baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 255|ئىنكاس: 5

Excel بىلىملىرى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەگەر سىز مەلۇم بىر جەدىۋەلنى نۇرغۇن فورمىلالار بىلەن لايىھەلەپ، باشقىلارنىڭ تولدۇرۇپ بىرىشىغا بەرگەن بولسىڭىز، ئەمما باشقىلارنىڭ ئىھتىياتسىزلىقى سەۋەبلىك فورمىلالارنى ئۆزگەرتىۋىتىشىدىن ئەنسىرىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ناھايىتى ئاددى جەدىۋەلدىكى فورمىلالارنى قوغدايسىز، يەنى پەقەت تولدۇرغۇچىلار سان يازىدىغان كاتەكلەرنى تەھرىرلەشكە بولدىغان ، باشقا كاتەكلەرنى تەھرىرلەش ئەمەس ھەتتا تاللاشقىمۇ بولمايدىغان قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ..
بۇنى مۇنداق لاىيىھەلەيىمىز.
ئالدى بىلەن بارلىق كاتەكچىلەرنى تاللايمىز. يەنى قۇر بىلەن رەت تۇتاشقان جايدىكى يەنى سول تەرەپتىكى 1 –قۇرنىڭ ئۈستى، A رەتنىڭ سول تەرىپىدىكى ھىچقانداق ھەرپ ياكى سان يىزىلمىغان جاينى بىر چەكسەك بارلىق جەدىۋەل تاللىنىدۇ. ئاندىن مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىش ئارقىلىق «كاتەكچە فورماتىنى بەلگىلەش» (设置单元格属性) دىگەن بۇيرۇقنى چىكىمىز. ئىچىلغان كۆزنەكتىن «قوغداش» دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، ئاستىدىكى قۇلۇپلاش دىگەن تۈر ئۈستىدىكى بەلگىنى ئېلىپ تاشلايمىز.
2- قەدەمدە قوغدىلىدىغان بارلىق كاتەكچىلەرنى تاللاپ تۇرۇپ، تىزىملىكتىن «قورال-قوغداش- خىزمەت جەدىۋىلىنى قوغداش» (工具-保护-保护工作表) بۇيرۇقىنى تاللاپ، ئىچىلغان كۆزنەكتىكى «قۇلۇپلانمىغان كاتەكلەرنى تاللاش» (选定未锁定的单元格) دىگەن تۈرگە بەلگە قويمىز. (باشقا تۈرلەر ئالدىدىكى بەلگىنى ئېلىۋەتسەك ياكى ئېھتىياجىمىز بويىچە قويساق بولىدۇ. ) ئاخىردا جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساقلا ئىش پۈتىدۇ. باشقىلار سىز بەلگىلەپ بەرگەن جايدىن باشقا جايلارنى تەھرىرلەش ئەمەس، ھەتتا تاللاش مەشغۇلاتىمۇ قىلالمايدۇ. ئەگەر قوغداشنى تىخمۇ ياخشى قىلسۇن دىسىڭىز مەخپى نومۇر يىزىش ئورنىغا مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈپ بەرسىڭىز، مەخىپى نومۇرنى بىلمىسە قوغداشنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ. ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولىد



1.بىر قانچە خىزمەت دەپتىرىنى تەڭ ئېچىپ سىلىشتۇرۇش:

ئالدى بىلەن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان  Excel خىزمەت دەپتىرىنى ئېچىپ، تىزىملىكتىن «كۆزنەك- تۈز شەكلىدە تىزىپ تەكشۈرۈش» دىگەن بۇيرۇقنى چەكسەك، (ئەگەر ئىككىلا خىزمەت دەپتىرى ئېچىلغان بولسا، كۆزنەك تىزىملىكى ئاستىدا« xxx ھۆججىتى بىلەن تۈز تىزىپ سىلىشتۇرۇش» دىگەن بۇيرۇق كۆرۈنىدۇ.) بىر كۆزنەك ئېچىلىپ، بۇنىڭدىن قايسى خىزمەت دەپتىرى بىلەن سىلىشتۇرىدىغانلىقىمىزنى سورايدۇ. بىز ئۆزىمىز سىلىشتۇرماقچى بولغان خىزمەت دەپتىرىنى كۆرسىتىپ بەرسەك. ئىككى خىزمەت دەپتىرىنى ئاستى- ئۈستى شەكىلدە ئېچىپ، بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

2.رەت نومۇرى قاتارىدىكى ھەرپلەرنى سانغا ئالماشتۇرۇش:

ئادەتتە Excel دا قۇرلار سان بىلەن مەسىلەن : 1،2،3، ، رەتلەر ھەرپ بىلەن مەسىلەن: A,B,C دىگەندەك رەت نومۇرى قويۇلغان بولىدۇ. رەتلەرگە قويۇلغان ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن رەت نومۇرىنى سانغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز. يەنى تېزىملىكتىن «قورال – تەڭشەك» نى بېسىش ئارقىلىق تەڭشەك كۆزنىكىنى ئېچىپ، كۆزنەكتىن «دائىملىق» (常规) تاللانمىسىنى تاللاپ، بۇ تاللانما ئاستىدىكى« R1C1 يۆتكەش شەكلى (R1C1引用样式)» تۈر ئالدىغا قويۇلغان بەلگىنى ئېلىۋەتسەكلا ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن رەت نومۇرى سان بىلەن يېزىلغان رەت نومۇرىغا ئايلىنىدۇ.

3.رەت نومۇرى ۋە قۇر نومۇرىلىرىنى بېسېپ چىقىرىش:

بەزىدە سىلىشتۇرۇشقا قولاي بولۇش ئۈچۈن Excel ئۆزىدىكى رەت نومۇرى ۋە قۇر نومۇرىلىرنى بېسىپ چىقىرىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز. بۇنداق چاغدا تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ. يەنى تىزىملىكتىن « ھۆججەت-بەت يۈزىنى تەڭشەش» بۇيرۇقىنى چەكسەك، بەت يۈزىنى تەڭشەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.بۇ كۆزنەكتىن «خىزمەت جەدىۋىلى» دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، بۇ تاللانما ئاستىدىكى «قۇر نومۇرى رەت بەلگىسى» (行号列标) دىگەن تۈرنىڭ ئالدىغا بەلگە قويساقلا ئىش پۈتىدۇ.ئەمدى « بېسىشنى  كۆرۈپ بېقىش» دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ كۆرۈپ باقساق، قۇر نومۇرى بىلەن رەت بەلگىسى(نومۇرى)نىڭ بىزنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىمىز بىلەن بىللە « بېسىپ چىقىرىشنى كۆرۈش »كۆزنىكىدە كۆرۈلگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.

4.بىر بەتكە پاتمىغان مەزمۇنلارنى بىر بەتكە پاتقۇزۇش ئۇسۇلى:

ئادەتتە Excel جەدىۋىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىر بەتكە پاتماي ئېشىپ كەتكەندە كۆپىنچە بىر-ئىككى قۇر ياكى بىر – ئىككى رەت سان پاتماي قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ.بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە :
1).كېچىكلىتىش نىسبىتى ئارقىلىق تەڭشەش ئۇسۇلى.
تىزىملىكتىن «ھۆججەت-بەت يۈزىنى تەڭشەش» بۇيرۇقىنى بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «بەت يۈزى» دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، «كېچىكلىتىش»(缩放) دىگەن تۈر ئاستىدىكى «كېچىكلىتىش نىسبىتى» دىگەن يەردىكى نىسبەتنى مۇۋاپپىق بەلگىلىسەك (يەنى بارلىق مەزمۇنلار بىر بەت بولسىلا بولدى.) بولىدۇ.
2).بەت كەڭلىكى ۋە بەت ئىگىزلىكىنى تەڭشەش ئۇسۇلى
تىزىملىكتىن «ھۆججەت-بەت يۈزىنى تەڭشەش» بۇيرۇقىنى بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «بەت يۈزى» دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، «كېچىكلىتىش» دىگەن تۈر ئاستىدىكى «تەڭشەش (调整为)» دىگەن خەت   يېنىدىكى بەت كەڭلىكى، بەت ئېگىزلىكى دىگەن تۈرلەرنى تەڭشىسەك بولىدۇ. يەنى ئەگەر بىرلا بەت قىلماقچى بولساق، بەت كەڭلىكى، بەت ئىگىزلىكىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1 دەپ بېكىتسەك بولىدۇ.
3).بەتكە بۆلۈپ كۆرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەڭشەش ئۇسۇلى
تىزىملىكتىن «كۆرۈنۈش- بەتكە بۆلۈپ كۆرۈش»(视图-分页预览)  بۇيرۇقىنى چەكسەك، پۈتۈن جەدىۋەل بەتكە بۆلۈپ كۆرۈش ھالىتىگە كىرىدۇ.بۇ چاغدا قارىساق، بىر بەتكە پاتماي ئېشىپ كەتكەن قىسمى بىلەن بىر بەتكە پاتقان قىسمى ئارىسىدا بىر ئۈزۈك كۆك سىزىق تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.ئەگەر بەت توغرىسىغا پاتمىغان بولسا، بۇ ئۈزۈك سىزىق ئوڭ تەرەپتە، تىك ھالدا بولىدۇ. ئەگەر تۆۋەن تەرەپ پاتمىغان بولسا، ئۈزۈك سىزىق بەتنىڭ ئاستى تەرەپتە بولۇپ، توغرىسىغا تۇرغان ھالەتتە بولىدۇ. بىز پەقەت بۇ كۆك سىزىقنى تۇتۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى پاتمىغان رەتلەرنى كەينىگە ئۆتكىزىۋەتسەك ياكى تۆۋەندىكى پاتمىغان قۇرلارنىڭ ئاستىغا ئۆتكۈزۈپ قويساقلا بولىدۇ.كۆك سېزىقنى يۆتكە ئۇسۇلى مائوس كۇنۇپكسىنى كۆك سىزىق ئۈستىگە ئەكەلسەك ئىككى تەرەپنى تەڭ كۆرسىتىدىغان يۆلىنىش بەلگىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ چاغدا بىز مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ قويىۋەتمەي يۆتكىسەك بولىدۇ.

5.  Excel دا قۇرلارنى رەڭ بىلەن ئايرىش:

Excel ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات ئىنتايىن كۆپ بولغان بىر جەدىۋەلنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا بەزىدە قۇرلارنى خاتا كۆرىۋالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ قۇرلار ئوخشاش بولمىغان رەڭدە بولسا، بۇ خىل خاتالىق كېلىپ چىقىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ . بىز Excel  دىكى« شەرتلىك فورماتى» (条件格式) ۋە فۇنكىسيەلەردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يېتەلەيمىز.
ئالدى سانلىق مەلۇمات رايۇنىنى تاللاپ، تىزىملىكتىن «فورمات- شەرتلىك فورمات»(格式-条件格式) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز. ئېچىلغان شەرتلىك فورمات كۆزنىكىدە «شەرت 1» (条件 1) دىگەن خەت ئاستىدىكى «كاتەكچە قىممىتى» (单元格数值)دىگەن خەتنى ياكى ئۇنىڭ يېنىدىكى كىچىك ئۈچبۇلۇڭنى چەكسەك، بىر كېچىك تىزىملىك چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن «فورمۇلا»(公式) دىگەن تۈرنى تاللايمىز. ئاندىن ياندىكى كاتەكچىگە (=MOD(ROW(),2)=0) بۇ فورمىلانى يازىمىز. ئاندىن كيىن ئاستىدىكى «فورمات»(格式) دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق، «كاتەكچە فورماتى»(单元格格式) دىگەن كۆزنەك ئىچىلىدۇ.بۇ كۆزنەكتىن «رەسىم-بەلگە»(图案) دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، خالىغان بىر رەڭنى بېكىتىپ جەزىملەشتۈرۈپ،«شەرتلىك فورمات» كۆزنىكىگە قايتىمىز.ئاندىن يەنە بۇ كۆزنەكتىمۇ جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساق، بىز تاللىغان رايۇن قۇر تاشلاپ، بىز بىكىتكەن رەڭدە كۆرۈنىدۇ.


EXCELدا جەدۋەل لايىھىلىگەندە ياكى باشقىلار لايىھىلەپ تەييارلاپ قويغان جەدۋەللەرگە سان-سىفىرلارنى كىرگۈزگەن ۋاقتىمىزدا چارچاش سەۋەبىدىن بەزى سان-سىفىرلارنى تەكرار كىرگۈزىۋېتىپ ئاخىرىدا قايتىدىن تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ تاپىدىغان ئاۋارىچىلىققىمۇ ئۇچراپ قالىمىز.  مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىپ سانلارنى تەكرار كىرگۈزۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئىش ئۈنۈمىنى تېزلەتمەكچى بولسىڭىز  جەدۋەلگە سان كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ تەكرار سان كىرگۈزۈشنى چەكلەش فورمىلاسىنى ئورنىتىۋېلىڭ.
excel خىزمەت جەدۋىلىنى ئاچقاندىن كېيىن تىزىملىك ستونىدىن سانلىق مەلۇمات-ئۈنۈملۈك بولۇش(数据---有效性) بۇيرۇقىنى چېكىپ، ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ بەلگۈلەش) 设置(تاللانمىسىدىن  ئۆزى بەلگۈلەش (自定义) دىگەن تۈرنى تاللاپ، بۇنىڭدىكى فورمىلا دىگەن جايغا تۆۋەندىكى فورمىلانى كىرگۈزۇڭ
                              
Wordدا تامغا ياساشنى بەزىلەر بىلىشى ۋە بەزىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن . مەن بۇ يازمىنى تامغا ياساشنى بىلىدىغانلارنىڭ پىششىقلىۋىلىشى، بىلمەيدىغانلارنىڭ ئۈگىنىۋىلىشى ئۈچۈن يازدىم.
1- تامغا ياساش
ئالدى بىلەن Word نى قوزغىتىپ، يىڭىدىن بىر ھۆججەت قۇرۇپ ، تىزىملىكتىن كۆرۈنمە- قورال سىتونى- رەسىم سىزىش(视图-工具栏-绘图) دىگەن تۈرنى تاللايمىز. بۇ تۈر تاللانغاندىن كىيىن قورال سىتونىدا ياكى Word نىڭ ئاستىنقى ھالەت قۇرى ئۈستىدە ۋە ياكى ئايرىم ھالدا بىر يۈرۈش رەسىم سىزىشقا ئائىت قوراللار كۆرۈنىدۇ.
بىز بۇ قوراللار ئىچىدىن ئېللىپىس سىزىش قورالىنى تاللاپ، Wordنىڭ تەھرىرلەش رايۇنىدا Shift كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ،مائۇسنى سۆرىسەك دۈپ-دۈگىلەك بىر چەمبەر سىزغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى قەدەمدە چەمبەرنىڭ رەڭگى ۋە ئۇنىڭ سىزىقلىرىنىڭ قېلىنلىقىنى بەلگىلەيمىز. يەنى ھازىر سىزغان چەمبەرنى تاللاپ تۇرۇپ، مائۇس كۇنۇپكىسىنى ئىككى قېتىم چەكسەك. ئۆزى سىزغان سۈرەت فورماتىنى بەلگىلەش (设置自选图形格式) دىگەن كۆزنەك ئىچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكنىڭ رەڭ ۋە سىزىقلار (颜色与线条) دىگەن تاللانمىسى ئىچىدىن رەڭ دىگەن تۈرگە « تولدۇرىدىغان رەڭ يوق»(无填充颜色) دىگەن تۈرنى تاللايمىز، «سىزىق» دىگەن تۈر ئاستىدىكى « رەڭ » دىگەن يەردىن قىزىل رەڭنى تاللايمىز.(تامغا ئەلۋەتتە قىزىل بولىدۇ-دە). ئاندىن يەنە سىزىق تۈرلىرى، سىزىقنىڭ ئىنچىكە- توملىقى دىگەن تۈرلەرنى ئۆزىڭىز رازى بولغىچە تاللىسىڭىز بولىدۇ.
ئۈچىنچى قەدەمدە تامغا ئىچىگە يىزىلىدىغان خەتنى يىزىشنى باشلايمىز. خەتلەرنى« ھۆسنىخەت » (艺术字) بىلەن يازىمىز. تىزىملىكتىن كۆرۈنمە- قورال سىتونى – ھۆسنىخەت دىگەن تۈرنى تاللاپ،«ھۆسنىخەت » قورال سىتونىدىكى «ياي شەكىللىك خەت» نى تاللاپ، ياي شەكلىدىكى خەتنى يىزىۋالىمىز. (مەسىلەن: ئابرال ئېلكىتاپ تارقىتىش مەركىزى ). ئاندىن يەنە تۈز خەت شەكلىنى تاللاپ، تۈز يىزىلىدىغان خەتنى يازىمىز.( مەسىلەن : مەخسۇس تامغىسى، مالىيە تامغىسى دىگەندەك)، ئاخىردا يەنە تامغا ئوتتۇرىغا ئېلىنىدىغان بەششۇئار بەلگىسى ئۆزى تاللايدىغان رەسىملەر(自选图形) دىگەن تۈر ئاستىدىكى يۇلتۇز ۋە بايراق 星与旗帜 دىگەن تۈر ئاستىدىن بەششۇئار بەلگىسنى تاللاپ، تەھىرلەش رايۇنىدا بىر دانە بەششۇئار سىزىمىز ھەمدە ئۇنىڭمۇ رەڭگىنى قىزىل قىلىپ قىلىپ بەلگىلەيمىز.
تۆتىنچى قەدەمدە بۇ سىزىلغان سۈرەتلەرنىڭ ئورنىنى تەڭشەيمىز . يەنى ئۇلارنىڭ ئورنىنى تۆۋەندىكدىكى رەسىمدىكىدەك قىلساق بولىدۇ. ياكى ئۆزىڭىز باشقا شەكىلدە قىلماقچى بولسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئاخىردا ئۇلارنىڭ ئورنىنى يۇقارقىدەك تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن Shift كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ، تامغىنى تەشكىل قىلغان بارلىق بۆلەكلەرنى بىر- بىرلەپ تاللايمىز ئاندىن مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىر چىكىپ، ئىچىلغان تىزىملىكتىن «بىرلەشتۈرۈش- بىرلەشتۈرۈش» (组合-组合)دىگەن تۈرنى بىسىپ، تامغىنى تەشكىل قىلغان بارلىق بۆلەكلەرنى بىرلەشتۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر تامغا پۈتكەن بولىدۇ.

2- تامغىنى رەسىم شەكلىدە ساقلاش

تامغا ياساش ئاسان بولغىنى بىلەن، ئۇنى تەڭشەپ ئىشلتىش بىر ئاز قولايسىز، شۇڭا بۇنى ئەڭ ياخشىسى رەسىم ھالىتىدە ساقلاپ قويۇش لازىم. بەلكىم بەزىلەر مەخسۇس رەسىم قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى ئويلىشى مۇمكىن ئەمىليەتتە رەسىمگە ئايلاندۇرۇشنى Word ئۆزىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يەنى بايامقى تامغا ياسالغان ھۆججەتنى ساقلىغان چاغدا ئۇنى تور بەت ھۆججەت شەكلى بىلەن ساقلاپ قويساقلا بولدى.يەنى تىزىملىكتىن ھۆججەت- باشقا نامدا ساقلاش بۇيرۇقىنى ئىچىپ، ھۆججەت ساقلاش كۆزنىكىدىن ساقلاش تۈرلىرى ئىچىدىن تور بەت ھۆججىتى (网页) دىگەن تۈرنى تاللىساقلا بولدى.ئاندىن بايامقى ھۆججەت ساقلانغان مۇندەرىجە ئىچىگە كىرسەك ئاشۇ ھۆججەت نامى بىلەن ئوخشاش بولغان ئەمما كەينىدە .files دىگەن خەت ئەگىشىپ كەلگەن بىر مۇندەرىجە كۆپىيىپ قالغان بولۇپ، بۇ مۇندەرىجە ئىچىگە كىرسەك بايام بىز ياسىغان تامغىنىڭ gif ھۆججەت شەكلىدە بىر رەسىم ھۆججىتىنىڭ ساقلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگەر بىز قاچان بۇ تامغىنى ئىشلەتمەكچى بولساق، دەرھاللا تىزىملىكتىن «قىستۇرۇش-رەسىم- ھۆججەتتىن» دىگەن بۇيرۇقنى چىكىپ، بايامقى رەسىمنى تىپىپ خالىغان جايغا قىستۇرساقلا بولىدۇ.

3- تامغىنى قىستۇرما رەسىملەر ئامبىرىغا كىرگۈزۈش

ئەگەر تامغىنى ساقلاپ قويغان جايدىن ئىزدەپ تىپىپ قسىتۇرۇشنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز ، سىز بۇ رەسىمنى «قىستۇرما رەسىملەر ئامبىرىغا» (剪贴画) كىرگۈزىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.يەنى ئالدى بىلەن تىزىملىكتىن «قىستۇرۇش- رەسىم- قىستۇرما رەسىم » دىگەن بۇيرۇقنى تاللىساق، Word نىڭ ئوڭ تەرىپىدە قىستۇرما رەسىملەرگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر كۆرۈنىدۇ. بىز بۇنىڭدىن قىستۇرما رەسىم باشقۇرۇش(管理剪辑) دىگەن تۈرنى چەكسەك «قسىتۇرما رەسىم باشقۇرۇش» كۆزنىكى ئىچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكنىڭ «ھۆججەت- قىستۇرمىنى باشقۇرغۇچقا قوشۇش- مېنىڭ مۇندەرىجەمدىن» (文件-将剪辑添加到管理器- 在我自己的目录) دىگەن بۇيرۇقنى چىكىپ، ئىچىلغان كۆزنەكتىن بايام ئۆزىمىز ساقلاپ قويغان تامغا بار مۇندەرىجىنى ئىچىپ، بايامقى تامغىنى تاللاپ، قوشۇش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولدى. كىيىنچە بۇ تامغىنى ئىشلەتمەكچى بولساق، قىستۇرما رەسىملەر ئامبىرى ئىچىدىن ئىزدەپ تىپىپ قىستۇرۇپ قويساقلا بولدى.

4- تامغىنى ئاپتۇماتىك سۈرەت - يىزىق توپلىمىغا قوشۇش

تامغىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنى ھەر قېتىم ئىشلەتمەكچى بولغاندا، ئۇنى ئىزدەپ تىپىپ ھۆججەتكە قىستۇرۇپ يۈرۈشنى ئاۋارىچىلىقكەن دەپ ئويلىسىڭىز ئۇنى ئاپتۇماتىك سۈرەت- يىزىق توپلىمىغا(自动图文集) قوشىۋالسىڭىز بولىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن تامغىنىڭ رەسىمىنى تاللاپ، تىزىملىكتىن «قىستۇرۇش- ئاپتۇماتىك سۈرەت - يىزىق توپلىمى- ئاپتۇماتىك سۈرەت - يىزىق توپلىمى» نى ياكى تىزىملىكتىن « قورال- ئاپتۇماتىك تۈزىتىش تەڭشىكى» دىگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلساق، بىز ياسىغان تامغىنىڭ ئاپتۇماتىك سۈرەت- يىزىقلار قاتارىغا قىتىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئەمدى بىز پەقەت ئۇنىڭغا بىر ئىسىم قويۇپ(مەسىلەن ، تامغا)، ئاندىن قوشۇش كۇنۇپكسىنى باسساقلا ئىش پۈتىدۇ. تامغا ئىشلىتىش كىرەك بولسا پەقەتلا تىزىملىكتىن « قىستۇرۇش- ئاپتۇماتىك سۈرەت- يىزىق توپلىمى- تېكىست- تامغا» دىگەن بۇيرۇقنى چەكسەكلا تامغىنى Word ھۆججىتىگە قىستۇرالايمىز.

5- تامغا ناملىق قورال كۇنۇپكىسى قوشۇش

ئەگەر تامغىنى كۆپ ئىشلىتىدىغان بولسىڭىز، بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىر قورال كۇنۇپكىسى بىكىتىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنى تىزىملىكتىن «قورال- ئۆزى بەلگىلەش» دىگەن تۈرنى تاللاپ، ئىچلغان تىزىملىكتىن بۇيرۇق تاللانمىسىنى تاللايمىز. بۇ كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى «تۈرلەر» دىگەن تۈر ئاستىدىن « كونتىرۇل قورال ساندۇقى» (控件工具箱) دىگەن تۈرنى تاللاپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى بۇيرۇق دىگەن جايدىن « بۇيرۇق كۇنۇپكىسى»(命令按钮) دىگەن تۈرنى تاللايمىز ھەمدە بۇ بۇيرۇق كۇنۇپكىسىنى، مائۇس كۇنۇپكسىنى بىسىپ تۇرغان ھالدا سۆرەپ، قورال سىتونىدىكى بوش ئورۇنغا قويۇپ قويمىز. ئاندىن بۇ يىڭى كۇنۇپكا ئۈستىگە مائۇ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى توغۇرلاپ بىر چېكىپ، (بايامقى ئۆزى بەلگىلەش كۆزنىكىنى ئىتىۋىتىشكە بولمايدۇ) ئىچىلغان تىزىملىكتىن «ئۇلانما تەھرىرلەش- رەسىم قىستۇرۇش »(编辑超链接-插入图片) دىگەن كۇنۇپكىنى بىر چىكىمىز. ئاندىن يىڭى ئىچىلغان كۆزنەكتىن بىز بايام ياسىغان تامغىنىڭ ئورنىنى بىكىتىپ بېرىپ، جەزىملەشتۇرسەكلا بولدى.
ئەمدى سىز يىڭى قوشۇپ كۇنۇپكىنى بىسىپ سىناپ بىقىڭ، تامغا سىز قىستۇرماقچى بولغان جايغا قسىتۇرۇلدىمۇ- يوق؟
ئەگەر سىز يەنە بۇ كۇنۇپكىنىڭ كۆرۈنۈشى بەكلا كۆرۈمسىز بولۇپ قالدى دەپ قارىسىڭىز ئۇنىڭ شەكلىنى ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. يەنى بايامقى ئۆزى بەلگىلەش كۆزنىكى ئىچىپ قويۇپ تۇرۇپ، ئۆزىڭىز يىڭى قوشقان كۇنۇپكىنى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن بىر چىكىپ،تىزىملكىتىن « كۇنۇپكا رەسىمىنى ئۆزگەرتىش»،« كۇنۇپكا رەسىمىنى تەھرىرلەش» دىگەندەك بۇيرۇقلار ئارقىلىق ئۆزگەرتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى ئۆزىڭىز ياسىغان باشقا ئايكون ياكى بولمىسا ھازىرقى تامغا ئۆزىنىلا كۇنۇپكا ئۈستىگە چىقارماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن Word قا چاپلانغان ئاشۇ تامغا رەسىمىنى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكسىنى بىسىپ ، كۆچۈرۈش بۇيرۇقى بىلەن كۆچۈرىۋىلىپ،ئاندىن ئۆزى بەلگىلەش كۆزنىكى ئوچۇق ھالەتتە ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن بايامقى ئۆزىمىز قۇرغان كۇنۇپكىنى بىر چېكىپ، تىزىملىكتىن «ئايكون رەسىمنى چاپلاش» بۇيرۇقىنى چەكسەكلا بىز قۇرغان بۇ كۇنۇپكىنىڭ ئۈستىدىكى رەسىم تامغىنىڭ رەسىمىگە ئۆزگىرىدۇ.( بىراق بەك ئېنىق بولۇپ كېتىشى ناتايىن)
javascript:;

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +1تۆھپە +1شۆھرەت +1يىغىشسەۋەبى
muallim + 1 + 1 + 1بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-11-16 23:04:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خالىس تارقاتقان بىلىملىرىڭىزدىن سۈيۈندىم رەھمەت .
ۋاقتى: 2013-11-17 10:27:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى ئۆگىنىشكە تىگىشلىك بىلىمكەن بۇ چۈشرىۋالدىم رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-11-18 12:23:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇناسىۋەتلىك رەسىملىرىنى قىستۇرۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ چۈشۈنىشلىك بولاتتىكەن.
ۋاقتى: 2014-2-21 15:11:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ئىكەن كۆپ بىلىملەرنى ئىگەللىۋالدىم رھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2014-3-2 10:33:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تور بەتتە بىزگە كومپىيۇتىردا لازىم بۇلىدىغان مەزمۇنىلار بارئىكەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 15:47, Processed in 1.028937 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش