| كېلەر يىلى ئوتتۇراباشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىلىدۇ
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى يېن ۋېيمىن 26-دېكابىرمۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېلەر يىلى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىقتىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزىمىنى مۇكەمەللەشتۈرۈپ، ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ.ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەسلىدىكى مۇستەقىل بولغان ئوتتۇرامەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ يېڭىدىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان سىستېمىسىنى تەسىس قىلىشكەن. ئۈنۋاننىڭ دەرىجىسى جەھەتتەئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋاندىن ئالىي دەرىجىدىن تۆۋەن دەرىجىگىچە بەش دەرىجە تەسىس قىلىنىدىكەن، تەرتىپ بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، 1-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، 2-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، 3-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى ئۈنۋاندىكى ئالىي دەرىجە، كاندېدات ئالىي دەرىجە، ئوتتۇرا دەرىجە، ياردەمچى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىگە توغرا كېلىدىكەن، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان باھالاش ئۆلچىمى ۋە چارىسىمۇكەممەللەشتۈرىلىدىكەن. مەنبە http://www.hawar.cn/news/2013/12/26/21817.shtml
|
|