كۆرۈش: 417|ئىنكاس: 0

ش.م.ئا نىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىرى
ش.م.ئا[2008]33-نومۇر

ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ«ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس لايىھىسى(تەجرىبە)»، «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنى باھالاش، ئىمتىھان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە «ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېڭى دەرسنى تەجرىبە قىلىش خىزمىتىنى تىخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىرى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەزكۈر يىتەكچى پىكىر تۈزۈپ چىقىلدى.
بىرىنجى، يىتەكچى ئىدىيە
ئادەتتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىشتە، پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى ئومومىيۈزلۈك يولغا قويۇشنى مەقسەت، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئومومىيۈزلۈك، ھەمدە خاسلىققا ئىگە ھالدا تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باش نىشان قىلىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ تەربىيىلەش نىشانىنى تىرشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سىلىشتىن ئىبارەت.
ئىككىنجى، ئاساسىي پىرىنسىپ
1. باشلامچىلىق قىلىش پىرىنسىپى. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاشنى يولغا قويۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ روھىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى دەرس لايىھىسىنىڭ تەلىۋىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئىلمىي بولغان باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستىمىسى ۋە باھالاش نەتىجىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ساپا مائارىپىنى ئومومىيۈزلۈك يولغا قويۇشى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.
2. ئومومىيۈزلۈك بولۇش پىرىنسىپى. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىشنى يولغا قويۇشتا، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى ۋە ئومومىي جەھەتتىكى ئىپادىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، جانلىق، ئومومىيۈزلۈك باھالاش ئىلىپ بىرىپ، ھەم ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانى، گۈزەللىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش، ھەم ئوقوغۇچىلارنىڭ خاسلىقى، ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
3. ئادىل بولۇش پىرىنسىپى. ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش تۈزۈم قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپ، باھالاش تەرتىۋىنى قىلىپلاشتۇرۇپ، باھالاش خىزمىتىنىڭ باراۋەر،ئادىل، ئوچۇق-ئاشكارە بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
4. تەرققىيات خاراكتىرلىق پىرىنسىپى. جەريان خاراكتىرلىق باھالاش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتىرلىق باھالاشنى بىرلەشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، باھالاشنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ھەركەت ئىپادىسىگە ئەھمىيەت بىرىپ، باھالاشنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش،تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باھالاشنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەتىراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.
5.مەشغۇلاتچانلىق پىرىنسىپى. باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى مۇۋاپىق،ماس كىلىدىغان،كونكېرت بولىشى، باھالاش جەريانى ئاددىي،ئوبىيىكتىپ، مەشغۇلات قىلش ئوڭاي بولىشى، باھالاش بىلەن باشقۇرۇشنىڭ ئۇچۇرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىشى كىرەك.
ئۈچىنجى، باھالاشنى يولغا قويۇش
1.باھالاشنىڭ مەزمۇنى
«مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپنى باھالاش ۋە ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» دىكى ئاساس خاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانىغا ئاساسەن، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىشنىڭ مەزمۇنلىرى ئەخلاق - پەزىلەت، پۇقرالىق ساپاسى، ئۆگۈنىش ئىقتىدارى، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق، ھەركەت ۋە ساغلاملىق، ئىستىتىك ۋە ئىپادىلەش قاتارلىق 6 جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى ئاساس خاراكتىرلىق تەرەقىيات نىشانى، باھالاش ئامىللىرى، ئاساسلىق ھەركەت ئىپادىسى قاتارلىق 3 دەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەرقايسى ئاساس خاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانىنىڭ باھالاش ئامىللىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1) ئەخلاق-پەزىلەت: ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش؛ ھەق-ناھەق قارىشى؛ جەمئىيەتنى چۈشىنىش؛ سەمىمىي ئىشەنچىلىك بولۇش.
2) پۇقرالىق ساپاسى: ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت؛ قانۇن ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش؛ مەدەنىيلىك ئادىتى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش.
3) ئۆگۈنىش ئىقتىدارى: ئۆگۈنىش پوزۇتزىيىسى؛ ئۆگۈنىش قىزىقىشى؛ ئۆگۈنىش ئادىتى؛ يېڭىلىق يارىتىش ئىڭى.
4) ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق: ئىپادىلەش ئىقتىدارى؛ زەڭ قويۇپ ئاڭلاش ئادىتى؛ ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى.
5) ھەركەت ۋە ساغلاملىق: تۇرمۇش شەكلى؛ بەدەن ئىقتىدارى؛ كەيپىيات؛ ئىرادە.
6) ئىستىتىك ۋە ئىپادىلەش: گۈزەللىكنى ھىس قىلىش؛ گۈزەللىكنى ئىپادىلەش.
كونكېرت مەزمۇنىنى قوشۇمچە 1 (ئاپتونۇم رايۇن، بىڭتۇەنىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش مەزمۇنلىرى) دىن كۆرۈڭ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ《باھالاش جەدىۋىلى》دەپ ئاتىلىدۇ) .
2.باھالاش ئۆلچىمى
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش نەتىجىسى ئۇنىۋېرىسال باھا سۆزى ۋە باھالانغان دەرىجىسىدىن ئىبارەت ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىۋېرسال خاراكتىرلىق باھا سۆزى بولسا ئاساسلىقى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا بولغان بىر پۈتۈن باھاسى بولۇپ، نوقتىلىق ھالدا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرۈشى كىرەك. دەرىجىسىنى باھالاپ بىكىتىش ھەرقايسى ئاساس خاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانىدىكى باھالانغان نەتىجىسى دەرىجە شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە «ئەخلاق-پەزىلەت» ۋە «پۇقرالىق ساپاسى» ئەلا، لاياقەتلىك، ياخشىلاشقا تىگىشلىك قاتارلىق 3 دەرىجە ئارقىلىق بىكىتىلىدۇ. قالغان 4 جەھەتتىكىسىA، B،  C،D  دىن ئىبارەت 4 دەرىجە ئارقىلىق بىكىتىلىدۇ.
(1)ئەخلاق-پەزىلەت
باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە يەتسە لاياقەتلىك دەپ باھا بىرىلىدۇ.
لاياقەتلىك بولۇش تەلىپىگە يەتسە ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەردىن خالىغان بىرىنى ھازىرلىسا ئەلا دەپ باھالىنىدۇ: ① مەكتەپ دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى 3 تە ياخشى ئوقوغۇچى، مۇنەۋۋەر ئوقوغۇچىلار كادىرى، مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى، مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرى بولۇپ باھالانغان بولسا؛ ② كوللىكتىپقا كۆڭۈل بۆلۈش، مۇھىتنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئاممىغا پايدىلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىسى كۆرىنەرلىك بولغان بولسا ھەمدە مەكتەپتىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرپىدىن تەقدىرلەنگەن بولسا.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا ياخشىلاشقا تىگىشلىك دەپ باھالىنىدۇ. ①مەكتەپ ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، چارە كۆرۈلگەن بولسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر؛ ②قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئەدىلىيە ئورگانلىرى تەرپىدىن چارە كۆرۈلگەنلەر.
(2) پۇخرالىق ساپاسى
باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە يەتسە لاياقەتلىك دەپ باھا بىرىلىدۇ.
لاياقەتلىك بولۇش تەلىپىگە يەتسە ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەردىن خالىغان بىرىنى ھازىرلىسا ئەلا دەپ باھالىنىدۇ. ① ھەققانىيەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسۈتۈش ئىپادىسى بولغان ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرپىدىن تەقدىرلەنگەن بولسا؛ ② دۆلەت ۋە كوللىكتىپنىڭ مال – مۈلكىنى قوغداش جەھەتتە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ھەمدە مەكتەپ ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك تارماقلار تەرپىدىن تەقدىرلەنگەن بولسا؛ ③ باشقىلار.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرەرسى كۆرۈلگەنلەر ياخشىلاشقا تىگىشلىك دەپ باھالىنىدۇ: ①قانۇنسىز گۇرۇھ ۋە تەشكىلاتقا قاتناشقان بولسا؛②جىدەل-ماجىرا قىلىش، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئالداش، بۇلاش، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ناچار قىلمىشلارنى سادىر قىلسا.
(3) ئۆگۈنىش ئىقتىدارى
باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە يەتسە B دەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن يەتسە C دەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. B دەرىجە تەلىپىگە يەتسە ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەردىن خالىغان بىرىنى ھازىرلىسا، A دەرىجە دەپ باھالىنىدۇ. ①تىل ۋە ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، گۇمانتارلىق ۋە جەمئىيەت، ئىلىم پەن قاتارلىق ساھەلەردىكى بارلىق ئوقولىدىغان بۆلەكلەرنىڭ ئىتىھانىسىدا نەتىجىسى ئەلا بولغانلار؛②تەتقىقات خاراكتىرلىق ئۆگۈنىش جەھەتتىكى تەتقىقات نەتىجىسى ئاپتونوم رايۇن ياكى بىڭتۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى تەشكىلاتلار تەرپىدىن مۇكاپاتلانسا؛③ئىجادىيەت مۇسابىقىلىرى ياكى كىچىك ئىجادىيەت ، كىچىك كەشپىيات، ئىلمىي ماقالە قاتارلىقلىرى ئاپتونوم رايۇن ياكى بىڭتۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى تەشكىلاتلار تەرپىدىن مۇكاپاتلانسا؛④باشقىلار.
باھالاش جەدىۋىلىدىكى C دەرىجىلىك تەلەپكە يىتەلمىسەD دەرىجە دەپ باھالىنىدۇ.
(4) ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش
باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە يەتسە B دەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن يەتسە C دەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. Bدەرىجە تەلىپىگە يەتسە ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەردىن خالىغان بىرىنى ھازىرلىسا، A دەرىجە دەپ باھالىنىدۇ. ①مەكتەپ تەشكىللىگەن ۋە ئىتىراپ قىلغان پائالىيەتلەردە ئاساسلىق تەشكىللەش رولىنى جارى قىلدۇرغان بولسا؛ ②مەكتەپ تەشكىللىگەن ۋە ئىتىراپ قىلغان مۇنازىرلىشىش، نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولسا؛③مەكتەپ تەشكىللىگەن ۋە ئىتىراپ قىلغان پائالىيەتلەردە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىپادىسى گەۋدىلىك بولسا؛④مەكتەپنىڭ تەشكىلىي ئاپىراتلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولسا؛⑤باشقىلار
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغۇچىلار D دەرىجە دەپ باھالىنىدۇ. ①ئۇزۇن مۇددەت سىنىپ دەرىجىلىك قاتارلىق كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتناشمىسا؛②داۋاملىق باشقىلار بىلەن ئورۇنسىز توقونۇشسا ياكى قەستەن غەۋغا كۆتۇرسە.
(5) ھەركەت ۋە ساغلاملىق
باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە يەتسە B دەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن يەتسە Cدەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. Bدەرىجە تەلىپىگە يەتسە ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەردىن خالىغان بىرىنى ھازىرلىسا، A دەرىجە دەپ باھالىنىدۇ.①تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق پىنىنىڭ بارلىق بۆلەكلەر ئىمتاھانىسىدا نەتىجىسى ئەلا بولسا؛②دۆلەتلىك 3-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك تەنھەركەتچى بولۇپ باھالانسا؛③ئاپتونۇم رايۇن ياكى بىڭتۇەن تەشكىللىگەن تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدا يەككە تۈردە ئالدىنىقى 6-لىككە ئىرىشكەن بولسا ياكى كولىكتىپ تۈر بويىچە ئالدىنقى 6-لىككە ئىرىشكەن كوماندىدىكى ئاساسلىق تەنھەركەتچى بولسا؛ ④ۋىلايەت(ئوبلاست شەھەر)،دىۋىزىە تەشكىللىگەن تەنتەربىيە مۇسابىقىللىرىدا يەككە تۈرلەر بويىچە ئالدىنقى 4-لىككە ئىرىشكەن بولسا ياكى كولىكتىپ تۈر بويىچە ئالدىنقى 4-لىككە ئىرىشكەن كوماندىدىكى ئاساسلىق تەنھەركەتچى بولسا؛ ⑤تۇرمۇش ۋە ئۆگۈنىش جەھەتتە ياخشى پىسخىك ساپاسىنى نامايەن قىلغان، ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلغان ۋە ئوقوتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن بولسا؛⑥باشقىلار
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغۇچىلار Dدەرىجە دەپ باھالىنىدۇ. ①تىنى ساغلام تۇرۇپمۇ داۋاملىق «ئىككى گىمناستىكا» قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاناشمىسا؛②تىنى ساغلام تۇرۇپ «ئوقوغۇچىلارنىڭ تەن سۈپىتى ساغلاملىق ئۆلچىمى» نىڭ C دەرىجىسىدىكى تەلەپكە يىتەلمىسە؛③زەھەر چىكىش، تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش، تورغا خۇما بولۇپ قىلىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى يۇقتۈرىۋىلىپ تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەلمىگەنلەر؛④ئىغىر دەرىجىدە پىسخىك توسقۇنلۇق بولۇپ، داۋاملىق ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، باشقىلارغا يولسىز ھۇجۇم قىلىدىغان ناچار ھەركەتتە بولغانلار.
مىيىپ ئوقوغۇچىلارغا باھا بىرىشتە مەكتەپ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن زورۇر بولغان چۈشەنچە بىرىشى، ھەمدە ئىسپات ماتىريالىرى ئىچىدە خاتىرە قالدۇرىلىشى كىرەك.
(6) ئىستىتىكا ۋە ئىپادىلەش
باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە يەتسە B دەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن يەتسە C دەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. B دەرىجە تەلىپىگە يەتسە ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەردىن خالىغان بىرىنى ھازىرلىسا، A دەرىجە دەپ باھالىنىدۇ.①سەنئەت ساھەسىدىكى دەرسلەرنىڭ بارلىق بۆلەكلەر ئىمتىھانىسىدا نەتىجىسى ئەلا بولسا؛②سەنئەت جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بار بولۇپ،ۋىلايەت(دىۋىزىيە) دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەستىقلىغان كەسپى تارماقلار ئىتىراپ قىلغان بولسا؛③ئاپتونۇم رايۇن ياكى بىڭتۇەن مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەشكىللىگەن ياكى ئىتىراپ قىلغان مۇزىكا، سەنئەت قاتارلىق مۇسابىقە پائالىيەتلىردە مۇكاپاتلانغان بولسا؛④ۋىلايەت (دىۋىزىيە) مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەشكىللىگەن ياكى ئىتىراپ قىلغان مۇزىكا، سەنئەت قاتارلىق مۇسابىقە پائالىيەتلىرىدە 1-،2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بولسا؛⑤ناھىيە(تۇەن)دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان، ھەمدە مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بولسا؛⑥باشقىلار
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغۇچىلارD دەرىجە دەپ باھالىنىدۇ. ① ئۇزۇن مۇددەت مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ تەشكىللىگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان بولسا؛②دائىم سىرىق، زوراۋانلىق مەزمۇن تىپىدىكى كىتاپ، ئۈن سىن بۇيۇملىرىنى كۆرگەنلەر.
يۇقۇرىدىكى6تۈردىكى«ئەخلاق-پەزىلەت»،«پۇقرالىق ساپاسى» قاتارلىقلاردىن باشقا 4 تۈردە Bدەرىجىگە ئىرىشىكەن ئوقوغۇچىلارنىڭ سانىنى باھالاشقا قاتنىشىدىغان ئوقوغۇچىلار ئومومى سانىنىڭ%50 تى ئىچىدە كونتۇرۇل قىلىش كىرەك.
ئوقوغۇچىلارنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى ئاساسىي خاراكتىرلىق تەرەققىياتنى ياخشىلاشقا تىگىشلىك ياكى Dدەرىجە دەپ باھالاشتا،مەكتەپلەر ئالاھىدە ئىھتىياتچان بولىشى كىرەك؛ مۇنەۋۋەر ياكى A دەرىجە دەپ باھالاشتا باھالاش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجىرا قىلىش كىرەك، بۇ ئىككى جەھەتتىكى ئىسپات ماتىرىياللىرىنى مەكتەپنىڭ مەخسۇس تەكشۇرۇپ بىكىتىش تارماقلىرى تەستىقلىغاندىن كىيىن ئوقوغۇچىلارنى باھالاش جەدىۋىلى ئىچىدىكى مۇۋاپىق ئورۇنغا تولدۇرۇش كىرەك.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش