- تىزىملاتقان
- 2013-5-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-1
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 310
- نادىر
- 0
- تېما
- 22
- يازما
- 30

قىزغىنلىق- 62 سەر
تىللا- 56 دانە
تۆھپە- 39 سەر
شۆھرەت- 61 سەر
| ناۋادا بۇ بىر پاي ئوق دەل جايىغا تەككەن بولسا،جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخى ئۆزگەرگەن بولاتتى /RVwhA+c بۇ بىر پاي ئوق جۇڭگودىكى داڭلىق بىر شەخىسكە تەگكىلى قىل قالغانىدى. Y5c,O>T5Y 1876-يىلى 6-ئاينىڭ24-كۈنى ئەنگىلىيەلىك پاراخوت باشلىقى لېموت راپلېيمانداگنىڭ قوماندانلىقىدا ئەنگىلىيەلىك ماتروسلار ھەيدىگەن ، ئەنگىلىيەدە ياسالغان <ئالفا>ۋە<گامما> ناملىق ئىككى ھەربىي پاراخوت ئۈچ ئايلىق سەپەردىن كېيىن جۇڭگو تىيەنجىندىكى داگو پورتىغا كېلىپ ، سېتىۋالغۇچى تەرەپ بولغان بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى ئىمپىرىيىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى.11-ئاينىڭ27-كۈنى سوغۇق شامال چىقىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن ھاۋا ئوچۇق ئىدى.چىڭ سۇلالىسىنىڭ بىر كاتتا ئەمەلدارى ئەنگىلىيەلىك خارتنىڭ ھەمراھلىقىدا <ئالفا>پاراخوتىغا تەكشۈرۈشكە چىقتى.خارت باشچىلىقىدىكى بىر توپ "ساتارمەنلەر" چىڭ سۇلالىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغۇچى ئەمەلدارى ئالدىدا پاراخوتنى بولۇشىغا ماختاپ ئۇچۇرۇش بىلەن بىللە ، يەنە ماتروسلارنى مەشىقنى كۆرسۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ،تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغۇچى ئەمەلدارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتماقچى بولدى. e5RF6roxO ئىزغىرىن شامالدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغۇچى ئەمەلدارى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن پالوبىدا ئولتۇرۇپ،ئەنگىلىيە ماتروسلىرىنىڭ ماشىقىنى كۆرۈۋاتاتتى.ئۇشتۇمتۇت<پاڭ>قىلغان مىلتىق ئاۋازى بىلەن تەڭ بىر پاي ئوق مەزكور ئەمەلدارنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن ئۆتۈپ كەتتى.ھېلىقى ئەمەلدار قورۇققىنىدىن قارا تەرگە چۆمدى.ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى دەررۇ قېلىچلىرىنى چىقىرىپ:<ئالچاقنى تۇتۇڭلار>دەپ ۋاقىراشتى. !3F3E8% ئىشتىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئەسلىدە مەشىققە قاتناشقان ئەنگىلىيەلىك ماتروسلار ئىچىدىكى بىر يېڭى ئەسكەر دانز زىيادە جىدىيلەشكەنلىكتىن ، قولىدىكى مىلتىقتىن ئوق چىقىپ كەتكەنىكەن . تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋالغۇچى بۇ ئەمەلدار دەل چىڭ سۇلالىسىنىڭ داڭلىق ۋەزىرى لى خۇڭجاڭ ئىدى.ناۋادا بۇ بىر پاي ئوق ئۇنىڭ كاللىسىغا تەگكەن بولسا،ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەجنەبىيچىلىك ھەركىتى ئۇنچە داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلمىغان،جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ قەدىمى ئاستىلىغان بولاتتى.ئالايلۇق،شىمالىي دېڭىز فىلوتىنى قۇرۇشتەك بۇنداق زور ئىشلار يۈز بەرمىگەن بولاتتى،لى خۇڭجاڭمۇ دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان بىر قاتار كىلىشىملەرنى ئىمزالاپ،تارىختا لەنەتكە قالمىغان بولاتتى. = 6Fpixq> :FTx#cZ ناۋادا بۇ بىر پاي ئوق دەل جايىغا تەگكەن بولسا،دۇنيانىڭ مەدەنىيەت تارىخى ئۆزگەرگەن بولاتتى Qy ghNImp بۇ بىر پاي ئوقنىڭ خەتىرى يوقۇرقى بىر پاي ئوقتىن ئېشىپ چۈشىدۇ. GY>G}bfh 1863-يىلى بىر يىگىت ئامىرىكا تۆمۈر يول غول لىنىيەسىنىڭ سىترافورد مەركىزىي ۋوگزالىدا كېچىلىك تىلىگىراف مۇلازىمىتى بىلەن شوغۇلىنىۋاتاتتى.ئۇ كېچىدە ئىشلەيتتى،كۈندۈزى بولسا دائىم كونا كىتاپلارنى ساتىدىغان كىتابخانىغا بېرىپ،ئۆزى ياقتۇرىدىغان پەن-تېخنىكا كىتابلىرىنى سېتىۋالاتتى.بىر كۈنى بۇ يىگىت ئامىتى كېلىپ ئازغىنا پۇلغا نەچچە ئون پارچە كىتاب سېتىۋالدى.ئۇ گويا گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ،كىتابلارنى ئاۋايلاپ چگدى-دە،ھاسىراپ-ھۆمۈدىگىنىچە كېچىلىك ئىسمىنىغا ماڭدى. {FQ@eeU ئەتىسى تاڭ ئەمدىلا يورۇغانىدى،كوچىدىمۇ ئادەملەر ئاز ئىدى.كېچىلىك ئىسمىنىدىن چۈشكەن ھېلىقى يىگىت كىتاب سېلىنغان چوڭ سومكىنى كۆتۈرۈپ،كوچا چىرىغىنىڭ خىرە يورۇقىدا ئالدىراش ئۆيىگە كېتىۋاتاتتى،ئۇ بەكلا چارچاپ كەتكەچكە،بالدۇرراق ئۆيىگە قايتىپ ئۇخلىۋېلىشنىلا ئويلايتتى. @An} ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ ئۇشتۇمتۇت ئارقا تەرەپتىن كەلگەن تىۋىشنى،ئاللىقانداق بىر نەرسىنىڭ سول قۇلىقى تۈۋىدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدى.يىگىتنىڭ قۇلىقى گاس ئىدى(1860-يىلى پويىز خىزمەتچىسى ئۇنىڭ قۇلىقىنى سوزىۋەتكەنلىكتىن گاس بولۇپ قالغانىدى).گەرچە يىگىتنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمىسىمۇ،بىراق بىر نەرسىنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ،تەبىئىي ھالدا يېتىۋالدى.بۇ چاغدا بىر چارلاش ساقچىسى كېلىپ ئۇنى يەرگە مەھكەم باستى،قولىغا كويزا سېلىپ،ئاندىن ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ ماڭدى،بۇ ئىشتىن ھېلىقى يىگىت ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي گاڭگىراپ قالدى. |\zzOfaO تەكشۈرۈشتىن كېيىن ھېلىقى يىگىت نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاندىن بىلدى.ئەسلىدە قاراڭغۇ كوچىدا يىگىت تاغارنى يۈدۈپ ئالدىراپ كېتىۋاتقاندا ،ساقچى ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ،<توختا!سېنى تەكشۈرەيمىز>دەپ ۋارقىرىغان بولسىمۇ،يىگىتنىڭ قۇلىقى گاس بولغاچقا يەنىلا ئۆز يولىغا ئالدىراش مېڭىۋەرگەن .نەتىجىدە ساقچى ئۇنى قاچماقچى دەپ ئويلاپ،ئالدىراش تاپانچىسىنى چىقىرىپ ئوق ئۈزگەن.بۇنىڭ ئۇقۇشماسلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن،ساقچى يىگىتتىن ئەپۇ سوراپ:<پەرۋەردىگار ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!ناۋادا مەن مەرگەن بولغان بولسام،سىز ئاللىقاچان جەھەننەمگە يول ئالغان بولاتتىڭىز>دەيدۇ. :KmnwYm دۇرۇس،دىمىسىمۇ ئەھۋال ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى،ئەگەر ئوق قىلدەك ئوڭغا تېيىپ كەتكەن بولسا،بۇ يىگىتنىڭ كاللىسىدىن تۆشۈك ئېچىلغان بولاتتى.ئەگەر راستلا شۇنداق بولسا،ۋولفىرام سىملىق لامپا،پاتىفۇن،تېلفۇن قاتارلىق ئۇلۇغ كەشپىياتلارنىڭ قاچان ئىختىرا بولىدىغانلىقىغا بىر نىمە دىمەك قىيىن ئىدى.ئىنسانىيەتنىڭ پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت تارىخى بۇ مۇھىم سەھىپىنىڭ كەملىكىدىن چولتا بولۇپ قالغان بولاتتى.شۇ نەرسە ئېنىقكى،ھازىرغا قەدەر دۇنيادا تېخى ھېچكىم بۇ يىگىت ئىختىرا قىلغان كەشپىياتلارنىڭ پاتىنىت ھوقوقى رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىيالمىدى.توغرا،بۇ يىگىت دەل داڭلىق كەشپىياتچى توماس ئېدىسون. dI%?uk i0:1+^3^U ناۋادا بۇ بىر پاي ئوق دەل جايىغا تەگكەن بولسا،ئامىرىكىنىڭ سىياسىي تارىخى ئۆزگەرگەن بولاتتى =cpUc]~ بىر پاي ئوقنى ئېتىش ياكى ئاتماسلىق مەرگەننىڭ شۇ دەقىقىدىكى ھۆكۆمىگە باغلىق. Xh}S_/9}5 1777-يىلى ئامىرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئشتاتى گېرمانتاۋن شەھىرى ئەتراپىدا گمانتون ئۇرۇشى پارتىلىدى.ئەنگىلىيە قوشۇنىنىڭ بىر ئالاھىدە قىسمى ئامىرىكا قوشۇنىنىڭ مۇھاسىرىسىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا بۆسۈپ چىقتى.ئارقىدا قوغداپ مېڭىشقا مەسئول بولغان ئەنگىلىيە قوشۇنىنىڭ ئەڭ ماھىر مەرگىنى فورگېسسون مىلتىقىنى ئاتلىق بىر ئامىرىكا ئوفۇتسىېرىغا توغرىلىدى.قارىغا ئالغان نىشان بىلەن بولغان ئارلىق114مېتىر بولۇپ،ئۈنۈملۈك ئوق تىگىش مۇساپىسى ئىچىدە ئىدى،بىر پاي ئوق بىلەن مەزكور ئوفىتسېرنىڭ جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلالايتتى.ئەمما،فورگېسسون مىلتىقنىڭ تەپكىسىنى باسمىدى.ئەسلىدە ھېلىقى ئوفېتسىر ئۇشتۇمتۇت ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپ ئارقىغا يانغانلىقتىن،فورگېسسوننىڭ ئۇنىڭ ئارقا مىڭىسىگە قارىتىپ ئوق ئۈزۈشكە كۆڭلى ئۇنىمىغانىدى. "1YwV~M5 فورگېسسون رەھىم قىلغان ئوفېتسىر باشقا ئادەم ئەمەس،بەلكى دەل جورجى ۋاشىنگتون ئىدى.كېيىن ۋاشىنگتون ئامىرىكا خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە فېدراتسىيە ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە باشچىلىق قىلدى.1789-يىلى ئۇ ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلىقىغا سايلىنىپ،ئاپپىراتى ئىخچام بولغان فېدىراتسېيە ھۆكۆمىتىنى تەشكىللىدى ھەمدە ئەدىلىيە نىزامىنى ئېلان قىلىپ،فېدراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنى تەسىس قىلدى.ئۇ دۆلەت بانكىسى قۇرۇش پىلانىنى قوللاپ ،دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلىدى؛جامائەت يېرى قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلاپ،غەربىي قىسىمنىڭ ئەركىن يەر تۈزۈمىگە ئاساس سالدى.1793-يىلى زوڭتۇڭلۇققا يانا بىر قېتىم سايلاندى.1796-يىلى9-ئاينىڭ17-كۈنى خوشلىشىش نۇتىقى سۆزلەپ،ئۆزىنىڭ قايتا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامىرىكا تارىخىدىكى ئۆمۈرلۈك زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ۋاز كېچىپ،ھوقوقنى تىنىچ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. @(bg# فورگېسسون بۇ بىر پاي ئوقنى ئۈزمەي ئامىرىكا دۆلىتىنى قۇتقۇزۇپلا قالماستىن،يەنە بىر خىل دېمۇكراتىك سىياسىي تۈزۈمنىمۇ قۇتقۇزۇپ قالدى. 2HUw^ *3 8.,d`~ ناۋادا بۇ بىر پاي ئوق دەل جايىغا تەگكەن بولسا،دۇنيا ھازىرقى زامان تارىخى ئۆزگەرگەن بولاتتى ,,SV@y; بۇ بىر پاي ئوقنىڭ ئېتىلماسلىقى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر مەيدان بالايىئاپەت ھېساپلىنىدۇ. 5cGQ`l 1918-يىلى9-ئاينىڭ28-كۈنى فىرانسىيەدىكى كىچىك بازار مارندا ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرسىدا كەسكىن ئۇرۇش بولغانىدى.بىر مەيدان قانلىق جەڭدىن كېيىن،گېرمانىيە قوشۇنى نۇرغۇن ئەسكەرلىرىنىڭ جەسىتىنى قالدۇرۇپ،ئامالسىز پوزىتسىيەدىن چېكىندى. Fw\g\ ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپ بىر ئاز پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن،ئەنگىلىيەنىڭ 27ياشلىق2-دەرىجىلىك ئەسكىرى ھېنرى تاندى گېرمانىيە پوزىتسىيەسىدىن يارىلانغان بىر ئەسكەرنىڭ دەلدەڭشىگىنىچە مېڭىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى.تاندى مىلتىقنى ئېلىپ ئۇنى قارىغا ئالدى. e)= " Fq! بىراق،تاندى ئوق چىقارمىدى،ئۇ مىلتىقنى قويۇپ قېچىپ كېتىۋاتقان ھېلىقى گېرمانىيەلىك ئەسكەرنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردى. qJ sH تاندى ئېتىۋەتمىگەن گېرمانىيەلىك بۇ يارىدار ئەسكەر دەل ئادولف گىتلېر ئىدى.كېيىن ئۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ،پۈتۈن دۇنيادىكى 61دۆلەت ۋە رايون،2مىلياردتىن ئارتۇق كىشىنى ئۇرۇش ئوتىغا سۆرەپ كىردى،90 مىليون ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە يارىلاندى،ئىقتىسادىي زىيان 4 تىرىلىيون دوللاردىن ئېشىپ كەتتى. l A%FS]vh 32 ئادالەت تاھىر تەرجىمىسى k#bG&BF مەنبە:قارا ھىجىران
|
|