baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 33|ئىنكاس: 3

‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دىن ھېكمەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دىن ھېكمەتلەر

1.ئۆزۈڭنىڭ ئېغىر يۈكىنى باشقىلارغا يۈدكۈزمە.
2.ئىپار قاچىلىغان تۇلۇمدىن ئىپارنى ئېلىۋەتسىمۇ پۇرىقى قالىدۇ.
3.قەھەتچىلىك يىللاردا ئېلىڭ نەگە بارسا،سەنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە بارغىن،ئېلىڭگە قايغۇلۇق كۈنلەر چۈشكەندە،ئۇلار بىلەن بىللە بولغىن .
4.ئارپىسىز ئات قىر ئاشالمايدۇ،ياردەمچىسىز باتۇر سەپنى يېمىرەلمەيدۇ
5.باتۇرلارنى خار قىلما،يۈگۈرۈك ئاتنى يېغىر (قىلما) .
6.پۈتكەن ئىشقا ئىگە تولا،ئۇرۇشتىن كىيىن باتۇر (تولا)
7.قىسماقتىن قورققان قۇش قىرىق يىل ئاچا ياغاچ ئۈستىگە قونمايدۇ،يىلان چاققان كىشى ئارغامىچىدىن قورقىدۇ.
8.بەختنىڭ بەلگىسى بىلىم.
9.يول بەلگىسى بولسا،يولدىن ئازمايدۇ،بىلىم بولسا،سۆزدە يېڭىشلەنمەيدۇ.
10.بىلىملىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەپ،سۆزىنى ئاڭلاپ،پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ،ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇر.
11.ياش گىياھقا ئوت تۇتاشمايدۇ،ئەلچىگە ئۆلۈم كەلمەيدۇ.
12.بىرەر كىشى ساڭا كۈلۈپ قارىسا،سەنمۇ ئوچۇق چىراي بىلەن باق،شېرىن سۆزلۈك ۋە خۇش مۇئامىلىلىك بول،يامان سۆزدىن تى- لىڭنى تارت.
13.ئالدامغا چۈشۈش بىرلا قېتىم بولىدۇ،بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ،بىر ئەقىل تاپىسەن.
14.كۆچەتنى تىكمىگۈچە كۆكلىمەيدۇ،كىشىدە غايە بولمىسا،ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
15.ئەگەر ساڭا ئېغىر كۈنلەر كەلسە،بۇمۇ ئۆيۈپ كېتەر دەپ سەۋر قىلغىن،دۇنيانىڭ ئىشلىرى شۇنداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەن،ھەربىر جاپا-مۇشەققەتكە ھەسرەت چېكىپ،ئۆزۈڭنى ئالدۇرۇپ قويما.
16.ئۇرۇق-تۇغقان،قوشنا-قولۇملارغا ياخشىلىق قىل،ئۇلارنى ھۆرمەتلە،ئۇلاردىن سوۋغا ئالساڭ،تېخىمۇ قىمەتلىكرەك سوۋغا تەييارلا.
17.كۆزدىن يىراقلاشسا،كۆڭۈلدىنمۇ يىراقلىشىدۇ.
18.بەلگە بولسا يولدىن ئازماس،بىلىم بىلسە سۆزدىن ئازماس.
19.ئىلىم-ھېكمەت ئىزدە،ئۆگىنىشتىن چېكىنمە،غادايما،بىرەر نەرسىنى ئۆگەنمەيلا ئۆزىنى بىلىمدان كۆرسىتىپ ماختىنىدىغان كىشى سىناققا ھودۇقۇپ قالىدۇ.
20.ياشلىقتا تىرىشمىساڭ،قېرىغاندا قايغۇرىدۇ.
21.كىچىكلكتە تىرىشسا،قېرىغاندا سۆيۈنىدۇ.
22.سودىگەرنىڭ ئوزۇقى ھالال بولسا،يول ئۈستىدە يەيدۇ.
23.ئوۋچى قانچىلىك ھىيلە بىلسە،ئېيىقمۇ قېچىش ئۈچۈن شۇنچە يول بىلىدۇ.
24.تاغنى سالما بىلەن ئەگكىلى بولمايدۇ،دېڭىزنى قېيىق بىلەن پۈككىلى بولمايدۇ.
25.قۇش داننى دەپ توزاققا ئېلىنىدۇ،قۇش يېمەكنى دەپ ئۆلىدۇ.
26.تېزەك قاردا ياتماس،ياخشى يامانغا قېتىلماس.
27.كېمە ھەيدىيەلمىگەن دەريانى ئەگىم دەيدۇ،ئۇخلىيالمىغان تەكىيە قىڭغىر دەيدۇ.
28.ئوتنى يالقۇن بىلەن ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ.
29.مۇزدەك سۇ قورساققا خۇش ياقماس،قۇرۇق قوشۇق ئېغىزغا خۇش ياقماس،قۇرۇق گەپ قۇلاققا خۇش ياقماس.
30.ئاتا-ئاناڭنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلا،ئۇنى قايتۇرما،مال-دۇنيا ۋە بەختكە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ تەكەببۇرلىشىپ،قۇترىما.
31.بىلىملىك ئادەمنى ئىززەتلەپ،سۆزىنى ئاڭلا،ئۇنىڭ پەزىلىتىنى ئۆگنىپ،ئىشقا ئاشۇرغىن.
32.بىر كىشى بىلەن ھەمسۆھبەت بولساڭ،ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىل،ھەممە ئىشتا ئۇنىڭغا مۇۋاپىقلاشقىن،ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشما،باشقى- لارنى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن چاغلىما.
33.كۆركەم،چىرايلىق تونۇڭنى ئۆزۈڭ كەي،تاتلىق ئېشىڭنى باشقىلارغا بەر،مېھماننى ئىززەتلە،ئۇ شۆھرىتىڭنى ھەممىگە يايسۇن.
34.چوڭنى ھۆرمەتلىسەڭ بەخت تاپىسەن.
35.يوشۇرۇن مۇھەببەت ئايرىلىش كۈنى ئاشكارا بولىدۇ.
36.دۈشمەن ھەرقانچە كىچىك،ئاجىز بولسىمۇ،ئۇنى مەنسىتمەسلىك توغرا ئەمەس.ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ،ئۇنى نەزەرگە ئالمىساڭ،ئۇ ئەلنى سەندىن تارتىۋالىدۇ.
37.دۈشمەندىن قورقما،ئۇنىڭغا دەلمۇدەل تاقابىل تۇر،ئۇنىڭ باتۇر باتۇلۇقىنى يوقىتىپ،قەغەزنى پۈكلىگەندەك پۈكلەپ تاشلا.
38.تىلىڭدىن ھەرۋاقىت خەلق سەندىن خۇشال بولىدىغان چىرايلىق سۆزلەرنى چىقارغىن.
39.كىمكى ئۆلۈمدىم قاچسا،ئۆلۈم شۇنىڭغا يېپىشىدۇ.
40.ھەددىدىن ئارتۇق خۇشال بولسا (ئارقىدىن)،قاتتىق قايغۇ-ئەلەم كېلىدۇ.
41.سۆگەتكە ئەۋرىشىملىك يارىشىدۇ،قېينىغا قاتتىقلىق.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-8 01:17:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما يوللىغاندا تەھرىرلەشكە ئەھمىيەت بەرگەيسىز، رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-2-8 12:06:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك بولغان ياخشى ھىكمەتلەركەن بۇ
ۋاقتى: 2014-2-8 15:32:57يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ساقلاپ قۇياي، پايدىلىق نەسىھەتلەركەن.
来自: Android客户端
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 11:33, Processed in 1.200314 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش