ئىگىسى: salkin11

مائارىپ تەرەققىياتىدىكى ھەقىقىي توسالغۇ قايسى ؟

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-31 09:49:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزار يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 20:58
بۇ مەسىلىنى ئويلاپ كەلسەك   جىنايەتچى مۇشۇ  يەردىكى   ئۆ ...

يەنە بىر تەرەپنى ئەسكەرتىپ قۇيايدىكى ھازىرقى كۆپ ساندىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلاردىن بەكرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ كالىسى ئېچىلىپ كەتتى ... ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقىتنى بىكار ئۆتۈزۈپ قويىشىنى خالىمايدۇ ... ئوقۇتقۇچىلار ھەم شۇنداق ... سىزنىڭ يەكۈنىڭىز بەكلا سوبېكتىپ يەكۈن بولۇپتۇ ... بەزىي ئىشلاردا قانداق غۇجاملاردىن سورىماي ئېلىپ بارغۇلۇق ... « ئازادىچىلىكى بولمىغان خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىدىن گەپ ئېچىش مۇمكىن ئەمەس » دېگەن بۇ تەرەپنى سىز ئوبدان بىلىسىز ... بەكلا ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇم ھە ... كەچۈرۈڭ ...
ۋاقتى: 2014-1-31 14:53:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
salkin11 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 09:43
سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىزدەك سەۋەنلىكنى ئوقۇتقۇچىلا ...

قومۇلدا بۇنداق ئورۇنسىز پۇل تۇتىدىغان ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى  چېقىلىدىغان ئىشلار يوق ، مائارىپ ئىدارىلىرىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىدۇ .   ھەم ئايدا بىر قېتىم شەھەر بويىچە ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆ زىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىشقا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ .  ئۇندىن باشقا ھەر قايسى مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدىن ئوتۇر قاتلام رەھبەرلىك بەنزىسىدە ئىشلىيەلەيمەن دەپ ئۆزىگە ئىشەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ ھەم سېلىشتۇرۇپ باھالاش ئارقىلىق رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىرىدۇ ، مائارىپ ئىدارىلىرمۇ  ھەر قايسسى مەكتەپلەرنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگە  ئاساسەن ئارلىىۋالمايدۇ .
ئۆزىمىزنىڭ مەكتىپىنى ئېلىپ ئېيتسام، بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەم ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا ئۈندەپ تۇرىمىز . ئۇلارنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئېلىپ سەۋەنلىكلەرنى تۈزۈتۈشكە ھەر ۋاقىت ئېتىبار بېرىمىز . ئوقۇتقۇچىلار بىلەن  ئاچا - سىڭىللاردەك ئۆتۈپ مەكتىپىمىزدە ئىناق مۇھىت بەرپە  قىلىپ كېلىۋاتىمىز . شۇڭا بۇ يەردە ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن مەنمۇ ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتۇتۇرغا قويدۇم .
بەلكىم ھەر قايسى رايونلارنىڭ مائارىپ باشقۇرىشى ئوخشىماسلىقى مۈمكىن . ئەمما  بىزنىڭ قومۇلدا بۇنداق چوڭ مەسىلىلەر يوق . ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ ئىدارىسىدىن ھەم مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن رازى بولمايدىغان ئەھۋااللار ئاسسەن يوق دىيەرلىك .
  مەنمۇ ئۆز رايونىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا قارىتا ،كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم ، ئارتۇق كەتكەن يېرى بولسا كەچۈرۈڭلار .

باھا سۆز

بىزنىڭ بۇ يۇرت ئاجايىپ ... ئاغزىدا مائارىپ ئۈچۈن ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇل تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-1-31 20:33
ۋاقتى: 2014-1-31 15:19:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-31 15:28  
گۈلزار يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 20:58
بۇ مەسىلىنى ئويلاپ كەلسەك   جىنايەتچى مۇشۇ  يەردىكى   ئۆ ...


دوستۇم دىگىنىڭىز توغرا، يامان يېرى ھازىر ئوقۇتۇش قۇشۇمچە بولۇپ قالدى، بالىلارغا بىلىم بېرىپ ئوقۇتۇش ئاساسىي مەقسەت ئەمەس...سىز ئويلىغاننى بىزمۇ ئويلايمىز ئەلۋەتتە. ..
مەنمۇ بىر سىنىپ مەسئۇلى، مۇشۇ سىنىپ مەسئۇللىقىدىن زىرىق-زىرىق تويۇپ كېتىۋاتىمەن ھەم  مۇشۇ سىنىپ مەسئۇللىقىنى پۇل بېرىپ سېتىۋېتىشنىمۇ ئويلاۋاتىمەن، بۇنداق دېسەم ساراڭ بوپ قاپتۇ دەپ ئويلاپ قالغانسىز، بالىلارغا بىلىم بېرىپ ئوقۇتساق ئۇنداق دىمەيتتىم، شۇ ئوقۇتۇشقا ۋاقىت ئاشمايۋاتىدۇ ئەمەسمۇ...

  تۆۋەندىكى ماقىلنىمۇ ئوقۇپ بېقىڭلار، ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
  /bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=17134

باھا سۆز

راسىت دەيسىز ، بىزنىڭ بۇ يەردىكى سىنىپ مۇدىرلىرى مىڭ قاقشاپ ، شۇ ئۇنۋاننى ئالمايدىغان بولسا سىنىپنى قەتئىي ئ تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-1-31 20:35
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-31 20:33:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزار يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 14:53
قومۇلدا بۇنداق ئورۇنسىز پۇل تۇتىدىغان ، ئوقۇتقۇچىلا ...

بىزنىڭ بۇ يۇرت ئاجايىپ ... ئاغزىدا مائارىپ ئۈچۈن ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئويلايدۇكى مىللىي مائارىپقا نۇرغۇن نەرسە ئېلىپ بەردۇق دەپ قويۇپ كېرەكسىز ئوقۇ- ئوقۇتۇشقا ئەس قېتىپ كەتمەيدىغان بىر توچەي ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىپ قويىدۇ ، خەنزۇ مائارىپى ئۈچۈن يول داغدام ... ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئەمەل تۇتۇشنى ئويلايدىغانلار ئاۋۋال مارالبېشىدىن باشلىسا ئىشلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ دەيدىغان خەلق ماقال- تەمسىللىرىمۇ بار ... شۇڭا ئۇزۇندىن بۇيان مارالبېشى خەلقى شۇنداق ئىستەيدۇ ، مارالبېشىنى باشقۇرۇش ھۇقۇقى قەشقەر ۋىلايىتىدە بولماي ، ئاقسۇ شەھرىدە بولغان بولسىچۇ دەپ ... بۇنداق دىسەم باشقىلار بۆلەكچە چۈشىنىپ قالماڭلار ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-31 20:35:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 15:19
دوستۇم دىگىنىڭىز توغرا، يامان يېرى ھازىر ئوقۇتۇش قۇش ...

راسىت دەيسىز ، بىزنىڭ بۇ يەردىكى سىنىپ مۇدىرلىرى مىڭ قاقشاپ ، شۇ ئۇنۋاننى ئالمايدىغان بولسا سىنىپنى قەتئىي ئالمايتىم دەپ قاقشايدۇ ... جاپاسى تۇلا ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-3 10:23:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى بىچچارىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا ۋاي ، يېقىندا ئۆزىنىڭ پوقىنى ئادالاپ غىمىسسىدە يۇغۇشتۇرۇپ ئەرزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چىرايلىق ئىبارە ۋە قورقاق سېلىشلار ئارقىلىق ئىش يىغىشتۇرۇپتۇ ... بۇ نېمە دىگەن بىچچارىلىق ...
ۋاقتى: 2014-2-5 00:31:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققەتەن چوڭقۇر ئويلۇنىشقا تىگىشلىك . مائارىپىمىزدىكى بۇ ناچار ئىللەتلەر تۈزۈلمەي تۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭلى ئازادىلىككە ئېرىشمەيدۇ  .ئوقۇتقۇچىلار كۆڭلى خىزمەتتىن سۇ ئىچمىسە مائارىپىمىز نىمە بولماقچى زادى ؟

باھا سۆز

توغرا دەيسىز ... باشقۇرغۇچى سۈيۈملۈك بولمىسا ، باشقۇرۇلغۇچى قانداق سۆيسۇن ... ھازىرقى باشقۇرغۇچىلىرىمىز بەكلا تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-2-5 09:34
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-5 09:34:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
unqilar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-5 00:31
ھەققەتەن چوڭقۇر ئويلۇنىشقا تىگىشلىك . مائارىپىمىزدىكى ...

توغرا دەيسىز ... باشقۇرغۇچى سۈيۈملۈك بولمىسا ، باشقۇرۇلغۇچى قانداق سۆيسۇن ... ھازىرقى باشقۇرغۇچىلىرىمىز بەكلا ئالىي مەلۇماتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن سىرلىقلىشىپ كەتتى ... ھەرقانداق ناباب ئىشلارنى قىلسىمۇ شۇ بىچچارە ئوقۇتقۇچىلارنى ئىنتايىن نادان ۋە ئەخمەق ھېسابلايدۇ ... پايدا بولسا ئۆزىدىن ئاشمايدۇ ، جاپالارغا بىچچارە ئوقۇتقۇچىلارنى ئىتتىرىپ قويغىنى قويغان ... ئوقۇتقۇچىلۇق ئەڭ شەرەپلىك خىزمەت ئەمما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۆڭلى ئەمىنلىككە ئىگە بولغاندا ئاندىن ئىشلىرىمىزدا يۈكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بۇلار ...
ۋاقتى: 2014-2-5 13:49:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئورمانلىقتا مايمۇن پادىشاھ بولسا،ھەممە ھايۋاننى دەرەققە چىقىشقا زورلايدۇ››دېگەننى ئاڭلىمىغانمۇ....مائارىپ مائارىپنى ھەقىقى سۆيىدىغان كەسىپ ئېگىلىرىنىڭ باشقۇرىشى ھەم يېتەكچىلىكىدە بولسا ئاندىن ئۆز ئىزىغا چۈشىدۇ.ئەمما گۈلزار خانىم ئوتتۇرغا قويغان پىكىر بەكمۇ ئورۇنلۇق مائارىپ ئاساسلىقى يۈرىكى مىللەت،مىللەت،مىللەت يەنە مىللەت....دەپ توختاۋسىز سوقۇپ تۇرىدىغان،جاپا-مۇشەققەتلەرنى قېتىغا ئالماي ئۈن-تۈنسىز ئالغا ئىلگىرلىگۈچى ھەقىقى ئۇلۇغلۇقنى ئۆزىگە يار قىلغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز قولىدا گۈزەل مەنزىللەرگە قەدەم ئالىدۇ....ئومۇمىي تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش قولىمىزدىن كەلمىگەندىكىن قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلارنى تىرىشىپ قىلساقلا ئىشلار ئاستا-ئاستا ئۆز ئىزىنى تاپىدۇ.

باھا سۆز

سىزنىڭ ئېيىتقىنىڭىز ھەقىقەتەن توغرا ... ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مائارىپنى ساھەلەر بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش دى تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-2-5 15:30
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-5 15:30:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TARAM يوللىغان ۋاقتى  2014-2-5 13:49
‹‹ئورمانلىقتا مايمۇن پادىشاھ بولسا،ھەممە ھايۋاننى دە ...

سىزنىڭ ئېيىتقىنىڭىز ھەقىقەتەن توغرا ... ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مائارىپنى ساھەلەر بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش دىگەن بۇ چىرايلىق ئىبارىسى نەگە كەتتى ؟ مائارىپ باشقۇرغۇچى خادىملىرىمىز ھەقىقەتەن مائارىپنى چۈشەنىمەيدىغان ، مائارىپنى بۇزىدىغان ئەمەس ، بەلكى مائارىپ ئۈچۈن بىر كىشىلىك يېڭىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ، شۇ مائارىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان كەسىپچانلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كىرەك ئىدى ... ئەمەلىيەتتە ، ئېغىزدا مائارىپىمىزنى ئانداق تەرەققىي قىلدۇرىمىز ، مانداق تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەپ قويۇپ ، ئەمەلىيەتتە شۇ بىچچارە جاپاكەشلەرنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى شۇلۇش بولسا بۇ نېمە دىگەن ئېچىنىشلىق ... بۇنىڭغا يەنىلا بەرداشلىق بىرىش كېرەكمۇ ؟! ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش