ئىگىسى: salkin11

مائارىپ تەرەققىياتىدىكى ھەقىقىي توسالغۇ قايسى ؟

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-2-13 13:27:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
salkin11 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-7 17:24
رەھمەت سىزگە ... بىرلىكتە ئىزدىنەيلى ... بىرلىكتە ياخشى  ...

پىكرىڭىزنى قوللايمەن.
ۋاقتى: 2014-2-16 00:55:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ مائارىپ تەرەققىياتىدىكى ھەقىقىي جىنايەتچى كىم؟ ›› بۇ تىما ياھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەمىليەتتە مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى، يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلماي، جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پۇلىسىنى تۇتۇشنى تەتقىق قىلىدىغان ئۇرۇن بۇلۇپ قالدى.
ھە دىسىلا مەكتەپلەردىكى قۇشۇمچە خىزمەتلەرنىڭ تەكشۈرىشىنى قىلىدۇ. مائارىپ ئىدارىسىلا ئەمەس، ناھىيەلەردە تەسىس قىلىنغان ئىدارىلەردىن دىھقانچىلىق ئىدارىسى بىلەن چارۋىچىلىق ئىدارىسىدىن باشقا ئىدارىلەرنىڭ ھەممىسى مەكتەپلەرگە تەكشۈرۈشكە بارىدۇ. مەكتەپلەر يىل ئاخىرىدا بۇلۇپمۇ 11-،12-ئايلاردا ھەركۈنى ئاز دىگەندىمۇ ئۈچ خىل تەكشۇرۇشنى قۇبۇل قىلىپ دوكلات بىرىدۇ. ئىنكاس ئاڭلايدۇ. ئوقۇتۇشنى باشقۇرىدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ۋاختى ئاساسەن تەكشۇرۇشنى قۇبۇل قىلىپ دوكلات بىرىش. ئىنكاس ئاڭلاش بىلەن ئۈتىۋاتسا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاختى تۇرلۇك تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئارخىپلىرىنى( ئىككى ئاساسەننىڭ ئارخىپى، ئەخلاقى تەربىيەنىڭ ئارخىپى، ئۆلچەملەشكەن مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپى....... قاتارلىق بىر قاتار ئارخىىپلار ھەر بىر ئوقۇتقۇچىلارغا ئايرىلغان بۇلۇپ ئوقۇتقۇچىلار ئۆز يىنىدىن پۇل چىقىرىپ ئىشلەيدۇ.) ئىشلەشكە كىتىۋاتسا. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاخنى  تەكشۈرۈشنىڭ دەلىللەش ئىشلىرىغا كىتىۋاتسا قانداقمۇ ئوقۇتۇش سۇپىتىدىن سۆز ئاچقىلى بۇلىدۇ. مەكتەپ دىگەننىڭ خىزمىتى ھەر ماۋسۇمنىڭ بېشىدا ئاي،ھەپتە، كۈن، سائەت بۇيىچە پىلانلىنىپ شۇ پىلان بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان تۇرسا، ۋاقىت مەكتەپ ئىچىدىكى قۇشۇمچە خىزمەتلەرنىڭ تەكشۇرىشىنى كۈتىۋېلىشقا كەتسە،  ۋىجدانى بار ئوقۇتقۇچىلار بىر سائەتتە ئوقۇتۇش پىراگىراممىسىدا ئۈچ سائەت ئۈتۈشنى بەلگىلىگەن دەرسلەرنى سىغداپ يۈزەكى بولسىمۇ ئۇتىۋاتسا. مەسئۇليەت ئېڭى تۈۋەنرەك ئوقۇتقۇچىلار ........ قىلىۋاتسا قانداقمۇ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بۇلىدۇ.
توردىشىم زەپەرنىڭ دىگىنىدەك مەكتەپلەنىڭ باشقۇرىشىنىڭ %90 نى يېزا بازارلارغا چۈشۈرۈپ بەرسە بۇندىن كىيىن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى نىمە بۇلۇپ كىتەر .......................

باھا سۆز

توغرا دەيسىز ... شۇ سۈيۈملۈك جارچىلار ۋاقتى كېلىپ قالسا دەرىسنىمۇ توختىتىپ قۇرۇق لېكسىيە ۋە ئىنتايىن قىممەتلى تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-2-16 13:45
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-16 13:45:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muallim يوللىغان ۋاقتى  2014-2-16 00:55
‹‹ مائارىپ تەرەققىياتىدىكى ھەقىقىي جىنايەتچى كىم؟ ››  ...

توغرا دەيسىز ... شۇ سۈيۈملۈك جارچىلار ۋاقتى كېلىپ قالسا دەرىسنىمۇ توختىتىپ قۇرۇق لېكسىيە ۋە ئىنتايىن قىممەتلىك دەبىدەبىيلىك ھېكىمەتلىرى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن قۇسۇر ئىزدەش ساختا ئىشلارنى ماختاش ، توغرا ئىشلارنى ئەيىپلەش ئارقىلىق مەكتەپ ئوقۇتۇشىنىڭ نورمال تەرتىۋىگە ئېغىر توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلىدۇ ... ئەمەلىيەتتە مەكتەپ مۇدىرىدا بېرىلگەن ھوقۇق شۇ تەكشۈرگۈچىلەرگە قارىغاندا چوڭ ، ئەمما ئۇلارنىڭ يۈرەك سىزىمچانلىقى زىيادە ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ، يالغانچى ، بىكارتەلەپلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ ...
ۋاقتى: 2014-2-18 12:12:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالا ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ.بۇنداق ئەھۋال ئۆزگەرتىلىشى كېرەك.

باھا سۆز

توغرا دەيسىز ... بايقاشتىكى مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز ئوقۇتقۇچىلار ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق پىكىرى بىرلىككە كەلگە تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-2-18 13:39
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-18 13:39:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tuniyaz.kibir يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 12:12
بۇ ماقالا ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ.بۇنداق ئەھۋال ئۆز ...

توغرا دەيسىز ... بايقاشتىكى مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز ئوقۇتقۇچىلار ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق پىكىرى بىرلىككە كەلگەندە ئاندىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەۋلاتلارنى ياخشى يوللار ئارقىلىق تەربىيلەپ ، ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشتىن ئىبارەت بۈيۈك ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىز ھەمىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-20 11:42:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمكانىيەت بار مارىپ ئىدارىسى سېستىما پارتىكومى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسىۋىسىگە چاڭ سالماي مۇۋاپىق ، ئىلمىي بولغان باشقۇرۇش ئەندىزسىنى ئۆز ئەتراپىدىكى شۇ ئەقىلدارلار بىلەن ئۇيۇشۇپ تېپىپ چىقىپ مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى تاپقان بولسا ، ئوقۇتقۇچىلارنى ساقتىلايدىغان ناتوغرا قىلمىشلارنى قىلمىسا ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۆڭلى ئۇچۇق ئۆزىنى جانلىق كەسىپكە بېغىشلىغان بولسا قانداق ياخشى بۇلاتتى ھە ... نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ئەمەلىيەتتە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ماسلىشالايدۇ ، ئۇلاردا ئۆزىنى ئەۋلاتلارغا بېغىشلاش روھى كام ئەمەس ، ئەمما مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يولسىز يولىغا قويىدىغان بىر قىسىم باشقۇرۇش ئەندىزلىرىنىڭ شۇ جاپاكەشلەرنىڭ قەلبىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن كۆپىنچىلىرى يېشىنى چۇڭايتالماي ئاۋا ، ئۆزىنىڭ شۇنداق تىرىشچانلىق بىلەن جاپالىق ئىزدىنىشلەر نەتىجىسىدە ئالغان بىلىملىرىنى خۇرۇتۇپ بالدۇر پىنسىيەگە چىقىپ كىتىشنى ئوتتۇرغا قويۇشى نىمىدىن ... ئارىمىزدىكى بەزىي قاغدالمىلار شۇنداق جاپاكەشلەرنىڭ بۇ خىل ئىدىيسىنى چۈشەنمەي يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى بىكار تەلەپلەرنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ نۇرغۇن تىل ئازارلارنى بىرىشى نىمىدىن ؟ ... مەن شۇنداقلارغا شۇنداق دەيمەنكى گەپنى ئېغىزدا قىلماق ئاسان ، بۇنى بالىلار يەسلىدىن تارتىپ ئوتتۇرغا چىقىرالايدۇ ... شۇنداقلارنىڭ ئىدىيسىدىكى يەكۈن پەقەت يەسلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىلى تەپەككۈرىچىلىك باركەن ...
ئۇلارغا تەۋسىيە ۋالاقتەككۈرۈپتەك ئۇ ، بۇ ئورۇنلاردا خۇشامەت قىلىشنى ، قۇرۇق لېكسىيە سۆزلەشنى ئۈگەنمەي ، ئىلمىي ھالدا ئويلىنىشنىمۇ بىلىڭلار ... بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك يارىماس ئەمەس ... ئەمەلىيەتتە يارىماس ھازىرقى مائارىپ سېستىمىسىدىكى بىكار تەلەپلەر بولۇپ قالدى ... كاللاڭلارنى سېلكىۋىتىڭلار ھەي ! ... ئىدارىدىن ئىبارەت بىر كاتەككە سولىنىۋالغانلار ...
ۋاقتى: 2014-2-22 17:37:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ناھەقچىلىق قىلىش ئوقۇتقۇچىلارنى بېسىش،جوڭگو تارىخىدا ئىزچىللىققا ئىگىغۇ.مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىمۇ بىزلەرنى «سېسىق 9-»دەيمىشكەنغۇ،

باھا سۆز

بەلكىم شۇنىڭ ساقىندىسىدۇر ... تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-2-22 19:26
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-22 19:26:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بابۇر0725 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-22 17:37
بۇنداق ناھەقچىلىق قىلىش ئوقۇتقۇچىلارنى بېسىش،جوڭگو ت ...

بەلكىم شۇنىڭ ساقىندىسىدۇر ...
ۋاقتى: 2014-2-22 19:34:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇچاغلاردا پاھىشىلەر 8-      ئورۇندا ئىكەن

باھا سۆز

شۇنداقمۇ ... ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىممىتى شۇ پاھىيشىلەرنىڭ قىممىتىچىلىك چىقمايدىكەن ھە ... ھازىرمۇ شۇنداق بولۇپ كې تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-2-22 21:49
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-22 21:49:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بابۇر0725 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-22 19:34
شۇچاغلاردا پاھىشىلەر 8-      ئورۇندا ئىكەن

شۇنداقمۇ ... ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىممىتى شۇ پاھىيشىلەرنىڭ قىممىتىچىلىك چىقمايدىكەن ھە ... ھازىرمۇ شۇنداق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ ، شۇنداق چىرايلىق شىرىنلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى بىر دۈۋە قۇمغا كۈمۈپ ھالسىرتىۋاتىدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش