بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-15 11:34
كۆيمىسۇن زەپەر پاك كىلىپ -پاك كەتكۈلۈك ، ۋىژدان ساداقەت كويمىسۇن . ئەڭ ئۇلۇغ ئەخلاق ئەدەپ ، ئىنساپ دىيانەت كۆيمىسۇن .  ھەقنى سۆزلە ،كۆپنى كۆزلە ، يالغاننى ھەرگىز سۆزلىمە . قىلمىغىن يالغان گۇۋالىق ، ئەجىر ئىناۋەت كۆيمىسۇن .  نەسلى پاك ۋىژدانى ئاق ، ئەسلى ئۇلۇغ ئەجدادىمىز . ئاققۇزۇپ قان تەر بىلەن ، يېققان ھۇسۇللار كۆيمىسۇن .  ئەل ئىچىدە گەپ تۇشۇپ ، پىتنە پاساقەت ئۈندۈرۈپ ، سالمىغايسەن ئۇرۇشقا ، پۈتكۈل ئىمارەت كۆيمسۇن .  ئەگەر بولساڭ سەن چېقىمچى ، ئەل جامائەت نەپرەت قىلۇر . ساقلىغىن ئۈزۈڭنى كامىل ، ھەق ئادالەت كۆيمىسۇن .  مەيلى كىچىك ،مەيلى چوڭ ، مەيلى ئەر - ئايال قىزلار. بولغىماڭلار نامىڭلارنى ھەرگىز ، يۈكسەك پاساھەت كۆيمىسۇن .  |