baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 310|ئىنكاس: 11

رايونىمىزداقىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر ق..

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-18 23:45  


ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ


15-يانۋار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ‹‹ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ››نى تارقىتىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى قاتتىق مەنئى قىلغان .
    ‹‹ئۇقتۇرۇش ››تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى : مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاش ياكى يېڭى دەرس ئۆتۈشىنى مەنئى قىلىش ، ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىشى ، ھەقلىق دەرس تولۇقلاپ بېرىشى ، جەمئىيەتتە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك ھەقلىق تەربىيەلەش ۋە تەكرار سىنىپلىرىنى تەشكىللىشى ياكى قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قاتتىق مەنئى قىلىش كېرەك .
    تەبىئىي ، گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەر ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر قاتارلىقلار سەۋەبىدىن دەرسلىك پىلانى ئورۇنلانماي، ھەقىقەتەن دەرس تولۇقلاش زۆرۈر بولسا، ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق ، شەھەرلىك) مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ ھەمدە ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلارغا دەرس تولۇقلاش پىلانى، مەزمۇنى، ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئالدىن ئۇقتۇرسا بولىدۇ ، ھەرقانداق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.
    ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەتىللىك تاپشۇرۇقىغا قارىتا، ‹‹ئۇقتۇرۇش ››تا تاپشۇرۇق ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونتىرول قىلىپ ، تاپشۇرۇق شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ، مەھەللە مۇلازىمىتى، ئەمگەكتە چېنىقىش قاتارلىق تەربىيە پائالىيىتىگە يېتەكلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش تەلەپ قىلىندى .
    ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ، رېۋىزىيە ، ئىستىل تۈزىتىش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، نۇقتىلىق ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە ئوتتۇرا ، باشلانغۇچە مەكتەپلەرگە قارىتا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن . ئومۇمەن ، قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئۆز مەيلىچە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ دەرس تولۇقلاش ئەھۋالى بايقالسا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن ھەمدە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئېلان قىلىنىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى جەمئىيەتكە پاش قىلىش تېلېفونى ھەمدە ئالاقىلاشقۇچىنى ئېلان قىلىدىكەن .
مەنبە :تەڭرىتاغ  ئۇيغۇرچە تورى

http://uy.ts.cn/homepage/content/2014-01/17/content_331269.htm
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-18 11:35:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
juxkun  ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز تىما يوللاشتىن بۇرۇنلا ئالدى بىلەن شۇ تىمىنىڭ قەدىر قىممىتى توغىرسىدا تەپسىلى رەك چۈشەنچىنى بىرىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن يوللىغايسىز . بۇ جەھەتتە خەت يېزىشقا ئىرىنمەڭ شۇنداق قلغاندا ئاندىن تىمىڭىزنىڭ قەدىر قىممىتى بۇلىدۇ
ۋاقتى: 2014-1-18 23:50:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارغىمۇ ئەركىن ئازادە ئويناش ۋە تاشقى مۇھىت بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك . دىمىسىمۇ ھازىر بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل ۋاقتىنى ئىگەللىۋېلىپ ، ئۇلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە چارچاش ھەم ئوقۇغۇچىلاردا مەكتەپتىن بىزارقىلىش ئەھۋاللىرى پەيدا بولماقتا ، شۇڭا ھەر قايسى مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانونلۇق ۋاقتىنى ئىگەللىۋالماسلىق كېرەك .
ۋاقتى: 2014-1-19 22:50:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياحشى حەۋەركەن رەحمەت سىزگە
ۋاقتى: 2014-1-21 23:46:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ، رېۋىزىيە ، ئىستىل تۈزىتىش قاتارلىق تارماقلار نىڭ پاش قىلىش تېلىپۇن نۇمۇرى بولغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى . بولسا يوللاپ قويغايسىز  بىزنىڭ ناھىدىمۇ بۇخىلدىكى مەكتەپلەر بار . بىز نوختىلىق سىنىپلارنى ئېچىپ تەربىيلەپ كىلىۋاتىمىز بولسا شۇنداق بولسا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇجەھەتتىكى يۈكىمۇ يىنىك بۇلىدىكەندە . بولسا تەكشۈرۈش كەلسە دەيمەن
ۋاقتى: 2014-1-22 13:47:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2014-1-27 12:00:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن .مائارىپقا ئائىت مۇشۇنداق ياخشى خەۋەرلەر كۆپرەك يوللانسىكەن .
ۋاقتى: 2014-2-11 19:45:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاش قىلىش تېلىفون نومۇرى قانچە ... بۇ خۇددىي ئۆلگەندە سۈرە ياسىن ئوقىغاندەك ئىش بوپتۇ ... بۇنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتتۇق دەپ بولىشىغا تەتىل تاپشۇرىقىنى ئالسىمۇ ، ياكى ئالمىسىمۇ ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە مۇناسىپ ياكى مۇناسىپ كەلمىسىمۇ ... ھازىرقى دەۋىرنىڭ يېڭى بىر ئۈزۈندىسى بارغۇ ئىئانە دەپ قويىدۇ مەجبۇرىي ئىددىيسىدىن ئۆتسىمۇ يىغىدۇ ، ئۆتمىسىمۇ يىغىدۇ دېگەندەك ... بۇنداق ئىشلار يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىدىن باشلاش كېرەك ...
ۋاقتى: 2014-2-11 22:10:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن رەھمەت سىزگە بۇ خەۋەرنى بەزى مەكتەپنىڭ مۇدىرلىرى كۆپلەپ كۆرىسە بولدىكەن.
ۋاقتى: 2014-2-14 18:23:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپقا ئائىت مۇشۇنداق ياخشى خەۋەرلەر كۆپرەك يوللانسىكەن .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 11:58, Processed in 1.010254 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش