىياسى ئۈگۈنۈشلەردىن 16پارچە تەسىرات ماقالىسى، 16پارچە كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى يېزىشنى ئۇرۇنلاشتۇرىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ھەر بىرسى 3000 خەتتىن كام بولسا قايتا يېزىشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، يەنە ‹‹ماتىريالنى ۋاختىدا تۇلۇق يازمىغان  دەپ›› ئازغىنە مائاشتىن پۇل كولاۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن قاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھەرگىز مۇستەسنا ئەمەس.
ھۆرمەتلىك  ئوقۇتقۇچىلار ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۇسىدىكى بىر ئەۋلات ئىزباسارلىرىنى جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىزباسارلىرىنى تەربىلەپ يىتىشتۇرىدىغان مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۇستىگە ئالغۇچىلاردۇر. ئۇلار بەش ياكى ئون يىل ئەمەس ياراتقۇچى ئاللا ئۇلارنىڭ رىسقىنى بەرسىلا ئاز دىگەندىمۇ 30 يىل بۇ ۋەزىپىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورنىدا خەلق بەرگەن ھۇقۇقنى ئىشلىتىپ تۇرىۋاتقان بولغاندىكىن سىلەر بۇنى بىر ئويلىشىپ بېقىڭلار. ئوقۇتقۇچىمۇ سىلەرگە ئوخشاش  ئادەم.  ئوقۇتقۇچىلار ئۈزىنىڭ بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىسىنى تاشلاپ كەتمىسۇن، باشقا ساھەلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىشلەش ئۈچۈن ئانچە كۆپ بىلىم-سەۋىيە كەتمىگەن بىلەن ئوقۇتقۇچى بۇلۇش ئۈچۈن بىلىم-سەۋىيە يۇقۇرى بولمىسا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا بىر تېمىم سۇ بىرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا چۇقۇم بىر چىلەك سۇ بۇلىشى كىرەك. ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆز بىلىمىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن ئازراق بولسىۇمۇ ۋاقىت چىقىرىپ بىرىشنى ئويلاپ بولسىمۇ، ئامال بار ئوقۇتقۇچىلارغا بولمىغۇر بېسىملارنى چۈشۈرمەڭلار. جەميەتتىكى پۇتۇن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ %30دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلساڭلار سىلەرنىڭنىڭ ئەمىلىڭلار تېخىمۇ ئۆسسە ئەجەپ ئەمەس.
ۋاقتى: 2014-3-17 12:07:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت دەيسىلەر    ھازىر مەكتەپلەردە بىلمەن دىگەنلەر جاپاغا قالدىغان  ،بىلمەيمەن دىگەنلەر راھەت كۆرىدىغان بوپ قالدى . ھالۋىنى ھېكىم يەيدۇ ،تاياقنى يىتىم ....................
بىزنىڭ بۇتەرەپلەردىمۇ بار بۇنداق ئەھۋال .
ۋاقتى: 2014-3-17 13:17:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە بەك ئېسىل يېزلىپـتۇ، مەن ئوقۇپ شۇنچىلىلىك ھاياجانلاندىم. دېمىسمۇ راس ئەمەسمۇ؟ بۇ پىىكىر چوقۇم يۇكسەك تەسىر قوزغايدۇ، چۇنكى ھەقىقەت ئىگلىدۇ ، سۇنمايدۇ!!!!!
ۋاقتى: 2014-3-20 11:53:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ تىمىنى يوللىغۇچىدىن شۇنى سوراپ باقسام، ئۆزىڭىز ئۈتىۋاتقان دەرسنى بىرىۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟ نىمە دەرس ئۆتىسىز؟ سىز ئۆتىۋاتقان دەرس مەزمۇنى پۈتۈنلەي ئۆز بىلىمىڭىزگە ئايلاندىمۇ؟


    ئەمىسە مەن تۈۋەندە ئۈزەمنىڭ تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ قانداق شەرتلەر ھازىرلانغاندا دەرس تەييارلىقنى كومپىيوتىردا تەييارلىسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.


    دەرس تەييارلىق قىلىش جەھەتتە تۈۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئوقۇتقۇچىلار مەۋجۇت.


    1.   ئىزچىل ئۆز قۇلى بىلەن ئەتراپلىق دەرس تەييارلايدىغانلار. بۇ خىلدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى كونا، ھەقىقىي پىشقان تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلاردۇر، ئۇلار دەرس تەييارلىقنى يەنىلا ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆز قۇلىدا پۈتتۈرىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسى نىمە دىگەندە ئۇلار مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئۆز قۇلى بىلەن قىلىنغان دەرس تەييارلىققا ھېچنەرسە يەتمەيدۇ، ئوقۇتقۇچى دەرس تەييارلىغاچ شۇ دەرسنى ئۆز بىلىمىگە ئايلاندۇرمىسا، كىتاپنىڭ سىرتىغاچىقالمىسا ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق بىلىم بىرىشى مۇمكىن ئەمەس.


    2.   دەرس تەييارلىقنى كونا دەرس تەييارلىق خاتىرىسىدىن قول بىلەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىدىغانلار. بۇلارنىڭ كۆمپىيوتېر سەۋىيىسى تۈۋەن بولغاچقا مۇشۇنداق ئەپلەپ-سەپلەپ دەرس تەييارلاشقا ئادەتلەنگەن،ئەگەر ئۇلارنىڭ سەۋىيىسى يەتكەن بولسىدى ھەرگىزمۇ « ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ» يۈرمىگەن بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن دەرس تەييارلىق قىلىش جەھەتتە ئايرىلىدىغان تۈر ئىككى خىللابولغان بولاتتى. بولار نىمە دەيدۇ دېسىڭىز  دەرس تەييارلاش پەقەت «ۋاقىت ئىسراپچىلىقى»خالاس.


    3.   دەرس تەييارلىقنى كومپىيوتىردا تەييارلايدىغانلار. بۇلارنىمۇ يەنە ئۆز ئىچىدىن ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ، بىرسى ئۆزى ئىزدىنىپ، كىتاپ، دەرستىن سىرتقى پايدىلىنىش ماتىرياللىرى ۋە كومپىيوتېر تورى قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ مۇستەققىل دەرستەييارلايدىغانلار بۇنداقلارنىڭ تەييارلىقىنى باشقا خىلدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەييارلىقىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قۇيۇشقا بولىدۇ، بىراق بولارمۇ 1-قېتىم شۇنداق ئىزدەنگىنى بىلەن 2-قېتىمدىن باشلاپ يەنىلا كۈچۈرۈپ- چاپلاشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالىدۇ؛ ئىككىنچى بىرسى بولسا توردىن باشقىلار تەييارلىغان دەرس تەييارلىقنى چۈشۈرۈپلا كۆچۈرۈپ-چاپلاش ماھارىتىنى ئىشىقا سېلىپ دەرس تەييارلىقىنى پۈتتۈرىدىغانلار. بولارنېمە دەيدۇ دېسىڭىز سىز دىگەندەكلا ئوقوغوچلارنىڭ تىزىملىكى، نەتىجىسى، ئارخپى... نى ئوقوتقوچى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تەييارلىشى كىرەك.ئوقوتوش پىلانى، خۇلاسىسى...نى ئوقوتقوچى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تەييارلىشى كىرەك.مەكتەپ ئىلمىي نەتىجە، پىلان، خۇلاسە،دوكلاتلارنى، قارار، ئىلتىماسلارنى، ئىشلەپتۈگەتكىلى بولمايدىغان ئارخىپلارنى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ يوللىشى كىرەك. دەرستەييارلىقنى كومپىيوتېردا قىلسا نىمىشقا بولمىغۇدەك دەپ قارايدۇ، يەنى دەرس تەييارلىقى بىلەن ئوقوغوچلارنىڭ تىزىملىكى،نەتىجىسى، ئارخپى... مەكتەپ ئىلمىي نەتىجە، پىلان، خۇلاسە،دوكلاتلار، قارار،ئىلتىماسلارنىڭ پەرقىنى بىلەلمەيدىغانلار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسلىقى يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان(بولۇپمۇ قوشتىل ئوقۇتىشى يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن خىزمەتكە چىققانلار)، ئەتراپلىق پىداگوگىكا،پىسخولوگىيە، مىتودىكا تەربىيىسى كۆرمىگەن (يەنى غەيرىي سىفەن مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەنلەر)، ئوقۇتقۇچىلار سېپىگە ھەر-خىل يوللار ئارقىلىق كىرىۋالغانلار(مۇشۇنداقلار كۆپ بولغاچقا مائارىپىمىزنىڭ سۈپىتى تۈۋەنلەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا داغ تىگىۋاتىدۇ) بولۇپ، بۇلار ياكى دەرس تەييارلىقنى قولدا كۈچۈرۈپ ئىشلىتىدۇ ياكى قولدا كۈچۈرۈشنىمۇ تەس كۆرۈپ كومپىيوتىردا توردىنلا چۈشۈرۈپ ھەر يىلى شۇنى كۆچۈرۈپلا ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلاردۇر.


    بۇ ئۈچ خىل ئوقۇتقۇچىلارنى سېلىشتۇرساق 1-تۈردىكى(ئۆز قۇلى بىلەن ئەتراپلىق دەرس تەييارلايدىغانلار)ئوقۇتقۇچىلار بىلەن3-تۈرنىڭ 1- خىلىدىكىلەر (ئۆزى ئىزدىنىپ، كىتاپ، دەرستىن سىرتقى پايدىلىنىش ماتىرياللىرى ۋە كومپىيوتېر تورى قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ مۇستەققىل دەرستەييارلايدىغانلار) ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىلاردۇر، بولارنىڭ ئۆتكەن دەرسىنىڭ ئۆزلىشىشىمۇ يوقىرى بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سورىغانلىرى ئالدىدىمۇ دۇدۇقلاپ قالمايدۇ.


     بۇلارنىڭ ئارقىسىدىراق تۇرىدىغىنى بولسا 2-تۈردىكى (دەرستەييارلىقنى كونا دەرس تەييارلىق خاتىرىسىدىن قول بىلەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىدىغانلار)ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ بۇلار ھېچ بولمىسا دەرس تەييارلىقنى كۆچۈرۈش جەريانىداتەييارلىققا يىزىلغان خەتلەرنى بولسىمۇ ئوقۇپ، كاللىسىدا شۇ دەرس مەزمۇنىغا نېسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ-دە، ئوقۇغۇچىلارغا كىتابى بىلىملەرنى بولسىمۇيەتكۈزۈشكە كۈچى يىتىدۇ.


ئەڭ ئارقىدا تۇرىدىغىنى بولسا 3-تۈرنىڭ 2-خىلىدىكى (توردىن باشقىلار تەييارلىغان دەرس تەييارلىقنى چۈشۈرۈپلا كۆچۈرۈپ-چاپلاش ماھارىتىنى ئىشىقا سېلىپ دەرس تەييارلىقىنى پۈتتۈرىدىغانلار) ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، بولارنىڭ سۈپىتى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولغاچقا، بولار ياكى ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق دەرس بىرەلمەيدۇ، ياكى مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئىناۋىتى بولمايدۇ، ياكى كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ۋە ئۈزىگە(بۇنى سەل كىيىنچە ھېس قىلىدۇ) يۈزكىلەلمەيدۇ، ياكى . . . . (يەنە باشقىچە سۈپەتلەشكە تىلىم بارمىدى)


    ئۇنداقتا دەرس تەييالىقنى كومپىيوتېردا تەييارلاشقا زادى بولمامدۇ؟ مىنىڭچە ئەلۋەتتە بولىدۇ، قانداق ئوقۇتقۇچىلارتەييارلىسا بولىدۇ؟ شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىلى 6 يىلدىن ئاشقانلار، مۇنداقچە ئىيتساق شۇ دەرسنى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تولۇق ئايلاندۇرۇپ ئۆتۈپ باققانلار (يەنى تولۇقسىز ئەدەبىيات،ماتىماتىكا دەرسلىرىنى تولۇق ئىككى قېتىم ئايلاندۇرۇپ ئۆتۈشكە 6 يىل كىتىدۇ . . ..)، شۇنداق بولغاندىلا زىرەك، ئۇششا مۇئەللىم بولسا پۈتۈن دەرسلەر ئۆز بىلىمىگەئەيلىنىپ بولغان بولىدۇ، شۇندىلا سىنىپتىكى 30-40 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ئەۋلادلىرىمىزغا،مىللىتىمىزگە يۈز كىلەلۈگىدەك ئەتراپلىق بىلىم بىرەلەيدۇ. بۇنداق شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلار ئەڭ ياخشىسى ئۆز قۇلى بىلەن ئىزدىنىپ ئەتراپلىق دەرس تەييارلاشنى ئۆزىگە ئادەت قىىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ كىيىنكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتى ئۆز-ئۆزىدىن رازى بولغان ھالەتتە، چەكسىز سۈيۈنۈش ئىچىدەئۆتىدۇ، ئوقۇتقۇچى بولغىنىدىن قەتئىي پۇشايمان قىلمايدۇ .


     ئەڭ ئاخىرىدا مىنىڭ تەشەببۇسۇم شۇكى ئەڭ ياخشىسى دەرس تەييارلىقنى ئۆز قولىڭىز بىلەن قەلەمنىڭ سىياسىدا پۈتتۈرۈڭ بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن ۋاقىتنى تىجەپ قالىسىز يەنە بىر تەرەپتىن دەرس مەزمۇنى ئۆز بىلىمىڭىزگە ئايلىنىدۇ. بەك كومپىيوتېردا قىلغۇڭىز كەپكەتسە Microsoft PowerPoint  قا ئوخشاش يۇمشاق دىتاللاردىن پايدىلىنىپ ئوبرازلىق دەرس تەييارلاپ ئۆتسىڭىز بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
ۋاقتى: 2014-3-22 21:58:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەكتەپنىلا يېزىپسىز ھە ! قالتىس ! شۇنىڭدەك مەن ئويلىغان ھەم مەكتەپ رەھبەرلىرىگە دەپ ھەل قىلالمىغان مەسلىنى يېزىپسىز .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش