| غېنى باتۇرنىڭ تەرجىمىھالى
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خەلق قەھىرىمانى، ھەربىي قوماندان غېنى مۇھەممەت باتۇر 1901-يىلى غۇلجا ناھىيە قاش يېزىسىنىڭ تۇردىيۇز مەھەللىسىدە كەمبەغەل دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. غېنى كىچىگىدىنلا ئىشچان، باتۇر، كۈچلۈك، غەيرەتلىك بالا بولۇپ، بالا ۋاقتىدا چېلىشتا داڭ چىقىرىدۇ ۋە ئېگىز بوي، گەۋدىلىك، يوغان باش، كەڭ ۋە سوزۇق يۈزى قىپقىزىل، قوي كۆز، كەم سۆز ئادەم بولۇپ يېتىلىپ چىقىدۇ. غېنى 16 ياش ۋاقىتلىرىدا بىر كۈنى توققۇزتارادا باتۇرلۇق ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان ئاتلىق بىر قازاق يىگىتكە «مەن مۇشۇ ئالا ئېتىڭنى ئاشۇ قارا ياغاچ تۈۋىگە ئاپىرىپ ئەكەلسەم نىمە دەيسەن؟» دەپ 150مىتىر ئارىلىقنى كۆرسۈتىدۇ. قازاق يىگىت «ئەگەر دېگىنىڭدەك قىلساڭ، ئاتنى ساڭا بەردىم. قىلالمىساڭ ئاۋۇ تورۇق ئېتىڭ مىنىڭ» دەيدۇ. غېنى بارغان پېتى ئاتنى يەلكىسىگە ئېلىپ ماڭىدۇ، قىقاس كۆتۈرۈلىدۇ . غېنى ئاتنى كۆتۈرۈپ قاراياغاچتىن 100مىتىر نېرى يەرگە ئېلىپ بېرىپ، قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ. خەلق ھەيران قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غىنىنىڭ «باتۇر» دىگەن نامى پۈتۈن ئىلى رايونىغا تارقىلىدۇ ھەم زۇلۇمغا جازانىخورلۇققا قارشى ھەركەت قىلىدىغان نوچىلار غېنىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىشقا باشلايدۇ. ئۇلار زالىم بەگلەر، جازانىخور بايلار، ئەمەلدارلارنى تىللايدۇ، مەسخىرە قىلىدۇ، ئېپى كەلسە ئۇلارنىڭ مال مۈلكىنى ئوغۇرلاپ، يىتىم-يىسىرلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا غېنى 1944-يىلىغىچە كۆپ قېتىم تۈرمىلەرگە تاشلىنىدۇ، ھەر قېتىم قامالغاندا كىشەننى ئۈزۈپ تاشلاپ قاچىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم غېنى 1944-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى دۈشەنبە ئۈرۈمچى 2-تۈرمىدىن (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئورنىدا) قېچىپ نىلقا ئەتراپىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ. شۇ كۈنلەردە نىلقا تاغلىرىدا گومىنداڭغا قارشى ھەركەت ئېلىپ بېرىۋاتقان فاتىخ باتۇر، ئەكبەر باتۇر، قۇربان بۇرھانىدوف، ئوسمان ئىبرايىمۇف، سىيىت ئاۋان (ئەكبەرنىڭ ئىنىسى)، نۇر ئوبولۇف، ھوشۇر مامۇتۇف، ، مۇساجان قۇربان، خەمىت مۇسلىمۇف (فاتىخ باتۇرنىڭ ئىنىسى)، رەپىق بايچۇرىن قاتارلىق پارتىزانلار گۇرۇپپىسى غېنى باتۇرنىڭ ئۈرۈمچى تۈرمىسىدىن قېچىپ كەلگىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپىدۇ، شۇنىڭ بىلەن غېىنى ئىنقىلاپقا قېتىلىدۇ. پارتىزانلىق شىتاپ قۇرۇلغاندا غېنى 2-پارتىزانلار گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل بولىدۇ. بۇ گۇرۇپپىدا زۇلۇمغا قارشى، ئەركىنلىككە ئىنتىلگۈچى 200 دىن ئارتۇق پارتىزان بار ئىدى. غېنى شۇندىن باشلاپ ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرىدا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن غېنى باتۇر دەپ تەرىپلىنىدۇ. غېنى باتۇر ۋە پارتىزانلار گومىنداڭنىڭ غۇلجا تەرەپتىن 10 ماشىنىدا كەلگەن ئەسكىرىنى توسۇپ زەربە بېرىپ، مازار رايونىغا كىرگۈزمەي يوقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قورال ياراقلىرىنى غەنىمەت ئالىدۇ. سۇلتان ئوۋەيس مازىرىغا يوشۇرۇن كىرىپ، ساقچى ئىدارىسىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ. ھەر مىللەت خەلقىدىن قامالغان 30 نەچچە كىشىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. غېنى يەنە قارا سۇ، سۇپتاي، مازار رايونىدىكى ئۇرۇشتا ئاتلىق ئىككى قولىدا ئىككى ماۋزۇر بىلەن يامغۇردەك يىغىۋاتقان ئوققا قارىماي دۇشمەن سېپىنى يېرىپ ئۆتىدۇ. دۇشمەن توپىغا ئاتلىق بېسىپ كىرپ دۈشمەن قولىدىكى قورالنى تارتىپ ئېلىپ چىقىدۇ. غېنىنىڭ بۇنداق باتۇرلىغى خەلق ئىچىدە ھەرخىل ئەپسانىلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. (مەسئۇل تەھرىر: admin)
غېنى ئارشاڭنى ئېلىش ئۇرۇشىدا ئېغىر يارلىنىپ ئالمۇتۇغا داۋالىنىشقا بارىدۇ ۋە داۋالىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭ قەھىرمانلىق جاسارىتى، قوماندانلىق ماھارىتىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا پولكوۋنىكلىق ھەربى ئۇنۋان ۋە «خەلق قەھىرمانى» دىگەن ھۆرمەتلىك نامنى بېرىدۇ. ئۇ ئازاتلىققا قەدەر ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، مىللى ئارمىيە ھەربى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىغى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا «جۇمھۇرىيەت»، «ئازاتلىق»، «ئىستىقلالىيەت»، «باھادىرلىق ئۈچۈن» قاتارلىق كۆپلىگەن ئوردىنلار بىلەن تارتۇقلىنىدۇ. ئازاتلىقتىن كېيىن ئۆلكىلىك سىياسى مەسلەھەت كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. كېيىن فاتىخ باتۇر بىلەن لەنجۇدا 1953-يىلىغىچە دەم ئالىدۇ. 1953-يىلىنىڭ ئاخىرى قايتىپ كېلىپ ئۆلكىلىك سىياسى مەسلەھەت كېڭىشىگە ئەزا بولىدۇ. 1954-يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجىغا كېتىدۇ ۋە 1956-يىلىنىڭ ئاخىرى ھازىرقى قازاقىستانغا چىقىپ كېتىدۇ. 1990-يىلى 89 يېشىدا ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولىدۇ
|
|