baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 11

نۇتۇق ۋە ناتىقلىق سەنئىتى (سىن دەرسى)

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   تولۇق ئوتتۇرا تىل  - ئەدەبىيات زۆرۆر دەرسلىك 2 - قىسىمغا (تولۇق 1-يىللىق 1 - مەۋسۈم) نۇتۇق ژانىرى كىرگۈزۈلگەن. بىزگە مەلۇمكى، سۆزلەش __ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى تۆت ھالقىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. دەرسخانىدا بەزىدە شۇنداق ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىمىزكى، پىكىر قىلماي جىم ئولتۇرۇۋالىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزىدىكى گەپنى ئامبۇر بىلەن قىسىپ ئېلىپ چىققىمىز كېلىدۇ ... دېمەكچى بولغىنىم، سۆزلەش ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. « ئۆزىنى ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن ئادەم قۇل ھېسابلىنىدۇ » دېگەن گەپ بارغۇ. نۇتۇقنىڭ تۇرمۇشتىكى رېئال ئەھمىيىتى نوقتىسىدىن تېخىمۇ شۇنداق.  تۆۋەندىكى سىن دەرسى مېنىڭ نۇتۇق ژانىرى ھەققىدە ئۆتكەن بىر سائەتلىك ئۈلگىلىك دەرسىم. « كەلتۈرگىنى گۈل كەلتۈرۈپتۇ، كەلتۈرمىگىنى بىر باش پىياز » دەپ، كەسىپداشلارغا ئاز - تولا خۇرۇچ بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +10تىللا +5تۆھپە +10شۆھرەت +10يىغىشسەۋەبى
گۈلزار + 10 + 5 + 10 + 10ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-19 14:15:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: نۇتۇق ۋە ناتىقلىق سەنئىتى (سىن دەرسى)

بۇ ھەقىقەتەن دەرس بايلىقىنى قېزىپ ۋە زامانىۋىي ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خوجايىنلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،بىلىم بىلەن گۇمانىتارلىققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ،دەرسلىكتىن ھالقىپ دەرس بەرپا قىلىش ئاساسىدا ئۆتۈلگەن ياخشى دەرس بوپتۇ. سىزگە كۆپ رەھمەت!!!
ۋاقتى: 2014-1-19 14:19:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دەرسىىڭىزنى نەق مەيداندا ئولتۇرۇپ ئاڭلىغاندەك ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ چىقتىم .
بۇ دەرسكە خېلىلا ئەجىر قىلىپسىز . دەرسنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن مەزمونىنى ناھايىتى  ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپسىز .  بۇنىڭغا مىسال ئېلىنغان نۇتۇقلارمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، كىشىلەرنى تەبىيلا  ئۆزى توغرىسىدا ئويلىنىشقا ھەم ئۇيۇشۇش بىلەن جەسۇرلۇققا ، ۋەتەن ۋە مىللىتىنى قوغداشقا بولغان ئىرادىسىنى كۈچەيتىشكە ئۈندەيدىكەن .
  مۇشۇ دەرستىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى ،سىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈچۈن ھاردىم تالدىم دىمەي ئىشلەش روھىڭىزدىن تەسىرلەندۇق ، مائارىپىز سېپىدە سىزگە ئوخشاش باغۋەنلىرىمىزلا بولىدىكەن مىللى مائارىپىزمىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇچى .
رەھمەت ئۇستاز . سىزگە ئالى ئېھتىرام بىلدۈرىمەن .
ۋاقتى: 2014-1-20 15:03:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلا بولمىسۇن ئاەم ئۆزىنى ئىپادىلەشكە ماھىر بۇلۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟
ۋاقتى: 2014-1-21 12:41:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇتۇق توغرىسىدا شۇنداق بىر سۆزنى ئاڭلىغىنىم يادىمدا : ‹‹ پادىشاھ پېتىر ئۈستەلنى بىر مۇشلىسا پۈتۈن ئوردا تىترەيتتى ، لېنىن ئۈستەلنى بىر مۇشتلىسا پۈتۈن روسىيە تىترەيتتى ››
ۋاقتى: 2014-1-24 22:08:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما يوللاپسىز .. رەھمەت سىزگە .. جاپا چېكىپسىز..
ۋاقتى: 2014-1-25 21:46:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۇرەي دەپمۇ كۇرەلمىدىم:f
ۋاقتى: 2014-1-26 00:01:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئۆتۈلگەن دەرس بولۇپتۇ. مۇمكۇىن بولسا چۇشۇرۇپ  تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق ئۈچۈن پايدىلىنىشقا ناھايىتى ياخشى پايدىلىنىش دىتالى بولىدىكەن مۇمكىن بولسا چۇشۇرۋالغان بولسام بەكل ياخشى بولاتتى
ۋاقتى: 2014-1-26 00:18:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇتۇق توغرىسىدا شۇنداق بىر سۆزنى ئاڭلىغىنىم يادىمدا : ‹‹ پادىشاھ پېتىر ئۈستەلنى بىر مۇشلىسا پۈتۈن ئوردا تىترەيتتى ، لېنىن ئۈستەلنى بىر مۇشتلىسا پۈتۈن روسىيە تىترەيتتى ››

تۇزۇتۇپ قوياي: ‹‹ پادىشاھ نوكىلي ئۈستەلنى بىر مۇشلىسا پۈتۈن ئوردا تىترەيتتى ، ل.تولىستوي ئۈستەلنى بىر مۇشتلىسا پۈتۈن روسىيە تىترەيتتى ››
تۇزۇتۇپ قويسام بىر پىتنىخور ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ دوستۇم
ۋاقتى: 2014-1-26 00:28:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق قىلسام ساقلىۋالايمەن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! يادەم قىلساڭلار؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 15:48, Processed in 1.418754 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش