baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 514|ئىنكاس: 20

‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى باشلاندى
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-08-21 16:56:31    ئەكبەر ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 8–ئاينىڭ 14–كۈنى ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.


    يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەر قايسى دەرسلىكلەرنى تۈزگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، دەرسلىك تۈزگۈچىلەرگە تەكلىپنامە تارقاتتى.


    يىغىندا ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشقان مۇتەخەسسىس، پىروفېسسور ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن دەرسلىك تۈزۈشتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش تەلەپ قىلىندى: دەرسلىكنىڭ قىيىنلىق ۋە ئاسانلىق دەرىجىسى بىلەن دەرس نىشانى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، دەرس سىغىمى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئىلمىي بېكىتىپ، ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ئىقتىدارنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش؛ تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئەندىزىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش بىلەن بىللە ھەر قايسى دەرسلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەنزۇچە دەرسلىك بىلەن باشقا دەرسلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىيات دەرسلىكى، خەنزۇ تىل–ئەدەبىيات دەرسلىكى بىلەن خەنزۇچە دەرسلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتىلىدىغان ئادەتتىكى سىنىپلار بىلەن ‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىيات دەرسلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش بىلەن ئانا تىلدا ئوقۇتۇش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈپ، ساپا مائارىپى بىلەن دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىكى جانلىقلىق، مائارىپ مەزمۇنىدىكى موللىق، مائارىپ ئەندىزىسىدىكى كۆپ خىللىقنى نامايان قىلىش كېرەك.


    يىغىنغا ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزۈش كومىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ھەرقايسى دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە مەسئۇل كىشىلەر، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىدىكى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، مالىيە نازارىتى، مائارىپ نازارىتى، مائارىپ نەشرىياتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇللاردىن بولۇپ، 100گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-3 13:22:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت .
ۋاقتى: 2014-1-3 17:15:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىڭى ئۇچۇردىن تۇلىمۇ سۈيۈندىم
ۋاقتى: 2014-1-3 18:30:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن. مۇشۇ باشلانغۇچتىن ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىندىغان بىر تۇتاش ئىمتىھاندا قۇش تىل خەنزۇتىلى بىلەن ئادەتتىكى سىنىپنىڭ خەنزۇتىلى سۇئالى ئوخىشاش چىقىدىكەن. نىمە ئۈچۈندۇ؟
ۋاقتى: 2014-1-3 22:50:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەۋەر تولىمۇ ياخشى خەۋەر ئىكەن.
ۋاقتى: 2014-1-7 15:45:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇركەن تىزراق ئەمىللىششىنى ئۈمۈت قىلىمەن
ۋاقتى: 2014-1-7 17:29:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى خەۋەركەن بۇ . قوش تىل ئوقۇتۇشى ساپا مائارىپى بىلەن دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىنى بىر گەۋدە قىلىش تولىمۇ زۆرۆر
ۋاقتى: 2014-1-12 22:45:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن،قاچان ئەمىيلىشەر
ۋاقتى: 2014-1-17 20:27:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىسلەرنى ئانا تىلىمىزدا سۆزلىسەك بولماسمۇ؟
ۋاقتى: 2014-1-22 13:31:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن ، ماتىماتكىنى ئانا تىلىمىزدا سۆزلىسەك ياخشى بولاتتى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 11:36, Processed in 0.924934 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش