بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەختىيار(بايقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-12 16:37
ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئېتىقاد قىلغان دىنلار تەييارلىغۇچى: ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
ئۇيغۇرلار مىللەت سۈپىتىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن ئىلگىرى، زوروئاستېر دىنى، بۇددا دىنى، تويىن دىنى، مانى دىنى، نېستورى دىنى قاتارلىق دىنلار يىپەك يولى ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىپ، يەرلىكتىكى ئىپتىدائىي دىنلار بىلەن بىللە جاي-جايلارغا تارقالغان ھەم ئۆز ئارا بىر –بىرسىگە تەسىر كۆرسەتكەن. مىلادى 10-ئەسىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسلام دىنى ئومۇملاشقاندىن كېيىنمۇ، شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت داۋاملىق ساقلاپ قېلىنغان. كېيىن يەنە خرىستىئان دىنى، كاتولىك دىنى قاتارلىقلارمۇ كىرىپ كەلگەن. ھازىر شىنجاڭدا ھەر خىل دىنلارنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنى ئەڭ كۆپ ۋە ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. لاما دىنى بۇدخانىسى، بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسى، خرىستىئان دىنى چېركاۋى، كاتولىك دىنى چېركاۋىىمۇ بار. ئۇندىن باشقا يەنە پراۋسلاۋىيان دىنى چېركاۋى، يەنە تەرىقەت دىنىنىڭ ئېتىكاپخانىسىمۇ بار. كۆپ خىل دىنىي ئېتىقادنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تارقىلىشى، ئوخشىمايدىغان دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر ۋە ئۆزئارا سىڭىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئويما نەقىشلەردىن، قەدىمكى بۇددىزىم سەنئىتىنىڭ كونا ئىزلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئاتۇشتىكى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان(ئۇيغۇر خانلىرى ئىچىدىكى ئىسلامنى تۇنجى قۇبۇل قىلغۇچى زات) مەقبەرىسى ئالدىدىكى مەسچىت تورۇسىنىڭ گۈل نەقىشلىرى ئوتتۇرىسىدا تامغىغا ئوخشايدىغان بەلگە بولۇپ، بايىنغۇلىن ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان قورۇقتاغدىكى شىڭدى (兴地) قىيالىرىغا سىزىلغان قىياتاش سىزمىلىرىدا بۇ تامغا روشەن كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، «بۇ بەلگە برونزا دەۋرىدىكى ئاندورونوپلار مەدەنىيىتى قاتلىمىدىن تېپىلغان، ئارىئانلار ئىشلەتكەن يورۇقلۇق ۋە ئوت (ئاگنى) بەلگىسى» ئىكەن. شۇڭا، قاراشەھەر قەدىمدە «ئاگنى» دەپ ئاتالغان. ساكلارمۇ بۇ بەلگىنى ئىشلەتكەن. بۇددىزىم ئۇنى مېھرىبانلىق، ئىللىقلىقنىڭ سىمۋولى قىلغان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سوپىزمچىلار ئىچىدە بىر خىل ئالاھىدە دىۋانىلار گۇرۇھى بار، ئۇلار چېچىنى قويۇۋېتىپ يۈرىدۇ، پاني ئالەمگە نىسبەتەن ئۇچچىغا چىققان تەركىدۇنياچىل، ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولۇشنى خالىمايدۇ، دۇنيا تۇتمايدۇ، ھەر تەرەپكە لاغايلاپ يۈرۈپ قەلەندەرچىلىك قىلىدۇ. بۇنىڭ مەنبەسىنى ئەينى دەۋردە شۇ يەردە تارقالغان بۇددىزىمنىڭ «قەلەندەر راھىب» گۇرۇھى بىلەن باغلاشقا بولىدۇ. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان «باخشى»، «داخان»، «پېرىخۇن» قاتارلىقلار بولسا، قەدىمدە ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان شامان دىنىدىن قېلىپ قالغان نەرسىلەردۇر. نورۇز ئۆتكۈزۈش، ئوتتا ئۇچۇغداش ۋە ئوتنى ئۇلۇغلاش، توي قىلغاندا ئوتتىن ئاتلاش ئادىتى قاتارلىقلار زوروئاستېر(ئاتەشپەرەسلىك) دىنىنىڭ قالدۇق ئىزناسىدۇر.
|