بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-20 17:21
ئۇڭۇشسىزلىققا باش ئەگمەيلى! مۇھاكىمە ماقالىسى زەپەر ( قاراقاش ناھيە كاۋاك يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتىن : نۇرمەمەت ) جەمىيەتتە كىشىلىك تۇرمۇش تۇلىمۇ مۇرەككەپ ،ئادەم تۇرمۇشتا خىلمۇ –خىل ئۆتكەل ۋە توسقۇنلۇقلارغا ئۇچىرايدۇ . دەل بۇنىڭ ئىچىدە ھەر قانداق بىرئادەم بۇب ھاياتىدا ھېچقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچۇرمايمەن دىيەلمەيدۇ. چۈنكى گۆش بىلەن ياغ بىر تۇققاندەك ئۇڭۇشسىزلىقمۇ غەلبىنىڭ بىر تۇققىنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇردۇ . بىر ئادەم مەيلى بىرر ئىش قىلىمەن ياكى چوڭ بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەن دەيدىكەن چۇقۇم يۇلۇققان ئۇڭۇشسىزلىققا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بايقىشى تۇلىمۇ زۈرۈل .چۈنكى ھازىرقى 21 – ئەسىر دەۋرى بولسا ئۇچۇر ئالاقە ۋە رىقابەت دەۋرى . بۇ دەۋىردە پۇت تىرەپ تۇرۇش ھەر بىر كىشىگە نىسپىتەن ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس . بۇ رىقابەت دەۋرىدە شاللىنىپ كەتمەيمىز دەيدىكەنمىز . باشقىلار بىرنى ئويلىسا بىز ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئويلىشىمىز مەيلى قانداق ئىش بولسۇن باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇرشىمىز باشقىلار ئويلىغاننى چۇقۇم ئويلىشىمىز لازىم .مۇشۇنداق قىلغاندا بۇ رىقابەت دەۋرىدە شاللانماي تۇرالايمىز ئەلۋەتتە . مەن ئۈزەمنى ئېلىپ ئېتسام :ھازىر مەن بىر خىزمەتكە چىقىپ بولغان خەلىق ئۇقۇتقۇچى تۇرۇپ ،تىرىشىپ ئۈگەنمىسەم بىلىم سەۋىيەمنى يىڭىلاپ تۇرمىسام بولمايدۇ .جەمىيتىمىزدىكى رىقابەتنىڭ كەسكىن بۇلىشىغا ئەگىشىپ ھەر قانداق ئۇقۇغۇچى ۋە كادىر –ئىشچى خىزمەتچىلەر ئوتتۇرسىدا تىرىشىپ ئۈگەنمىسە ، ھەم يىڭىلىقنى قۇبۇل قىلمىسا بولمايدىغان رىقابەت ئېڭى بۇلىشى كىرەك .بۇ جەھەتتە رىقابەت كەسكىن بۇلىۋاتىدۇ .بۇنىڭغا ياخشى تاقابىل تۇرۇش بىز ئۇقۇتقۇچى – ئىشچى خىزمەتچىلەر ئوتتۇرسىدىمۇ رىقابەت ناھايتى كەسكىن بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ . بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۈگۈنىشىمىز . كەسپىي سەۋيىمىزنى داۋاملىق يىڭىلاپ تۇرشىمىز . ئۈگۈنۈشتە بىر ئاز ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچىرساقلا كەينىمىزگە يانماي .تېخمۇ جاسارەتلىك . چىداملىق روھ بىلەن ئۇڭۇشسىزلىق ئۈستىدىن قەتئى غەلبە قىلىشىمىز كىرەك . چۈنكى ئۇڭۇشسىزلىق بولسا تۇخۇ يۈرەك . ئۈزىگە ئىشەنمەيدىغان چىدامسىز كىشىلەرنى ئاسانلا ئېزىقتۈرۋاتىدۇ . قەيسەر چىداملىق غالىپ كىشىلەردىن قورقىدۇ . ئەتىراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، جەمىيەتتە بەزى كىشىلەر ئۈزىگە چوڭ ئارزۇ . نىشان ۋە ئۈمۈد لەرنى تىكلەپ قۇيۇپ ئازراقلا ئۇڭۇشسىزلىق قىيىنچىلىققا ئۇچىرسا كىرپىدەك تۈگۈلىۋېلىپ تىرە تۈپىسىدىلا بۇ ئارزۇ ئۈمۈدلەردىن ۋاز كىچىدۇ .يەنە ئۇڭۇشسىزلىقلارنى يىڭىپ ئۈزىنىڭ ئىختىدارىنى تېخىمۇ ئاشۇردۇ . ‹‹داڭلىق مۇزىكانىت نېئىر››نى ئېلىپ ئېتساق ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقى گاس تۇرۇپمۇ ئۇ شۇنداق داڭلىق مۇزىكانىت بۇلۇپ يىتىلىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئۇڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچىرغان ۋە بۇ ئۇڭۇشسىزلىقلارغا باش ئەگمەي ئاخىرى بولسا دۇنياغا ‹‹ مەشھۇر ›› مۇزىكىكانىت بۇلۇپ چىققان .ئەتىراپىمىزغا قارايدىغان بولساقمۇ نېئىرغا ئوخشاش ئۇڭۇشسىزلىقلارغا باش ئەگمەي نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەردە ئۇتۇق قازانغانلار ئاز ئەمەس . ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىسىنى مىسال قىلىدىغان بولساق بەزى ئۇقۇغۇچىلار تىرىشىپ ئۈگەنمەي ئالىي مەكتەپكە ئۈتەلمەي . ھەتتا قايتا ئىمتاھان بىرىش پۇرسىتىدىنمۇ ۋاز كىچىۋاتىدۇ . ھەر قانچە تىرىشىپ ئۈگەنگەن بولسىمۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈتەلمەي قالغان . يەنە بەزى ئۇقۇغۇچىللىرىمىز ئۈزىنىڭ نىمە سەۋەپتىن بۇ خىل ئۇڭۇشسزلىققا ئۇچۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ يىڭىۋاشتىن قايتا ئۇقۇش ئارقىلىق ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتىدۇ. مەن ئويلايمەنكى :ئۇڭۇشسىزلىق ھەر قانداق بىر ئادەم ئۈچۈن بىر سىناق شۇنداقلا بىر كۆۋرۈك ، جەمىيەتتە ھەر قانداق ئادەمنىڭ بۇخىل سىناقتىن ئۈتۈپ كىتىش –كىتەلمەسلىكى ئۇنىڭ چىدامچانلىقىغا ،غەيرىتىگە ، قەيسەرلىكىگە باغلىق .چۈنكى مەن ئالدىدا ئىيتىپ ئۆتكەندەك . ئۇڭۇشسىزلىق بولسا ،قەيسەر . غەيرەتلىك كىشىلەردىن قورقىدۇ .شۇڭا قەيسەر بولغاندىلا ھەر قانداق سىناقلاردىن ئۇڭۇشلۇق ئۈتۈپ كەتكىلى ۋە گۈزەل ئەتىنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ئەركىن نەپەس ئالغىلى . شۇ ئارقىلىق ياراملىق كىشىلەردىن بولغىلى بۇلىدۇ دەپ قارايمەن .
2013- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى پىسخىكىلىق تەربىيەلەش كۇرسىدا يېزىلدى ( قاراقاش )
|