| ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زەپەر مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز ؟ يوللىغان تېمىڭىزنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ چىقتىم ، ھەقىقەتەن ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار ئەمىلىي نەپ ئېلىپ كېلىدىغان ، ئۇستازلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدىغان ياخشى تېما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە . سىزگە تەۋىسىيە : 1- ساپ ،ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى قوللىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . 2-ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ، ۋە ئۇيغۇر تىلى گىرامماتكىسىغا دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . 3- تېما مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن ( مەسىلەن : مەنبەسى :كومپىيوتۇردا ساقلىۋالدىم .دەپسىز ، كەيەردىن چۈشۈرۈپ يوللاپ ئاندىن ساقلىۋالدىڭىز ؟؟ بۇ دەرس تەييارلىقىنى كىم تەييارلىغان ؟ كايسى جاپاكەش ئوقۇتقۇچى ئۇ ؟ ) خوشنا مۇنبەرلەر ئارا ئىناقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقمىسۇن دىدىم . سىز ، بىز ئوقۇتقۇچى ھەم باشقۇرغۇچى شۇڭا بارلىق ئىشلىرىمىزدا باشقىلارغا ئۈلگە بولمىساق بولمايدۇ ، بەزىدە مەندىمۇ بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ لېكىن بەك دىققەت قىلۋاتىمەن سىزنىڭمۇ دىققەت قىلىشىڭىز ئۈچۈن ئەسكەرتىپ قويدۇم توغرا چۈشەنگەيسىز . |
|