مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 111|ئىنكاس: 3

تۇرمۇشىڭىزدىكى 100 مىسال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 14:46:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشىڭىزدىكى 100 مىسال


ھەر كۈنى ئۆزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!» دەڭ.
2. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.
3. قۇياشقا يۈزلىنىڭ، شۇندىلا ئۈمىدسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يوقىلىدۇ.
4. سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بولۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
5. ئوي - پىكىرىڭىز ھەرىكىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ھەرىكىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ئادىتىڭىز مىجەز - خاراكتېرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، مىجەز - خاراكتېرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
6. ئېرىشكەنلىرىڭىز بىلەن ھېسابلاشماي توختىماي تەر تۆكۈۋېرىڭ، بىر كۈنى پايدىسىنى كۆرىسىز.
7. قىش كەلدى، شۇنداقلا باھار بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى
.8. ئىلكىڭىزدە بارىدا قەدىرلەڭ، ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلماڭ
.9. ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى ئىشىكنى يېپىپ مېڭىڭ. (يەنى بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۇپ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ)
.10.ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا، ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ
.11. ئەگەر ئايدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىزغا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز، ئۇنداقتا يۇلتۇزلاردىنمۇ قۇرۇق قالىسىز
.12. تىرىشىپ ئۆگىنىڭ، بىلىملىك بولىسىز. تەنقىدتىن قورقماڭ، غەيرەتلىك بولىسىز. ئويلاپ سۆزلەڭ، ئىناۋەتلىك بولىسىز. بىرسىنى تاللاڭ، خاتىرجەم بولىسىز.
13. دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر خۇشال ئۆتىسىز. جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتىسىز. كەسپىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت ئىچىدە ئۆتىسىز.
14. نۇر چېچىش پەقەت قۇياشقىلا خاس ئەمەس، سىزمۇ نۇر چاچالايسىز
.15. ئەخمەقلەر تېنى ئارقىلىق روھىنى باشقۇرىدۇ، دانالار روھى ئارقىلىق تېنىنى باشقۇرىدۇ.
16. ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ.
17. خۇشاللىق بىر خىل پوزىتسىيە، بىر كىشى خۇشال يۈرۈشنى چىن دىلىدىن نىيەت قىلسىلا چوقۇم خۇشال يۈرەلەيدۇ
.18. خۇشال ئۆتۈشنىڭ سىرى: ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكىئۈچۈن باشقىلارنى جازالىماڭ
.19. بىزنىڭ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىزنىڭ مەنبەسى: ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن، يەنى سېلىشتۇرغاندا ئۆزىمىز ئىگە بولالمىغان نەرسىگىلا ئېسىلىۋېلىپ، ئېرىشكەنلىرىمىزگە سەل قارىغانلىقىمىزدىن كېلىدۇ.
20. ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمەڭ، ھاياتىڭىزدا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش ــــ بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر. ئېزىپ قېلىش ــــ بەلكىم يېڭى يول ئىزلەشتۇر.
21. ئاچچىقلىنىش ــــ باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر
.22. بەختكە ئېرىشىشنىڭ چارىسى ــــ ئىلكىدە بارىنى قەدىرلەش، ئىلكىدە بولمىغانلارنى ئۇنتۇپ كېتىش
.23. سىز مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشەلەيسىز، شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىلىپ قالىسىز.
24. ئاچكۆزلۈك ــــ ئەڭ ھەقىقىي نامراتلىق. قانائەت بولسا ئەڭ ھەقىقىي بايلىق.
25. ئەتىكى ئۈمىد بىزگە بۈگۈنكى ئازابنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ
.26. خۇشاللىقتىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىلەنگەندىلا تېخىمۇ خۇشال بولغىلى بولىدۇ.
27. خۇشاللىق ئېرىشكەنلىرىڭىزنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ھېسابلاشقانلىرىڭىزنىڭ ئازلىقىدىندۇر
.28. ئادەمنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرىغان ئاشۇ قىسقىغىنە مىنۇتلاردا بەلگىلىنىدۇ.
29. بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە ئۆزۈڭنىڭ خۇي - پەيلىدىن كۆر
.30. مەيلى قايسى ۋاقىتتا باشلاڭ، ئەڭ مۇھىمى باشلىغاندىن كېيىن توختاتماي داۋاملاشتۇرۇڭ
.31. مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرۇڭ، ئەڭ مۇھىمى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلماڭ
.32. ئادەم ئەگەر قورقۇنچاق بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولىدۇ. ئادەم ئەگەر باتۇر بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ.
33. ئەڭ زور ئۈمىد ۋە بارلىق كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ، ئەمما ئەڭ يامان ئاقىۋەتكىمۇ تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ
.34. ھۇرۇنلۇق، ئىرادىسىزلىك ۋە بىكارچىلىقئەقىلىنى داتلاشتۇرىدۇ
.35. ھەربىر ئىشنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك.
36. ئۈمىدلىك ئادەم ئازابنى خۇشاللىققا، «دوزاخ» نى «جەننەت» كە ئايلاندۇرالايدۇ.
37. بارلىق غەلىبىلەر ئۆزىنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ غەلىبىنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. بارلىق مەغلۇبىيەتلەر ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ
.38. خۇدا كىشلەرنىڭ ئەخمەقلىقىدىن ئەسلا ئاغرىنمايدۇ، ئەمما كىشىلەر دائىم خۇدانىڭ تەڭسىزلىكىدىن ئاغرىنىدۇ
.39. دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ ھارغۇزىدىغىنى كۈنلەرنى بىكارچىلىقتا مەنىسىز ئۆتكۈزۈشتۇر
.40. ھاياتىڭىزدىكى بىرىنچى ياشلىقنى خۇدا ئاتا قىلىدۇ، ئىككىنچى ياشلىقنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىسىز.
41. ئوي - پىكىر ئۈشكىگە ئوخشايدۇ، كۈچنى مەلۇم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرگەندىلا ئاندىن تېشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ
.42. ئادەم ئۆزىنىڭ نىشانىنى يوقىتىپ قويمىسىلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ.
43. ئەگەر تاڭنى مەدھىيەلىگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا قاراڭغۇ كېچىنىمۇ قۇچاقلاپ قويۇڭ
.44. ھاياتلىقتا مۇھىمى تۇرغان ئورنىڭىز ئەمەس، يۈزلەنگەن نىشانىڭىز
.45. ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ، سۆيەلەيدىغان ۋاقتىڭىزدا سۆيگۈدىن ۋاز كەچمەڭ.
46. ھاياتلىق بەك قىسقا، بۈگۈن ۋاز كەچكەنلىرىڭىزگە ئەتە ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن.
47. تالانت بىر پىرسەنت ئىلھام بىلەن 99 پىرسەنت تىرىشچانلىقنىڭ يىغىندىسىدۇر
.48. بىز ئادەملەر بەك ئەخمەق، دائىم ئېرىشكەنلىرىمىزنى قەدىرلىمەي ئەكسىچە ئېرىشەلمىگەنلىرىمىز ئۈچۈن ھەسىرەت چېكىپ يۈرىمىز
.49. ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆزگە ئىلغاندىلا، ئاندىن باشقىلار سىزنى كۆزگە ئىلىدۇ.
50. ئۈمىدلىكلەر ئاپەت ئىچىدىكى پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ، ئۈمىدسىزلەر پۇرسەت ئىچىدىكى ئاپەتنى كۆرىدۇ.
51. باتۇرلۇق قورقۇنچنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى قورقۇنچقا توغرا مۇئامىلە قىلالىغانلىق ۋە قورقۇنچنى يېڭەلىگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.
52. خاتالىقىنى تونۇغانلىق ــــ خاتالىقنى يېرىم تۈزەتكەنلىك
.53. ياشلىق ئەگەر گۆرۈگە قويۇلىدىكەن، مەڭگۈ قايتۇرۇۋالالمايسىز
.54. بارلىق ئالداشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى ــــ ئۆزىنى ئالداش. بارلىق خاتالىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى ــــ توختىماستىن ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەش
.55. تەجرىبە ئازابلىق كەچۈرمىشلەردىن كېلىدۇ
.56. بىر بالاسى بولمىسا تاشتا قۇيرۇق نە قىلۇر؟ بەدەلسىز ھوسۇل نەدە بولسۇن؟
57. غايىنىڭ يولى ئىشەنچكە تولغانلارغا تەييارلاقلىق. مەغلۇب بولۇشتىن قورقۇپ قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمىسىڭىز مەڭگۈ غەلىبە قازىنالمايسىز.
58. ئىشلەش ياكى ئىشلىمەسلىكنى تاللاش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا، ئەمما قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمىسىڭىز مەڭگۈ پۇرسەتكە ئىگە بولالمايسىز
.59. ئەگەر كەم - كۈتىسىز دوست ئىزدىسىڭىز مەڭگۈ دوست تاپالمايسىز.
60. ئۆزىڭىزنى ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز چاغلاپ بىلمىگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى خىجىل بولماي سوراپ بىلىۋېلىڭ، شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايسىز.
61. باشقىلارنى تۈزىتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىزدە خاتالىق بارمۇ - يوق؟ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ
.62. ئۆزىڭىز قىلىشقا مۇۋاپىق بولغان ئىشلارنى قىلىپ ئۆز رولىڭىزنى ياخشى ئېلىڭ، ئەڭ ياخشى ئۆزىڭىز بولۇڭ
.63. تۇرمۇشتىكى بىئاراملىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
.64. يەككە - يىگانىلىق ۋە ئەلنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قېلىش ـــــئەڭ قورقۇنچلۇق نامراتلىقتۇر.
65. بارلىق ئۇلۇغ ھەرىكەت ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بىرەر ئەرزىمەس باشلىنىشى بولىدۇ.
66. ھەر قانداق نەرسىنى ئۆگەنگەندە، جاپالىق بولسىمۇ تەرتىپ بويىچە باشتىن ئالدىرىماي، ئاساسنى پۇختا سېلىپ ئۆگىنىڭ، ئالدىراقسانلىق قىلىپ ئاسانلا ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭ.
67. ئىلگىرى ئېرىشكەنلىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ. ھازىر ئىلكىڭىزدە بولغانلىرىنى قەدىرلەڭ. ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغانلىرىدىن ۋاز كەچمەڭ. ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىز ئۈچۈن بار كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ. قولدىن بېرىپ قويغانلىرىڭىزنى ئەسلىمە ئورنىدا كۆرۈڭ
.68. پۇرسەت تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ.
69. ھېسسىيات ئەقىلنى ئەمەس، ئەقىل ھېسسىياتنى باشقۇرۇشى كېرەك
.70. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى: سىز ئەڭ قىزىقىدىغان، سىز قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئىش سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بولۇشى كېرەك. شۇندىلا سىز خىزمەتتىن ھەر ۋاقىت خۇشاللىق تېپىپ، خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى بەختىيار ھېس قىلىسىز - دە، خىزمەت ئۈنۈمىڭىز تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ
.71. بىز خۇدا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇد بولغانلىقىدىن بۇ دۇنيانى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلالايمىز
.72. بەرىبىر قىلغاندىن كېيىن چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك.
73. ئوقۇش، خىزمەت، نىكاھ،، ئائىلە ــــ ھاياتنىڭ تۆت چوڭ مەزمۇنى، ھەممىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. قايسى بىرسىگىلا كۈچەپ، قالغانلىرىنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ
.74. ئەگەر بىز ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، كەينىمىزگە قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىمىزنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ بىز يەنە ئۆزئارا ئازارلىشامدۇق؟
75. مەسلىك ــــ نەسلىك، ئاقىۋىتى ــــ پەسلىك!
76. دۇنيادا گۈزەللىك كەم ئەمەس، كەم بولغىنى گۈزەللىكنى بايقايدىغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆز
.77. باشقىلار مېنى ھۆرمەتلىسۇن دېسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق ئادەم بولۇڭ.
78. بىر بالا ئەگەر تەنقىد ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئەيىبلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ .
79   بىر بالا ئەگەر دۈشمەنلىك ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ كۈرەش قىلىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
80. بىر بالا ئەگەر ۋەھىمە ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ غەم - قايغۇنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
81. بىر بالا ئەگەر ئىچ ئاغرىتىش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى ئەيىبلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ
.82. بىر بالا ئەگەر مەسخىرە ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ يۈرەكسىزلىكنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
83. بىر بالا ئەگەر ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ قىزغانچۇقلۇقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.84
. بىر بالا ئەگەر ھاقارەت ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ جىنايەت تۇيغۇسىنى ئۆگىنىۋالىدۇ.85
. بىر بالا ئەگەر رىغبەتلەندۈرۈش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئىشەنچنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
86. بىر بالا ئەگەر سەۋرى - تاقەت ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ سەۋىرچانلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ
.87. بىر بالا ئەگەر تەقدىرلەش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ مىننەتدارلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
88. بىر بالا ئەگەر رازىمەنلىك ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز - ئۆزىنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ
.89. بىر بالا ئەگەر تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ مەردانىلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
90. قارىغۇنى كۆزدىن ئايرىغان خۇدا ھاسىدىن ئايرىماپتۇ. خۇدا ئىشىكنى تاقاپ قويغان بىلەن تۈڭلۈكنى ئېچىپ قويىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ھامان ئامال تېپىلىدۇ.
91. تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز، ئەمما چوقۇم غەلىبە قازىنالىشىڭىز ناتايىن، بىراق ئەگەر ۋاز كەچسىڭىز چوقۇم مەغلۇب بولىسىز.
92. نىكاھ بىر جۈپ ئۆتۈك. پۇتنى قىستىغان ياكى قىستىمىغانلىقىنى پەقەت كىيگەن ئادەم بىلىدۇ
.93. نىكاھ - ئائىلە تۇرمۇشىدا، ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنغاندىن كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ قارشى تەرەپكە ماسلىشىش ئەڭ ئاقىلانىلىقتۇر.
94. ھەممە ئىشنى ياخشى تەرەپكە تارتىپ ئويلاڭ، ئىش بەلكىم سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئوسال بولماسلىقى مۇمكىن
.95. سىزنىڭ توغرا بولغاندىن كېيىن ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، سىزنىڭ خاتا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاچچىقلىنىشقا تېخىمۇ ھەققىڭىز يوق. ئۇنداقتا يەنە نېمىشقا ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋالالمايسىز؟
96. باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغانلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئاسرىغانلىق.
97. تاللاش خۇشاللىق ئىش، چۈنكى تاللاش ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغىنىغا ئېرىشەلەيسىز، شۇنداقلا تاللاش يەنە ئازابلىق ئىش، چۈنكى تاللاش جەريانىدا ئۆزىڭىز تاللىغانلىرىدىن باشقىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ
.98. ئامال بار ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەننى تاللاڭ، شۇنداقلا تاللاپ بولغان ئىكەنسىز، چوقۇم ئۆزىڭىز تاللىغىنىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ
.99. بىز ئۆزىمىز تۇرغان مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ ناچار مۇھىتقا بولغان قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.100
. ئەڭ ئاز پۇشايمان بىلەن ئۆتمۈشىڭىزگە يۈزلىنىڭ. ئەڭ ئاز ئىسراپخورلۇق بىلەن بۈگۈنىڭىزگە يۈزلىنىڭ. ئەڭ كۆپ ئارزۇ - ئۈمىدلەر بىلەن كەلگۈسىڭىزگە يۈزلىنىڭ.
مەنبە : ساقلىۋالغانلىرىم
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 15:39:46يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋالغىدەك ئېسىل دۇردانىلەر ئىكەن . ھازىرغىچە مۇنبەرداشلارغا كۆرسەتمەي نىمە قىلدىڭىز دوستۇم ؟ بۇ دۇردانىلەر كىشىلەرنىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارەشلىرىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ  ئۇلارنى ھاياتقا كۈلۈپ قارايدىغان كەيپىياتنى ياراتقىدەك . رەھمەت  دوستۇم
来自: Android客户端
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 00:19:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر- بىرىدىن ئېسىل دۇردانىلاركەن بۇ، خاتىرەمگە قالدۇرماي يېزىۋالدىم.
رەھمەت سىزگە.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 10:15:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئېسل تۇرمۇش ھىكمەتلىرىنى ئوقۇغاندا كىشى قەلبى ئىختىيارسىز ھاياجانغا تولىدىكەن ھەم ئۇنىڭىدىن مەنىۋى زوق ئالىدىكەن.تېتىملىق يازمىلىرىڭىزنى روياپقا چىقارغان ئەجىر-مېھنەتلىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!!!
رەھمەت سىزگە...

باھا سۆز

pari سىزگىمۇ رەھمەت .  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 10:19
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:27, Processed in 0.671488 second(s), 41 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش