مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 17 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 58|ئىنكاس: 5

دادامدىن كەلگەن خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

10

دوست

977

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
176 سەر
تىللا
96 دانە
تۆھپە
172 سەر
شۆھرەت
230 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 17:16:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   [align=left]ئىككى ئاي ئىلگىرى قادىر ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نەچچە يىل يۈرگەن يىگىتىم،ھازىرقى ھالال جۈپتۈم يولدىشىم بىلەن توي قىلدىم،تويغا 15كۈن قالغاندا ئىدارىدىن تويلۇق دەم ئېلىش ۋە يىللىق دەم ئېلىشىمنى بىراقلا ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ
تويغا تەييارلىق قىلدىم،كۈنلەر بىر بىرىنى تېز قوغلىشىپ ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى،ئەلۋەتتە تويۇم بولىدىغان بىر بەخىتلىك قىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ خوشاللىقلاردىن كۈلسەم بولاتتى،لېكىن نېمىشقىدۇر توي يېقىنلاشقانسىرى كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ،
ئاتا ئانامدىن ئايرىلغۇم كەلمەي قېلىۋاتاتتى،لېكىن نېمە ئامال قىز چوڭ بولسا ياتلىق بولىدىغان گەپ،،،،،،،
شۇنداق قىلىپ تويغا قىلغان تەييارلىقلارنىڭ پۈتىشىگە ئەگىشىپ ۋاقىتمۇ قىستاپ كەلدى،ئۆگۈنلۈككە توي،بۈگۈن مېنىڭ بۇ ئۆيدە تويدىن بۇرۇنقى قونىۋالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاخشىمىم،ئاتا ئانامنىڭ قوينىدا ئەركىلەپ يۈرگەن 25يىللىق ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى بىر ئاخشىمى،شۇلارنى ئويلاپ كۆزلىرىم نەملەندى،ئۇيقۇم قاچتى،ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاپام ،داداملار ياتقان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدىم،ئاپام جاينىماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ نېمىلەرنىدۇر دەپ يىغلاۋاتاتتى،دادام بولسا دەرىزە تۈۋىدە چوڭقۇر خياللار قوينىغا غەرىق بولغانىدى،تېزلا كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدىم ۋە ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتىم،ئەسلىدە مېنىڭلا كۆڭلۈم يېرىم ئەمەس ،بەلكى ئاتا ئانامنىڭمۇ مەندىن ئايرىلغۇسى كەلمەي كۆڭلى يېرىم بولىۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ،،شۇ چوڭقۇر خىياللار ئىلكىدە قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن.
     ئەتىسى جۈمە نامىزىدىن كىيىن ئۆرۈپ ئادىتىمىز ۋە ئىسلامى قائىدىمىز بويىچە مال سويۇلدى،كەچتە ئاپام دادام تەرەپنىڭ ھەممە ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۆيىمىزگە يىغىلدى،تەرتىپ بويىچە تۆت دوستۇم ۋە يەڭگە بولغۇچى ئايال بىلەن ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن ئۆيگە كىردىم،ئۆيگە كىرىپلا ئۇرۇق تۇققانلارنى ،ئاپام دادامنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىنى كۆرۈپ ئېسەدەپ يىغلاپ تاشلىدىم،،چوڭلار تەرەپ تەرەپتىن ماڭا تەلىم بېرىۋاتاتتى،ئەڭ ئاخىرىدا دادام يېنىمغا كېلىپ : -قىزىم ،ئەتە تويىڭىز بولغىلىۋاتىدۇ،يىغلىماڭ تويدىن كىيىن يولدىشىڭىزنىڭ قېيىنئانا،قېيىنئاتىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ياخشى ئايال،ياخشى كېلىن بولۇڭ،ئاللا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن،،دېگەن گەپلەرنى ئاران ئاران دىيەلىدى،ۋە پېشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ مېنى ئۇزاتتى،ئۇزىتىش ئالدىدا،قولۇمغا قىزىل كونۋېرتنى تۇتقۇزدى ۋە بۇنى تويدىن كىيىن ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كىيىن ئېچىشىمنى تاپىلىدى،كەينىدىن ئاپاممۇ يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېشىمدىن نان ئۆرۈپ بوسۇغىدا قالدى...
       شۇنداق قىلىپ توي ئاخىرلاشتى،مەن يولدىشىم ،قېيىنئانام،قېيىنئاتام ۋە تويغا كەلگەن تۇققانلار بىلەن قايتىپ كەتتىم،ئۆيگە كېلىپ تۇنجى قىلغان ئىشىم دادام بەرگەن كونۋېرتنى ئېچىش بولدى،كونۋېرتقا چىرايىق قاتلانغان بىر پارچە خەت سېلىنغان بولۇپ بۇ بىر ئاتىنىڭ قىزىغا ئېيىتقان يۈرەك سۆزلىرى ئىدى،بۇ پەقەت بىر ئاتىنىڭ قەلىپ سۆزى بولماستىن بەلكى بارلىق مېھرىبان،قەلبى ئاتەش ئاتىلارنىڭ ھەممە قىزلارغا ئېيىتقان يۈرەك سۆزلىرى بولۇپ قالغۇسى،،،،،،،،،،،،،،
خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى.
                                                     قىزىمغا يېزىلغان خەت
       يۈرەك پارەم،ھاياتىمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى،ئۆيۈمنىڭ گۈلى ۋە زىننىتى،ئەزىز مېھمىنىم،قەدىرلىك قىزىم،تىنىچ
خاتىرجەم ئۆيىڭىزگە بېرىۋالدىڭىزمۇ؟ئەڭ ئاۋال ئۇلۇغ ئاللادىن ھەرزامان سىزنىڭ ئامانلىقىڭىزنى ،خاتىرجەملىكىڭىزنى،
ئائىلىڭىزنىڭ بەرىكىتىنى،يولدىشىڭىز ئىككىڭلارنىڭ بەختىنى،ئاسايىشلىقىنى تىلەيمەن.
       ئوماق قىزىم ،سىز چوڭ بولدىڭىز ئاللا سىزگە بۇيرىغان پەرىزنى ئادا قىلدىڭىز،بىر ئەرنىڭ ھالاللىق جۈپتى بولدىڭىز ،دېمەك بۇنىڭدىن كىيىن سىزنىڭ ئۈستىڭىزگە تولىمۇ جاپالىق ئەمما شەرەپلىك،ئېغىر لېكىن تولىمۇ ساۋاپلىق بىر يۈك يۈكلەندى،سىز ئەمدى ئىلگىرىكى ئەركە چوڭ بولغان ،دېگىنىنى قىلمىسا بولدى قىلمايدىغان،يۈگەنسىز ئات ئەمەس،بەلكى شۇ شەرەپلىك ئامانەتنى ئۈستىگە يۈدۈپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان،مېھرىبان،پەزىلەتلىك ئېغىر بېسىق ،پىشقان ئايال بولۇڭ، ھەرگىزمۇ ئاغىزى ئىتتىك ،پۇت قولى بوشاڭ ھورۇن ،گەپ توشۇغاق ناچار كېلىن بولۇپ قالماڭ،ئېسىڭىزدە بولسۇنكى 25 يىلدىن بۇيان ئاپىڭىز ئىككىمىزنى قانداق ھۆمەتلەپ كېلىۋاتقان بولسىڭىز قېيىنئاپا ،قېيىنئاتىڭىزنى ،يولدىشىڭىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىنى شۇنداق ھۆرمەتلەڭ،بىلەمسىز قىزىم دۇنيادا يات بىراۋغا ئانا ،ئاتا بولماق ئىنتايىن قىيىن بىر ئىش،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى قىيىن+ئانا،قىيىن+ئاتا دەپ ئاتايمىز،شۇڭا سىز ئۇلارغا ئۆز قىزىنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلىڭ ،سىزدىن ھەرگىزمۇ كۆڭلى قالمىسۇن،چۈنكى سىلەر ياشلار ئاتا ئانىنىڭ،چوڭلارنىڭ دۇئاسى ئارقىلىق كۆكلەيسىلەر.ئاللا سىلەرگە بەخىت ئاتا قىلسۇن....
      قەدىرلىك قىزىم سىز ئەمدى ئەرلىك ئايال بولدىڭىز،ئاپىڭىز ئىككىمىز سىزگە مەڭگۈ ھەمرا بولۇپ ئۆتەلمەيمىز،شۇڭا يولدىشىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ ،ئۇنىڭ يوليۇرۇقى بويىچە ئىش قىلىڭ،ئۇنى رەنجىتمەڭ،گېپىنى ئاڭلاڭ،دوستلىرى ،ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئالدىدا بەكرەك ھۆرمىتىنى قىلىڭ،چۈنكى ئەر كىشى دېگەن يۈز ئابرۇيغا بەك ئېتىبار بېرىدۇ،،يولدىشىڭىزنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇ يەر بۇ يەرلەردە يۈرمەڭ،ئاخشىمى سىرتلاردا قونۇپ قالماڭ،شەرمى ھايالىق ھەقىقى ئايال بولۇڭ.
     ئۆيۈمنىڭ گۈلى قىزىم،ئاللا بىز بەندىلەرگە پەرىز قىلغان بەش ۋاق ناماز ھەردائىم سىزگە ھەمرا بولسۇن،خىزمەت ئالدىراشلىقى ،تۇرمۇش ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ نامازنى ئۇنتۇپ قالماڭ،ھەر دائىم ياخشى ئىش قىلىڭ،يامان نىيەتلىك،قارا كۆڭۈللۈك،رەزىللىكلەردىن ئاللا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن،ھەر ۋاقىت ئاللاھ يولىدا مېڭىڭ،گەپلىرىم دائىم قۇلىقىڭىزدا بولسۇن .
     جېنىم قىزىم بۈگۈن خۇددى مېنىڭ يۈرۈگۈمنى بىرسى سۇغۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتى،سىزگە پەقەتلا چىدىمىدىم،سىز تۇغۇلغاندا بېشىم كۆككە يەتكەن ئىدى،سىزنى كۆز قارچۇقۇمنى ئاسىرغاندەك ئاسىراپ چوڭ قىلغان ئىدىم،لېكىن سىز بۈگۈن باشقا بىر ئۆيگە ماڭدىڭىز،سىز مەڭگۈ بىزگە مېھمانسىز،بىلەمسىز تاتلىق قىزىم مېھماننىڭ ئەڭ چوڭ خۇسۇسىيىتى نېمە؟ئۇ ئەلۋەتتە بىر ئۆيگە مېھمان بولۇپ كەلسە مەيلى قانچىلىك تۇرىشىدىن قەتئنەزەر ھامىنى ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كېتىدۇ،،يەنە بىرى ،ياخشى مېھمان ھەرگىزمۇ كىشىلەر ئوتتۇرسىدا گەپ توشىمايدۇ،باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى ئۆي ئىگىسىگە قىلمايدۇ،گېپىم چۈشىنىشلىك بولدىغۇ دەيمەن ،شۇنداقمۇ ئەقىللىق قىزىم،راستىنى ئېيىتسام دادىڭىزنىڭ سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بار ئىدى ،لېكىن ۋاقىت قىسلىقى سەۋەبىدىن سىزگە بولغان پەند نەسىھىتىم ۋە يۈرەك سۆزلىرىم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشسۇن.
     گۈزەل قىزىم،،دادىڭىزنىڭ گەپلىرى ھەرگىزمۇ ئورۇنسىز ،مەنىسىز تۇيۇلۇپ قالمىسۇن،ھەر بىر ئېغىز سۆزۈم ھەر قاچان سەمىڭىزدە بولسۇن،ئاپىڭىز ئىككىمىزنىڭ گۈزەل تىلەكلىرى ۋە دۇئالىرى سىزبىلەن دائىم بىللە،گەرچە ئارلىقىمىز بەكلا يىراق بولسىمۇ ،قەلبىمىز سىز بىلەن بىللە.
ئارزۇلۇق قىزىم ،ئاخىردا يەنە ئوخشاشلا تۇرمۇشىڭىزغا خاتىرجەملىك ،تېنىڭىزغا سالامەتلىك،ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق
ئائىلىڭىزنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى قادىر ئاللادىن تىلەيمەن،ۋاقتى ۋاقتىدا تىلفۇندا بولسىمۇ بىزنى يوقلاپ تۇرۇڭ،ئۆزىڭىزنى داۋاملىق كۆرەلمىسەكمۇ گۈزەل ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ تۇرايلى...........خەيىر ،ئاپپاق قىزىم ،كۆرۈشكىچە ئالتۇن تېنىمىز ئامان بولسۇن،سىزنى قۇدرەتلىك ئاللاھقا تاپشۇردۇم.
         سىزنى مەڭگۈ سۆيۈپ دادىڭىزدىن.
    قالايمىقان ئىنكاس يازغۇچىلار ئاۋارە بولماڭ،،،رەھمەت
مەنبە:مىسرانىم مۇنبىرى
ئادەم دۇنيادا ئەدەپ -ئەخلاق بىلەن ياششى لازىم ،ناۋادا  ...
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

23

تېما

15

دوست

2677

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
535 سەر
تىللا
359 دانە
تۆھپە
502 سەر
شۆھرەت
569 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 18:06:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنكاس مۇكاپاتى +1

بەك ياخشى يېزىپسىز دوستۇم.بولۇپمۇ  ھازىرقى زاماندا بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنىت  تەربىيىسىگە سەل قاراپ،بالىلارنى زىيادە ئەتىۋارلاپ كەتكەچكە،كىيىن ئۇلار ئا-ئانىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي ئۇزى بىلگەن سەنەمگە دەسساۋاتىدۇ.ئەگەر ھەممە ئاتا-ئانىلار سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزغا ئوخشاش بولغان بولسىيدى،قىز ئاياللىرىمىز ئۆزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ ،جەمىيەت،مىللەت،ئائىلىسى ئۇچۇن تۆھپەقۇشالىغان.ئۇزىنىڭ سەمىمى ساداقىتى بىلەن قەلىپلەرنى لال قىلىپ قەلىپ تۆرىمىزدىن ئۇرۇن ئالىغان.بىچارە بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇچقىدا ئەركىن ياشاپ،خاتىرجەم ھاياتنىڭ پەيزىنى سۇرگەن بولاتتى.سىزگە چىن كۆڭلۇمدىن رەھمەت ئېيتىمەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 00:15:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنتى ياخشى تەربىيلەش ئاتا- ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ئىككى دۇنيالىق قەرزى. ئاتا- ئانىلار ئۈچۈن قىز تەربىيىسى، شۇ ئائىلە، شۇ ئاتا- ئانىنىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەمەلىي ئىسپات. مەن بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن، رىئاللىقىمىزدىكى قىزلار تەربىيىسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆز ئالىمغا كەلتۈدۈم ۋە «ئەي ئاتا- ئامىلار قىزلارنى ياخشى تەربىيلەيلى، قىزلىرىمىزنى كۆرگەنلەر ئەجەپ پاكىزە، ئەدەبلىك، قائىدىلىك، ۋاپادار، مۇلايىم، ھايالىق قىز بوپتۇ، دەپ قالسۇنكى ھەرگىزمۇ «بۇ بىئەدەب كىمنىڭ پۇشتىدۇر، دەپ قالمىسۇن» دەپ خىتاب قىلغۇم كەلدى.
تېمىڭىزغا رەھمەت.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 10:10:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ ھەقىقىي بىر دادىنىڭ توي بولغان قىزىغا قىلغان سەمىمىي نەسىھەتلىرى ۋە ئۇنىڭىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرى.
تېمىڭىزنى ئوقۇپ سۆيۈندۈم،رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:44, Processed in 0.204742 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش