مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2073 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 7 سېكۇنت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 5 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 8 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 11 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • ئامان 1 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 5 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 9 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

كۆرۈش: 81|ئىنكاس: 3

چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

33

جۇغلانما

ھەمكارداش

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
7 سەر
تىللا
4 دانە
تۆھپە
6 سەر
شۆھرەت
6 سەر

مائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 18:47:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




ئۇيغۇر تىلىنى تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇدلۇقىغا كۆڭۈل بولۇش ھەر بىر ئۆزىنى مەن ئۇيغۇر دەپ ھېسابلايدىغان كىشىنىڭ بۇرچى ۋە شەرىپى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ رولىغا بولغان تونۇش، كۆڭۈل بولۇش يېڭى بىر باسقۇچقا قاراپ قەدەم قويدى دەپ قارىساق خاتالاشمايمىز، بۇ يەردە بۇ ھەقتىكى ئېلىپ بىرىلغان ۋە بېرىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلىمىسەكمۇ، زور كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىمىزغا ئايان.
مەيلى ئۇ قانداق بىر تىل بولمىسۇن، ئۇنى ئۆگىنىش ئالدى بىلەن ساۋادىنى چىقىرىشتىن باشلىنىدۇ. ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش، بىلىش ۋە ئۇنى توغرا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەل ئانا تىل يەنى ئۇيغۇر تىلى ساۋادىنى چىقىرىشتىن باشلىنىدۇ. نۆۋەتتە ئۆزۈم ياشاۋاتقان چەت سەھرادىكى رىئاللىقنى قايرىپ قويۇپ، تەرەققى تاپقان شەھەرلەردىكى بىر قىسىم مىللەتنىڭ كەلگۈسى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى خىيالەن تەسەۋۋۇر قىلسام، كەلگۈسى تۇرمۇش ئىھتىياجى دەپ قاراپ ئانا تىلنى ئۆگىنىشكە سەل قاراپ، باشقا تىللاردا بىلىم ئىلىۋاتقان،ئوقۇۋاتقان، ياكى ئانا تىلدا ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرلۈپ بىرىنچى يىللىقتا ئىككى خىل تىلدا ساۋات چىقىرىش ئۆتكىلىگە دۇچ كىلىۋاتقان، مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى كۈچەپ يېتەكلىشى ئاستىدىمۇ يەنىلا ئانا تىلدا ساۋادىنى چىقىرالمايۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا بەزىلىرىمىز زاماندىن، بەزىلىرىمىز مائارىپتىن ، بەزىلىرىمىز مۇئەللىملەردىن ئاغرىندۇق. لېكىن شۇ بىر نەرسە ئايدىڭ بولسۇنكى ئوخشاش يىللىقتا،ئوخشاش سىنىپتا ئوقۇغان بەزى بالىلىرىمىز ساۋاتلىق بولدى، بەزىلىرى ساۋاتسىز قالدى. بۇنى مەكتەپنىڭ نۆۋەتتىكى قايسى خىزمەتنى مۇھىم دەپ قارىغانلىقىدىن، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشقا ماھىر ئەمەسلىكىدىن، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىدىن، ئائىلە تەربىيسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن قاتارلىق تەرەپلەردىن تەڭ تەھلىل قىلغاندا بەلكىم رازى قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىشى مۇمكىن.
يەنە شۇنداق رىئاللىقمۇ مەۋجۇتكى تىل ئۆگىنىشتە مىنىڭ نەزىرىمدە تىل ئۆگىنىش شارائىتى ئەڭ مۇھىم. لېكىن بەزى بالىلىرىمىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش شارائىتى شۇنچە قويۇق تۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنەلمىدى، ھەتتا ساۋاتى چىقمىدى، باشقا تىلدىكى بىلىمى باشقا ساۋاقداشلىرىدىن خىلىلا يۇقىرى ئۇنداقتا بۇ نېمە سەۋەپتىن؟
        ئۇيغۇر يېزىقى يېزىقلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ سىزىق،قۇرۇلما،ئورۇنلىشىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، ھەتتا مىنىڭ نەزىرىمدە سۇلتان دىيىشكە تامامەن بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن بالىلىرىمىز ئارىسىدىن ساۋاتلىق بولغانلار ئىچىدىن قۇربانجان روزى شەيدايىدەك داڭلىق خەتتات بولمىسىمۇ خېتى ئادەمنى سۆيۇندەرگىدەكلەر كۆپلەپ يېتىشىپ چىقامدۇ ياكى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدىكى ئەپەندىمگە ئوخشاش خىتىنى ئۆزىدىن باشقا ئككىنچى بىر كىشى ئوقۇيالمايدىغانلار يېتىشىپ چىقامدۇ؟ يىزىقنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىنى، يېزىلىش تەرتىپىنى توغرا ئىگىلىيەلمىگەن بالىلىرىمىزنىڭ (يىشى كىچىك) ساۋاتى چىقىپ بولغاندىن كىيىنمۇ ساۋاتسىز بولۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى بارمۇ يوق؟ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىملا مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبىتى بىر مەھەل پۈتۈن ئۇيغۇر تور دۇنياسىنى ھەتتا جەمئىيتىنى تەۋرەتكەن ئىدى، شۇ ئارقىسىدا تىل -ئەدەبىيات دەرسىگە بىر سائەتلىك ھۆسنخەت ( ئىملا ) دەرسى قوشۇلغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۇنۇمى قانچىلىك بولدى؟
         يۇقۇردا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەردىكى باش جاۋاپكار يەنىلا مەن قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلاردا. ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ئوقۇتقۇچى تولۇقلاشتىن ئىبارەت بىر مۇھىم خىزمەتنىڭ ( جۈملىدىن نۆۋەتتىكى ھەر تۈرلۇك ھۆكۇمەت ئورۇنلىرىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنىڭ ) خاراكتىرىگە ئەھمىيەت بېرىلمەي، شۇ كەسىپتە ئوقۇغانمۇ؟ شۇ كەسپنى چۈشىنەمدۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلاشماي، يالغۇز سان بىلەن ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاساس قىلىش نەتىجىسىدە يېڭىدىن قوشۇلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپكە ماسلىشالماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى تەربىيلەشنى ياخشى ئېلىپ بارالمىغان بولسا، مائارىپ كەسپىدە نەچچە يىل خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئالاھىدە شارائىتتىكى ئوقۇتۇشقا ماسلىشالماسلىق، ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدىكى پەرقلەر تۈپەيلى ئىلگىرىكى ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ياخشى بولغان ئوقۇتۇش مېتودى ماس كەلمەسلىك قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى ساۋات چىقىرىش توسالغۇغا ئۇچراۋاتىدۇ.
            ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپلەر چوڭ جەھەتتىن ھەممىسىنىڭ يېزىلىشى، شەكلى بەك پەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ لېكىن قۇرۇلما جەھەتتىن مەلۇم ئالاھىدىلىك ۋە ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە. ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بۇجەھەتتىكى ئىزدىنىشى يېتەرسىز، تونۇشى مۇكەممەل بولمىغاچقا ھەرپلەرنى ئۆتكەندە شەكىل قانۇنىيىتىنى، يېزىلىش تەرتىپىنى ئىگىلىتىشكە سەل قاراش ياكى ئىگەللىتەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئىملاسى سەت بولۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىش بىلەن بىرگە ساۋاتسىزلارنى ئاۋۇتۇپ بىرىۋاتىدۇ. مەسىلەن : «ن» ھەرپى بىلەن «ت» ھەرپىنى بەزىلەر شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش دەپ قارايدۇ. «ت»ھەرپى بىلەن «پ» ھەرپىنىڭ شەكلىنى ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ دەپ بىلىدۇ، ۋە باشقىلار.
         ھەرپلەرنى ئوقۇتقان ۋاقىتتا ئوخشاش بىر ھەرپنى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن تۇرۇپ، بەزىدە ئوبرازلىق، بەزىدە ئاددىغىنا ئۇسۇلدا، ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار بەزى ۋاقىتلاردا سەككىز ھەتتا ھەممە ھەرپنى ئوخشاش بىر خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئىگەللىتىش تامامەن مۇمكىن، يەنە بەزىدە ئوخشاش بىر ھەرپنىڭ ئوخشاشمىغان شەكىللىرىنىمۇ ئوخشىمغان ئۇسۇلدا ئوقۇتۇش ئاددى ئىگەللىتىشنىڭ ئاساسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
..................
        يەنە نۇرغۇن باشقا تىللىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان، ئوقۇغان ، مۇھاجىرەتتە تۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ساۋاد چىقىرىش جەھەتتە يول كۆرسىتىشكە موھتاج. نۇرغۇن ئانا تىل ساۋادىنى چىقىرىشنى خالايدىغان دوستلىرىمىز بەلكىم ۋاقىت،ئورۇن ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ساۋاد چىقىرىش ئورۇنلىرىغا بارالمىغان بولىشى، ئۆز-ئۆزىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىگەن بولىشى ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارمۇ بۇ جەھەتتە تەجرىبە-ئۇسۇل قاتارلىقلاردىن گاڭگىراپ قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن ۋە گاڭگىراپ قىلىۋاتىدۇ.
    نۆۋەتتكى ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ،بالىلىرىمىزنىڭ،ئۆزىمىزنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشتا ، ۋاقىت جەھەتتىن ئۇتۇش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ،بالىلارنىڭ قىزىقىشنى قوزغاپ، ئۆزى خالىغان، ياقتۇرغان ئاساستا ئۆگىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مول تەجرىبە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم.شۇڭا بۇ يەردە كەڭ مەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ساۋاد چىقىرىشنى ئەمىلى قىلىپ باققانلار ياكى قىلىۋاتقانلار بولمىسۇن ۋە ياكى ئۆز ساۋادىنى ئۆزى چىقارغان، ياكى باشقىلارنىڭ ياردىمىدە چىقارغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەلۇم ھەرپنى ئۆگىتىش ، ئۆگىنىش، مەلۇم ھەرپ شەكلى ئالاھىدىلىكى ئۇستىدىكى تونۇشى قاتارلىق تەرەپلەردىكى تونۇش تەجرىبىلىرىنى ئايانماي ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەيلى مەكتەپتە ساۋات چىقىرىدىغانلار بولمىسۇن، مەيلى ئائىلىدە بالىلىرىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىدىغانلار بولمىسۇن ۋە ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ساۋادىنى چىقىرىدىغانلار ئۈچۈن بولمىسۇن ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى سورايمەن.
        بۇ ھەقتە مەيلى ئوقۇتۇش-ئۆگىتىش تەجرىبىسى بولسۇن، مەيلى ئۆگىنىش، ھېس قىلىش، بايقاش تەجرىبىسى بولسۇن، ھەر بىرىمىز بىر ئېغىزدىن ، بىر ھەرپتىن ، بىر ئۇسۇلدىن، ھەر بىر ياش باسقۇچىغا ماس كېلىدىغان ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن سۆزلىسەك ئىشىنىمەنكى بۇ جەھەتتىكى قىينىلىۋاتقان دوستلىرىمىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي، ئانا تىل ئۈچۈن ھەقىقى ئىشتىن بىرنى قىلغان بولىمىز دەپ ئويلايمەن.(مەنمۇ بىر قارار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش ئېلىپ باردىم، ۋاقتى كەلگەندە مەنمۇ ئۆز تەجرىبىلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىمەن.)
تەجرىبىلىرىڭىزنى مۇشۇ مۇنبەرگە يوللىسىڭىزمۇ ۋە ياكى ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى تور بېتىنىڭ تەجرىبە قانىلىغا يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
            ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى تور بىتىگە تېما يوللىسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ. (تىزىملىتىش ھاجەتسىز)
ئانا تىلنى سۆيۇش شۇئار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلى جاۋاب بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
* بايقاشقا يوللاش باشقا مەخسەتتە ئەمەس، بەلكى مائارىپچىلار كۆپ تور بەتنىڭ بىرى ،ساۋات چىقىرىش ئەڭ مۇھىمى ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى بولغاچقا يوللاندى، ئەگەر بۇ تېمىنىڭ يوللىنىشىغا باشقىچە پىكىردە بولىدىغان تورداشلار بولسا، باشقۇرغۇچىلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆچۇرۇپ،ئىناق كەيپىياتنى ساقلىسا.
باشقۇرغۇچىلار ۋە دوستلارنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت. (بەشتاش)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 23:38:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن رەخمەت سىزگە
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

30

تېما

16

دوست

1422

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
273 سەر
تىللا
159 دانە
تۆھپە
250 سەر
شۆھرەت
333 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 10:16:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ياخشى تېمىكەن ،ھارماڭ!
گۈل پۇرىقى بىلەن، ئادەم پەزىلىتى بىلەن قەدىرلىنىدۇ!

23

تېما

15

دوست

2677

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
535 سەر
تىللا
359 دانە
تۆھپە
502 سەر
شۆھرەت
569 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 12:14:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ يازغۇچى،تىلشۇناش ئابدىقادىر جالالىدىن ئەپەندى:‹‹ساۋاتسىز ئۇقۇغۇچى مەۋجۇت بولغان يەردە مائارىپ ئەمەس بەلكى جىنايەت مەۋجۇت.ئۇقۇغۇچىلار ئارسىدا ساۋاتسىز ئۇقۇغۇچى بولۇش ۋىژدانسىزلىق،مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ،بېشىمىزنى پىتەك ئاستىغا باستۇرۇپ ماڭغانلىقنىڭ ئىپادىسى››دىگەن ئىدى.مۇنۇ پاساھەتلىك سۆزلەردىن ساۋات چىقىرىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى ۋە ئانا تىل ئۇقۇتقۇچىللىرىنىڭ يۈكسەك مەجبۇرىيىتىنى ئېنىق كۈرىۋالغىلى بولىدۇ.بالا ساۋاتسىزلار كۈپۈيۈپ كەتمىسۇن!ئۇلارنىڭ جەمىيەتنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا تەمتىرەپ،ناكەسلەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن!ھەممىمىز ئانا تىل ئۇقۇتۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:02, Processed in 0.427252 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش