ئەگەر ماڭا قايتا تاللاش پۇرسىتى كەلسە، يەنىلا ئوقۇتقۇچىلىقىنى تاللايتتىم
 رەھمەتلىك چوڭ دادامنىڭ ‹‹ تېرىقچىلىق بىلەن مۇئەللىملىك دۇنيادىكى ئەڭ ھالال كەسىپ››دېگېنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. دېھقان قىزى بولغاچقىمىكىن، دېھقانچىلىقنىڭ ھەقىقەتەن جاپالىق ئەجىر تەلەپ قىلىدىغان كەسپ ئىكەنلىكىنى بۇرۇندىنلا بىلەتتىم. دائىم ئاتا- ئانام بىلەن ‹‹ تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئورۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق›› دېگەن ھەقىقەت بويىچە تىرىشىپ ئىشلەيتتىم. بىراق، ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ ھالال كەسپ ئىكەنلىكىنى ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجرى ۋەئۆزۈمنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدىكى بىر قاتار ئەمەلىيەتلەر ئارقىلىق ناھايىتى كېچىكىپ چۈشەندىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە، مېنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچۇم تولىمۇ تەلەپچان ، كۆيۈمچان ئايال ئىدىم. ئۇ بىزگە ماتېماتىكا ۋە تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆزى ئۆتەتتى. بىز ئۇنىڭ تەربىيىسىدە قەلەمنى قانداق تۇتۇشتىن ئاددىي ماقالىلارنى قانداق يازغۇچە، ھېسابلاشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتىن تازىلىقنى قانداق قىلىشقۇچە، چوڭلارنى قانداق ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى قانداق ئىززەتلەشتىن باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشقۇچە ھەممىنى ئۆگەندۇق. ئۆيۈم يىراقلىقى تۈپەيلىدىن چۈشتە ئۆيگە قايتالمىغاندا ئۇ مېنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى، دەرسكە تولۇق قاتنىشالمىغاندا ئۇ ماڭا ئايرىم دەرس تەكرار قىلىپ بەردى. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇ ئەزەلدىن مەندىن بىرەر نەرسە ، بىرەر ئېغىز ياخشى گەپمۇ تەلەپ قىلىپ باقمىدى. نېمە دېگەن ئالىيجاناپ روھ- ھە! مۇشۇنداق ئارتۇق ئىشلىگەنگە ھەق تەلەپ قىلمايدىغان، باشقىلار ئۈچۈن خالىس ئەجىر سىڭدۈرىدىغان كەسىپتىن يەنە بارمىدۇ؟ شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ قەلبىمدە كەلگۈسىدە بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئارزۇسى ئويغاندى. چۈنكى، ئوقۇتقۇچى پەقەت بىلىم بەرگۈچىلا ئەمەس، بەلكى روھى يېتەكچى ئىدى. ئۇ سەبىيلەرنىڭ ئاپئاق، تېخى ئېچىلمىغان قەلب ئېتىزىغا مەرىپەت ئۇرۇقىنى چاچقۇچى، ئۇنى پەرۋىش قىلىپ، مېۋىگە كىرگۈزگۈچى ئىدى. بۇ ئېتىزدا قانداق ئۇرۇقنىڭ ئۈنۈشى، ئۇنىڭ ئاچچىق ياكى تاتلىق مېۋە بېرىشى ئاتا-ئانىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، بىراق، ئوقۇتقۇچىغا ئوخشاش پەرۋىشكارنىڭ رولىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايتتى. ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپ ، ھالال تەرى ئەلۋەتتە يەردە قالمايتتى. مانا مەن ئەنە شۇنداق كۆچەتلەرنىڭ بىرى ئىدىم. ئاپام ساددا، يۇۋاش دېھقان ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەزەلدىن ماڭا ھايات ھەقىقەتلىرى، ئادىمىيلىك ھەققىدە بىرەر ئېغىز نەسىھەت قىلىشقا چولىسى تەگكەن ئايال ئەمەس، چۈنكى ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى بىرتالاي ئۆي ۋە ئېتىز ئىشلىرى، ئۇششاق ئۇكىلىرىم ئىدى. مەن بۇنداق تەربىيىنى ئىزچىل ئاتام ۋە ئۇستازلىرىمدىن ئالغان. ئۇستازلىرىمنىڭ مېھرىبان سىيماسى، ئىللىق قۇچىقى ، ئۆتكۈر تىلى، مېغىزلىق دەرسى ۋە تەلەپچان روھى مېنى ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ جاپالىق، ئەمما تولىمۇ سۆيۈملۈك، ھالال كەسپ قوينىغا باشلاپ كىردى. مانا، ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان كەسپ ئىگىسى بولغىلى ھەش-پەش دېگۈچە 22يىل بولدى. ھاياتىمدىكى مۇشۇ 22 يىل جەريانىدا مەن ئەڭ سۆيۈنگەن، ئەڭ پەخىرلەنگەن، ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن دەقىقىلەر دەل مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمدىن كەلدى. بۇ ئولۇغ كەسپ مېنى ئەۋلادلار غېمىدە كۆيدۈردى، بۇ جاپالىق كەسپ مېنى چارچاتتى ،تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ مۇقەددەس كەسپ مېنى ئادىمىيلىك روھ بىلەن تەربىيلىدى، بۇ سۆيۈملىك كەسپ مېنىڭ كەسپداشلىرىم، دوستلىرىم ۋە ئەل-يۇرت ئالدىدىكى ئورنۇمنى كۆتۈردى. ئومۇمەن، مېنىڭ مۇئەللىم بولۇپ ئاچچىق يۈتكەن كۈنۈممۇ، قالتىس شادلانغان كۈنۈممۇ ناھايىتى كۆپ. مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق تارىخىمدىكى بىر قىسىم ھېكايىلىرىمنى ئاڭلاشنى خالامسىز؟ قېنى، ئۇنداق بولسا، مېنىڭ ئەسلىمىلىرىمگە قۇلاق سېلىپ باقامسىز؟ 1. بۈگۈن ھېيت ھارپىسى ، سىنىپىمدىكى توختاپ قالغان ئوقۇغۇچۇم ئارزۇگۈلنىڭ ئۆيىگە 21-قېتىم باردىم ، چۈنكى ، سىنىپ مۇدىرىنىڭ توختاپ قالغان ئوقۇغۇچىلىرىنى دەرھال تولۇقلىشى قايتا- قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلىۋاتاتتى . بىراق ، ئەتىرگۈل مەھەللىسىدىكى بۇ ئائىلىدىكىلەرنى باشقۇرالايدىغان ئادەم چىقمىدى . ئاخىرى يەنە ئۆزۈم بارغان ئىدىم ،ھويلا ئىشىكىدىن كىرىشىم بىلەنلا ئالدىمغا بىر داس يۈندا تۆكۈلدى، ئايىقىم پاتقاق ، نېمە قىلىشنى بىلمەي تۇرغىنىمدا ئارزۇگۈلنىڭ ئاپىسىنىڭ ‹‹ ئىتنىمۇ چاغ دېسە كېتىدۇ ، ماڭا بالا تۇغۇشۇپ بەرگەندەك نېمە تولا كېلىۋېرىدۇ كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈپ ›› دېگىنى قۇلىقىمغا كىردى . ئۆمرۈمدە بىرەرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ، تىللىشىپ باقمىغاچقا ، نېمە دېيىشنى زادى بىلەلمىدىم . ‹‹ نېمە دېگەن خورلۇق بۇ ؟ بالىڭىزنى ئوقۇتۇپ قوياي ، بىلىم ئالسۇن دېگىنىم يامانمۇ ؟ مەن يا قەلەندەر بولمىسام تىلەپ كەلگىلى ›› ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ ئىچ-ئىچىمدىن يىغا قاينايتتى . گەپ- سۆز قىلالماي ئۆيگە قايتتىم . ئۆيگە كىرىپلا پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتىم . ‹‹ ئەتە ھېيت ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ھيتلىق نەرسىلەرنى تەييار قىلىشىم ،ئۆيلەرنى تازىلىشىم كېرەك ئىدى ، نېمە قىلار ئىدىم ئائىلە سۆھبىتى قىلىمەن دەپ ، ئۆيۈمدە تېخى ھىيتلىق تەييارلىقلاردىن ھىچنەرسە يوق ››. دەل شۇ چاغدا ئىشىك چېكىلدى . خوشنام بىرمۇنچە نان- توقاچ ، پېچىنىلەرنى ئېلىپ كىردى ، ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم . ئۇنىڭ دېيىشىچە ، بۇ نەرسىلەرنى ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئانىسى مەن ئۈچۈن ئېلىپ كەپتۇ ، ھەتتا ئىسمىنىمۇ قالدۇرماپتۇ . پەقەت ‹‹ مۇئەللىم بالامنى بەك ياخشى تەربىيلەۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتقىنىم بولسۇن ›› دەپتۇ . دېمەك ، مېنى چۈشىنىدىغان ، مېنى قوللايدىغانلار يەنىلا كۆپ تۇرسا ، مەن نېمىشقا ۋاز كېچىمەن ؟ 2. بۈگۈن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى . بۈگۈن مەن ئۈچۈن ئەڭ خوشاللىق كۈن ، چۈنكى ، ھازىر دەرس ئۆتىۋاتقان ئوقۇغۇچلىرىمنىڭ ياخشى تىلەكلىرى ، گۈلدەستىلىرىدىن باشقا ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، ئۈرۈمچىلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ياخشى تىلەكلىرى بىلەن بېشىم كۆككە يەتكەندەك خوشال ئىدىم . مەن نېمە دېگەن بەختلىك –ھە ! 3. مانا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى چىقتى ، ئەجرىمىز مېۋە بەرگەن ئىدى . ناھىيە بويىچە ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىغان ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغىنى مېنىڭ سىنىپىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى . مەن ئۆتكەن دەرستىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجسى ئالاھىدە ياخشى ئىدى ، ئۆز ئەجرىنىڭ مېۋىسىنى كۆرسە ئادەمنىڭ قانچىلىك ھاياجانغا چۆمۈلىدىغانلىقىنى پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئۆزىلا بىلسە كېرەك . 4. بالامنىڭ ئاغرىقلىقى تۈپەيلىدىن خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىدە تۇرىۋاتقىلى ئىككى ئاي بولاي دېدى . بۇ جەرياندا مېنىڭ مىسكىن كۆڭلۈمگە ئەڭ كۆپ تەسەللى بەرگىنى يەنىلا شۇ ئوقۇغۇچىلىرىم . ھەر كۈنى كەچتە بىرنەچچىسىنىڭ قوڭغۇراقتەك ئاۋازلىرى بىلەن مەكتەپنىڭ ، سىنىپنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كۆڭلۈمنى خېلىلا كۆتۈرىدۇ . ماڭا بەرگەن ياخشى تەسەللىيلىرىچۇ تېخى ! ھېلىمۇ مۇئەللىم بولۇپ قاپتىكەنمەن ، بولمىسا ، زېرىكىپ ، قايغۇرۇپ قانداق بولۇپ قالار ئىدىم ؟ 5. مانا ، مەن شەرەپ مۇنبىرىدە چەكسىز پەخىرلىنىش ئىلكىدە تۇرۇپتىمەن . ‹‹ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ›› ، ‹‹ مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى ›› ، ‹‹ ئوقۇتۇش ماھىرى ›› ...بۇ شەرەپلەرگە مېنى ئوقۇغۇچىلىرىم ئېرىشتۈردى . ئۇلارنىڭ ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۇشلىرى ، ئۇلارنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى مېنى ئۇلاردىن زادىلا نېرى كېتەلمەيدىغان قىلىپ ، ئۇلارغا چەمبەرچەس باغلىۋەتكەن بولسا كېرەك . مەن شۇ بالىلار بىلەن ئۆتكەن تۇرمۇشتىن ، ئۇلارغا سىڭدۈرگەن ئەجرىمدىن لەززەت تېپىپ ياشاپتىمەن . بۇ شەرەپمۇ ماڭا شۇنىڭ ئۈچۈن نېسىپ بولغان –دە ! 6. مانا ، پىيادە ئالدىراپ كېتىۋاتقاندا تويۇقسىز ئالدىمدا توختىغان تاكسى مېنى ئېلىۋالدى ۋە شوپۇر بالا مەندىن شۇنداق قىزغىن ئەھۋال سورىدى. مەن ئۇنى ئەسلىيەلمدىم ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەن دەرسكە كىرگەن بىر كەپسىز ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ، ئاشۇ شوخلۇقلىرى ئۈچۈن مەندىن كەچۈرۈم سورىدى . بىردىنلا كۆڭلۈم شۈنداق سۆيۈندى . مەن بۇلارنىڭ قايسىبىرىنى سۆزلەپ بولاي ؟ ئومۇمەن ، مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىم كۆڭۈللۈك ھايات ، مەنىلىك ، ئەھمىيەتلىك ھايات ، مەن بۇ ھاياتىمدىن چەكسىز سۆيۈنىمەن . پەخىرلىنىمەن . بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق مۇھەببەت ، خوشاللىق ئىچىدە ئىشلەيمەن . دەرسخانىغا كىرگەندىكى بىلىم ئېلىشقا تەشنا جۈپ كۆزلەرگە باققىنىمدا ، ئەتراپىمدا ئۇلارنىڭ چۇلدۇرلاشلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا مۇشۇنداق بىر ياخشى كەسپنى تاللاپ خىزمەت قىلىغىنىمدىن تولىمۇ مەمنۇن بولىمەن . ئەگەر ماڭا يەنە بىر قېتىم تاللاش پۇرسىتى كەلسىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن يەنىلا ئوقۇتقۇچلىقىنى تاللايمەن . چۈنكى مېنىڭ نىشانىم شۇكى :
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت ، بولساملا تارتىمەن جاپا- مۇشەققەت . لېكىن ئىرادەم ، نىشانىم شۇكى ، سەبىيلەر دىلىنى يورۇتسام ئەبەد .
|