| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-8 14:23
سەن كەتتىڭ
 سەن كەتتىڭ، چۈش كەبى يامغۇرلۇق سەھەر، سەن كەتتىڭ، يىنىمدىن يىراقتىن بەك يىراق. سەن كەتتىڭ، باقمايلا لەرزان شۇ قەدەر، سەن كەتتىڭ تۇيغۇمدا ئۈندى مىڭ سوراق.
 سەن كەتتىڭ، ئاپتۇبۇس كۈلدى گۈركىرەپ، سەن كەتتىڭ، چاقماقتا قورشالدى بىكەت. سەن كەتتىڭ، ئوپۇقتىن قۇياشنى سۆرەپ، سەن كەتتىڭ، كۈلكىلەر چىللىدى ھەسرەت.
 سەن كەتتىڭ، كائىنات تىترىدى دىر-دىر، سەن كەتتىڭ، يوللارغا يېپىلدى خازان. سەن كەتتىڭ، باھارمۇ "خوش" دېدى ئاخىر، سەن كەتتىڭ، ۋۇجودۇم مۇزلىدى شۇئان.
مەنبە ___ قەلىمىم 1991-يىلى سىنتەبىر |
|