ئىگىسى: گۈلزار

ئويلاپ بېقىڭ ( 7 )

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-4-11 00:50:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بشقۇرغۇچى گۇزار خانىم ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز. بۇلۇپمۇ
6 .  تولۇق بولمىغان  دەرس تەييارلىقلىرىنى تولۇق دەپ يوللاش .
ئويلاپ بېقىڭ  كەسىپدىشىم، سىز بىر ئوقۇتقۇچى  ،قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنى ئالدىسىڭىز  يۈزىڭىز قىزارماسمۇ ؟  ئەگەر سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز سىزگە تولۇق ئىشلىمىگەن تاپشۇرۇقىنى « تولۇق ئىشلەپ بولدۇم » دەپ  تاپشۇرۈپ بەرسە ، سىز بۇنى بىلىپ قالغان شۇ پەيتتا ، قانداق ھېسىياتقا كېلىسىز ؟  دىمەك بۇ يەرگە تېمىڭىزنىڭ تولۇق تەييارلانغانلىقىنى كۆرۈپ، خوشاللىقىدا بىر مۇنچە ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ تېمىڭىز چۈشەرگە ن  كەسىپداشلىرىڭىز  قانداق ھېسىياتتا بولار ؟
  گەرچە بۇ مەۋھۇم دۇنيا بولسىمۇ سىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا خاس  سەمىمى ، راسچىل ، مەسئۇليەتچان بولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز .
7 .  يوللانغان تېمىلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىدىن مەسىلە چىقىش ھەتتا بەزىلىرى  يوقاپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرمەكتە .
بۇرۇن مۇنبىرىمىز  تېمىلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى چىئەننوۋ تور دېسكىسىدىن ئۇلىنىش قىلغان ئىدۇق ، ئەمما بۇ تور دېسكىسىدىكى ماتىرياللار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگشىپ يوقاپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرمەكتە .شۇڭا ئەزالارغا  تېمىلارنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسىنى   بەيدۇ ، 360  بۇلۇت تور دېسكىسىدىن يوللاشنى تەۋسىيە قىلماقتىمىز . ئەمما ئەزالار يەنىلا بۇرۇنقى چىئەننوۋ تور دېسكىسىدىن يوللىماقتا . شۇڭا مەن بۇ يەردە ھەر بىر ئەزانىڭ بىز تەۋسىيە قىلغان تور دېسكىلىرىدىن يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
دىگەنلىرىڭىز بەكمۇ توغرا بوپتۇ. مەنمۇ ماتىريال ئىزلەۋېتىپ بۇ مەسىلىلەرگە كوپ ئۇچرىدىم. مۇمكىن بولسا مۇشۇ مەسىلە مەندىمۇ ساقلانغان. بۇندىن كىيىن چۇقۇم تۈزىتىمەن. سىلەر باشقۇرغۇچىلارمۇ مۇشۇنداق مەسىلە ساقلانغان تۇلۇق بولمىغان تىمىلارنى كۆرگەن ھامان  تەستىقلىماي ئۈچۈرۋېتىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2014-4-17 20:43:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ . بايقاشتىكى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى بۇ نۇقتىلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلساقلا ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوقۇم تۈزىتىپ كېتەلەيمىز . ھەممىمىز بايقاش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى .
ۋاقتى: 2014-5-21 09:04:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخىشى پىكىرلەرنى بىرىسىز .رەخمەت سىزگە.
مەن بىر مەسىلە دېمەكچى. يەنى .بىز بىر ئاينىڭ ئالدىدىكى 360 تور بوشلىقىدىن يوللىغان كوپ قىسىم ماتىرىياللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىدىن مەسسىلە كۆرىلگەندەك قىلىدۇ. شۇڭا بارلىق 360 تور بوشلىقىدىن ماتىرىيال يوللايدىغان دوسلارغا يوللىغان ماتىرىياللىرىغا قايتىدىن بىر كۆز يۈگۈرتىپ چىقىشىنى بىر ئۇىتۇرساق دېگەن ئويدا .
مەن ئۆزىمنىڭ بىر قانچە ماتىرىيالىغا قايتىدىن چۈشۈرۈش ئادىرىسى كىرگۈزدۈم .
ئەگەر چۈشۈرۈش ئادىرىسىدىن مەسىلە كۈرىلدى دېگەندە 360 تور بوشلىقى سېستىمىنى يېقىندا يېڭىلغان ئېدى .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاشۇنداق مەسىلە كۆرۈلگەن تېمىلار كۆپ دېگەن گەپ .
ئەگەر بۇنداق كىتىۋەرسە بايقاشنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئەزالارنى رەنجىتىپ قۇيىدىغان ئىش بولمىسۇن يەنە .
ۋاقتى: 2014-6-2 12:07:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز ، ئېيىتقانلىرىڭىز تامامەن ئورۇنلۇق ، سىزنى قوللايمەن .
ۋاقتى: 2014-9-30 15:47:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن،شۇ سەۋەبتىن چچ  توپىغا قوشۇلاي دىگەنىدىم،ئەمما قوشۇلالمىدىم،مەسلىھەت بەرسەڭلا ،قانداق قىلسام بولار...
ۋاقتى: 2014-10-28 11:18:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى بىر ئەسكەرتىش ماتىرىيالى بوپتۇ، رەھمەت سىزگە. ھەممىمىز مۇشۇ تەلەپلەرگە ئەمەل قىلساق مۇنبەرنىڭ سۈپىتى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولاتتى.
ۋاقتى: 2014-12-11 10:24:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى بولغان ئۇرۇنلۇق پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز
ۋاقتى: 2015-3-21 13:52:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە تېمىلارغا « ناھايىتى قالتىس بوپتۇ، كارامەت ياخشى يېزىپسىز...» دىگەندەك ئىنكاسلارنى يېزىشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟
بۇ خىل ئورۇنسىز ماختاش شۇ تېما ئىگىسىنى (ئاپتورنى) ئالغا ئىلگىرلىتىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، تېخىمۇ تاماخور قىلىۋېتىدۇ.
مەن يەنىلا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن: « بايقاش» بايقاشتەك بولسۇن.
قىرىندىشىمىز (تەلۋە) نىڭ يۇقىرقى سۆزى ناھايتى ئورۇنلۇق، گۇلزار خانىم بۇ تىمىنى ناھايتى ۋاختىدا ياخشى يىزىپتۇ
يۈزدە يۈز قوللاشقا تىگىشلىك
ۋاقتى: 2015-5-20 11:45:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىلەك يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 18:57
گۈلزار خانىم  ئۇرۇنلۇق پىكىر   تەكلىپلەرنى بىرىپسىز دە ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكوم پەلەك ئەپەندىم، گۇلزار خانىمنىڭ تەكلىۋىنى قوللاپسىزيۇ، يەنى تەھرىرلىمەي يوللاۋېتىپسىز
ۋاقتى: 2015-6-2 17:45:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتتى ئەھىميەتلىك تېما يوللاپىسز، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر،
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش