| غادىراڭ يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 14:01  بۇ مەسىلە مائارىپىمىزدىكى ئوموميۈزلۈك مەسىلە ، مۇشۇ س ... سىزنىڭ گىپىڭىزدىن قارىغاندا ، مەسىلە بىزنىڭ بۇ تەرەپلەرگە قارىغاندا سىللەرنىڭ تەرەپلەردە بەكرەك ئېغىركەن ... مۇشۇ رەھبەرلىك قاتلىمىغا چىققۇچىلار پەقەتلا ئۆزىنى مائارىپ ئۈچۈن ياكى ئەۋلات تەربىيلەشكە ئاتىماستىن پۇل يىغىش ۋە بەخۇدۇك ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ ... بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردە پەقەتلا ئۇنداق قىلماي پەقەت ھەر ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇقىرىدىن بەرگەن مۇئاش تەمىناتىدىن تۇتۇپ قالغانلارنى يىل ئاخىرىدا ئۈنۈم ئىش ھەققى دەپ ئاتاپ قۇياتتى ، ئالدىنقى يىلى بۇ ئۈنۈم مۇئاشىدىن چاتاق چىقىپ بۇنى دەستەك قىلغان ناھىيە رەھبەرلىرى ۋە مائارىپ ئىدارىسى سېستىما پارتىكومى مەكتەپلەردىكى بارلىق ئارقا ئىشىك قىلالايدىغان يېڭى تايانىچ بۇغالتېرلارنى شەكىلگە ئىمتاھان ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئالماشتۇرۇپ يېڭىلىدى ... بۇ قېتىم شۇ يېڭى بۇغالتېرلار بىلەن ئۈنۈم ئىش ھەققىنى ئىشلەپتىكەن بۇنىڭدا مەكتەپتە كۈرۈپ باقمىغان بىر قىسىم باشقا ئورۇنلاردا ئارىيەتكە ئىشلەۋاتقانغا يۇقىرى نومۇر ، مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقانلارغا قارىتا تۈۋەن نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن غەلبىلىك تاماملىدى ... يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار سىنىپ مۇدىرلىق پۇلىنى توختاتتۇق دېگەن ئۇختۇرۇشنى قەستەن مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرى تىقىپ قويۇپ ، ئاخىرىدا بارلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن 570 يۈۋەندىن تۇتۇپ قېلىپ ئاخىرىدا ئىش ئاشكارە بولغاندىن كېيىن ، خەنزۇلار ئەرىزگە ئۈتۈپتىكەن ، ئۇلار 7000 يۈۋەندىن مۇكاپات مۇئاشى ( ئۈنۈم مۇئاشىدىن سىرىت ) بىزدەك ئىشلەپ بۇلالمايدىغان مىللىي يولداشلارغا ، يەنى خەنزۇلار دېگەندەك يوقلارغا 1000 يۈۋەندىن بېرىپ بۇ پۇلنى پالانىس قىلدى ، يەنى 570 يۈۋەننى سىنىپ مۇدىرلىق پۇلىغا ، 489 يۈۋەننى كىيىم پۇلى دەپ ... ئەرىز چوڭىيىپ كېتىشىدىن قورقۇپ بۇ پۇللارنى تەتىلگە ئۈلگۈرتۈپ ئاستىن- ئۈستىن قىلىپلا پالانىس قىلدى ... ئەسلىدىكى ناھىيەدىن تارقاتماقچى بولغان مۇكاپات ئىش ھەققىنى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېزىلاردىن ناھىيە مەركىزىدىن ئالمىشىشتىن ساقلىنىش ، يېزىدا ئوقۇتقۇچى كامچىل بولۇشى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مەسلىھەت قىلىپ تەستىقلاپتىكەن ، كېيىن ئاشكارە بولىشىچە ، ئارلىقتا بىرسى ئويۇن ئويناپ بۇنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرىۋېتىپتۇ ... سىز دىگەندەك سىنىپ مۇدىرلىق پۇلىنى ئوقۇتقۇچىلاردىن يىغمايدۇ ، ئەمەلىيەتتە ، بۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن تارقىتىدۇ ... 1 يىل بوپتۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن توختىتىپ قويغىلى ... بۇنى تولىمۇ ئاشۇرىۋېتىپتۇ ... مۇشۇنداق بىر ئىشلار سەۋەبىدىن سىنىپ مۇدىرلىرى يارىماس ، بىكار تەلەپلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش گىرداۋىغا ئەكىلىپ قويىۋاتىدۇ ... قايسىڭلاردا مۇشۇنداق نامۇۋاپىق ئىشلارنى ئىنكاس قىلىدىغان قىززىق لىنىيە تېلىفون نومۇرى بار ... مۇمكىن بولسا يوللاپ قويساڭلار ... |
|