| ‹‹ مائارىپ تەرەققىياتىدىكى ھەقىقىي جىنايەتچى كىم؟ ›› بۇ تىما ياھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەمىليەتتە مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى، يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلماي، جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پۇلىسىنى تۇتۇشنى تەتقىق قىلىدىغان ئۇرۇن بۇلۇپ قالدى. ھە دىسىلا مەكتەپلەردىكى قۇشۇمچە خىزمەتلەرنىڭ تەكشۈرىشىنى قىلىدۇ. مائارىپ ئىدارىسىلا ئەمەس، ناھىيەلەردە تەسىس قىلىنغان ئىدارىلەردىن دىھقانچىلىق ئىدارىسى بىلەن چارۋىچىلىق ئىدارىسىدىن باشقا ئىدارىلەرنىڭ ھەممىسى مەكتەپلەرگە تەكشۈرۈشكە بارىدۇ. مەكتەپلەر يىل ئاخىرىدا بۇلۇپمۇ 11-،12-ئايلاردا ھەركۈنى ئاز دىگەندىمۇ ئۈچ خىل تەكشۇرۇشنى قۇبۇل قىلىپ دوكلات بىرىدۇ. ئىنكاس ئاڭلايدۇ. ئوقۇتۇشنى باشقۇرىدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ۋاختى ئاساسەن تەكشۇرۇشنى قۇبۇل قىلىپ دوكلات بىرىش. ئىنكاس ئاڭلاش بىلەن ئۈتىۋاتسا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاختى تۇرلۇك تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئارخىپلىرىنى( ئىككى ئاساسەننىڭ ئارخىپى، ئەخلاقى تەربىيەنىڭ ئارخىپى، ئۆلچەملەشكەن مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپى....... قاتارلىق بىر قاتار ئارخىىپلار ھەر بىر ئوقۇتقۇچىلارغا ئايرىلغان بۇلۇپ ئوقۇتقۇچىلار ئۆز يىنىدىن پۇل چىقىرىپ ئىشلەيدۇ.) ئىشلەشكە كىتىۋاتسا. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاخنى تەكشۈرۈشنىڭ دەلىللەش ئىشلىرىغا كىتىۋاتسا قانداقمۇ ئوقۇتۇش سۇپىتىدىن سۆز ئاچقىلى بۇلىدۇ. مەكتەپ دىگەننىڭ خىزمىتى ھەر ماۋسۇمنىڭ بېشىدا ئاي،ھەپتە، كۈن، سائەت بۇيىچە پىلانلىنىپ شۇ پىلان بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان تۇرسا، ۋاقىت مەكتەپ ئىچىدىكى قۇشۇمچە خىزمەتلەرنىڭ تەكشۇرىشىنى كۈتىۋېلىشقا كەتسە، ۋىجدانى بار ئوقۇتقۇچىلار بىر سائەتتە ئوقۇتۇش پىراگىراممىسىدا ئۈچ سائەت ئۈتۈشنى بەلگىلىگەن دەرسلەرنى سىغداپ يۈزەكى بولسىمۇ ئۇتىۋاتسا. مەسئۇليەت ئېڭى تۈۋەنرەك ئوقۇتقۇچىلار ........ قىلىۋاتسا قانداقمۇ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بۇلىدۇ. توردىشىم زەپەرنىڭ دىگىنىدەك مەكتەپلەنىڭ باشقۇرىشىنىڭ %90 نى يېزا بازارلارغا چۈشۈرۈپ بەرسە بۇندىن كىيىن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى نىمە بۇلۇپ كىتەر ....................... |
|