مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 2

قاۋاقتىكى پاراڭلار {1} ‹ھېكايە› ئا.ن.ئۆزقۇت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

43

تېما

1

دوست

651

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
150 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
121 سەر
شۆھرەت
149 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 20:48:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
                                                               قاۋاقتىكى پاراڭلار {1}
                                                                        ھېكايە
       سۇيى ئەلۋەك،تۇپرىقى مۇنبەت،باغۇ-بوستانلىقغا پۇركەنگەن يۇرتىمىزدىكى قاسىم زابوي،مەمەت دوقى،قادىر پاختەك،توختى تاتۇق قاتارلىق ئۈچ-تۆت ئۆلپەتداشلارنى تونۇمايدىغان چوڭ-كىچىك يوق.ئۇلار شۇ دەرىجە يېقىن ئاغىنە ئىدىكى،بىر-بىرى بىلەن ئىككى كۈندە بىر ئۇچرىشىپ،ئازراقتىن ئېچىشىۋالمسا كۈنى ئۆتمەيدۇ.ئەنە شۇنداق سورۇنلاردا ئاجايىپ-غارايىپ پاراڭلارنى سېلىشىپ،كەيپى تەڭشلگەندە ئۆيلىرىگە قايىتىشدۇ.
بۇ ئۈلپەتداشلار ئىچىدىكى قاسىم زابوي چوڭلارنىڭ دېيشچە،ئىلگىرى ھاراق ئىچىشكە تۈگۈل ئاياللارغا تىكىلىپمۇ قاريالمايدىغان،بەش ۋاخ نامازنى تەرك ئەتمەيدىغان ئەھلى مۇسۇلمان ئادەم ئىكەنتتۇق.دادسى-ئانىسى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغاندىن كېيىن كېتىپ يېتىملىك ئازابىغا چىدىماي كۈندە ھاراق ئېچىدىغان بولۇپ قالغانىكەن.
يېقىنىدىن بۇيان قاسىم زابوي ھاراقتىن ئۆزىنى تارتىپ،سورۇنلارغا ئانچە بارمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئۆتكەن يىلى ھاراق زورلاشنىڭ كاساپتىدىن ئاغىنىسى ئەخمەت چاپاق ھاراقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈشى سەۋەبىدى.ھېسابتا شۇ ئىش سەۋەبلىك ئۇ  بىر مەزگىل ھاراق تاشلىغان بولدى.لېكىن ‹‹ئۆگەنگەن خۇي ئۈجمە پشىقىغچە››دېگەندەك،ھاراق دېگەن بۇ شەيتان سۈيدىكى،پۇشايمان سۈيى ئۇنى ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى.
   بۈگۈن ئۇنى يېقىن دۇستى مەمەت دوقى ‹‹ياشلار بايرىمى››نى تەبىرىكلەپ ئۆتكۈزگەن ئولتۇرۇشقا چاقىرىپ قالدى. بۇنداق سورۇنلار دۇستلار داۋاملىق بارىدىغان،بازارنىڭ چېتىگە جايلاشقان‹‹ئۈلپەتداشلار ئارامگاھى››غا ئورۇنلاشتۇرلاتتى.بۇ ئارامگاھىنى ئېچەرمەنلەر ئاشۇنداق ئاتىشاتتى.ئەمەليەتتە،بۇ ئارامگاھ تاملىرى زەيلەپ كەتكەن،ئۇستنى شاخ-شۇمبا بىلەن يېپىلۋالغان قاۋاقخانا ئىدى.بەزىلەر تېخى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيى دەپمۇ قويشاتتى.بۇ قاۋاقخانا ئەتىگەندىن كەچكىچە ئاۋات بولاتتى.
قاسىم زابوي ئولتۇرۇشقا بېرىش-بارماسلىق توغرسىدا ئىككلىنىپ ئولتۇراتتى. مەمەت دوقى يەنە تېلېفۇن بېرىپ توختاتمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە قاسىم زابوينىڭ ئۈلپەتداشلىرى  بىلەن ئىچشمىگلى خىلى كۈنلەر بولغان ھەم ئۆزىمۇ ھاراق سېغىنىپ قالغانلىقىدىن بىرىش نىيەتىگە كېلىپ، ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورۇندىن تۇرۇپ بازارغا قاراپ ماڭدى.
    يېزىنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى كشىگە بىر خىل سوغۇق تۇيغۇ بېرەتتى.بازار يولىدا ئادەملەر شالاڭ بولۇپ، مەھەللە-مەھەللەردە ئېچۋالغان ئاندا-ساندا ماگىزىنلار ئوچۇق تۇراتتى. قاسىم زابويغا كىرا قىلىدىغان بىرەر نەرسىە ئۇچرمىغاندىن كېيىن پيادە مېڭىپ بازارغا يېتىپ كەلدى-دە،قاۋاقخانىغا ئۇدۇللا كىرىپ كەلدى.
ئو قاۋاقخانىغا كىرگەندە بولۇڭىدىكى ئۈستەلدە بىر قانچە ئۈلپەتداشلىرى قىزغىن پاراڭلار بىلەن ئولتۇرشاتتى. قاۋاقخانا ئىچنى ئس-تۇتەك،ھاراقنىڭ ئاچچىق ھىدى قاپلىغانىدى.
-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بۇردەرلەر،تېنىچلىق تۇردىڭلار؟-دېدى قاسىم زابوي ئۈنلۈك ئاۋازدا.ئۇنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن كۆپچلىك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.قاسىم زابوي ئۈلپەتداشلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ كۆرۈشۇپ،ئەھۋال سوراشتى.
ــ بەللى،قاسىم ئاداش،سورۇنغا كېچىكىپ كېلىدىغان ئىشنى ئەزەلدىن قىلمايتىڭ،بۈگۈن ئەجەپ كېچكىپ كەلىدىڭغۇ؟ ئۇنداق بولسا كونا قائىدە ئۆزگەرمەيدۇ جۇمۇ،ئۈچ رۇمكا جازا ھارىقى ئېچسەن؟-دېدى بۈگۈنكى سورۇننىڭ ساقسى مەمەت دوقى قاسىم زابوي كېرىپ بولغىچە گەپتە چىقىپ.
ئۈلپەتداشلار ئارسىدا كىم سورۇنغا كېچىكىپ كەلسە ئۈچ رومكا جازا ھارىقى ئېچىدىغان قائىدە بار ئىدى.
_ يولدا كېرا قىلغۇدەك بىر نەرسە ئۇچرىماي ھايال بولۇپ قالدىم،ئەپۇ قىلىڭلار،جازا ھارىقى ئېچسەممۇ ئېچەي،_دېدى قاسىم زابوي كۆپچىلكتىن ئەپۇ سورىغان تەرىزدە.
_ شۇنداق قىلسۇن دۇستلار،قاسىم ئاغىنمىزنىڭ ھاراق ئېچمگنىگە ئۇزۇن بولغان،مانا مۇشۇ پۇرسەتتە جازا ھارىقى ئىچىپ،ئۆتۈپ كەتكەنلىرىنى تولدۇرۋالسۇن،-دېدى قادىر پاختەك گەپ قستۇرۇپ.
_ ياخشى گەپ بولدى،قاسىمنىڭ قىزىق گەپلىرىنى ئاڭلمغلى ئۇزۇن بولۇپتىكەن،بۈگۈن راسا بىر پەيزى قىلىپ بەرسۇن،_دېدى مەمەت دوقى قولىدىكى رۇمكىنى قاسىم زابويغا تەڭلەپ.
     قاسىم زابوي سورۇنغا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق كېچكىپ كەلگەچكە ئاغىنلەر ساقلاپ بولالماي ئېچىشكەچ ئولتۇرشقان ئىدى. شۇڭا قاسىم زابوي دۇستلىرىنىڭ كەيپنى بۇزۇماسلىق ئۈچۈن ئارتۇق گەپ قىلشنىڭ ئورۇنغا جازا ھاراقنى كەينى-كەينىدىن ئېچىۋەتتى.
كۆپچىلىك ئىككى-ئۈچ نۆۋەت ئايلاندۇرۇپ ئىچكەندىن كېيىن قاسىم زابوي قولغا رومكىنى ئېلىپ گەپ باشلدى.
_ ئۇنداق بولسىا مەن دوستلارنىڭ ھۆرمىتىگە قىزىق ئشىدىن بىرنى سۆزلەپ بېرەي ،_دېدى قاسىم زابوي كۆپچىلككە تەكشى بىر قاراپ چىقىپ، _ھەممىڭلار بىلسلەر،مەن بىر قىزىنى قوغلىشىپ يۇرۋاتقلى ئۇرۇن بولغانىدى.ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇ قىزنى ماقۇلغا كەلتۈرەلمىدىم.ئاخىرى ئويان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ ئۇنىڭغا ئاخىرقى قېتىم تەلپىمنى دېيىش قارارىغا كەلدىم-دە،ئۇ ئشلەيدىغان مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلدىم.
شۇ كۈنى ئۇ ئشتىن ناھايتى كەچ چۇشتى.مەن مەكتەپ دەرۋازسى ئالدىدا ئۇنىڭ چىقشنى ساقلاپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق تۇردۇم.بىر ۋاقىتتا ئۇ سومكسىنى كۆتۈرۈپ،چېكىپ دەسەپ، مەغرۇر قىياپەتتە دەرۋازدىن چىقىپ كەلدى.
مەن زور غەيرەت بىلەن ئۇنى چاقىرىدىم.ئۇ‹‹گۈلنار››دەپ چاقىرلىغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئەتراپقا ئەنسىزلىك بىلەن قارىدى-دە،مېنى كۆرۈپ:
_ نېمە گېپىڭىز بار قاسىم،_دېدى تەرىنى تۇرۇپ.ئىلىگىرى نەچچە قېتىمۇ ماڭا شۇنداق دېگەنىدى. ئۇنىڭ سوغۇق مۇئاملسىدىن غۇژژىدە ئاچچىقىم يەنە كەلگەن بولسىمۇ ئۆزۇمنى تەستە بىسۋىلىپ:
_ ئۇنداق تاش يۈرەكلىك قىلماڭ گۈلنار!مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلشىم گۇناھ ئەمەس،كشدە ياخشى كۈرۈش ئەركىنلىكى بۇلىدىغۇ،سىزنىڭ مۇھەببەت ئوتىڭىزدا يۈرىكىم كۈل بولۇپ كېتۋاتىدۇ،توي قىلشقا ماقۇل بولسىڭىز،سىزنى مەڭگۈ بەختلىك قىلغان بولاتتىم،_دېدىم يالۋۇرغان تەلەپپۇزدا.ئۇ گەپلىرىمدىن بىزار بولغان ھالدا چىراينى بىر قسىما قىلىپ:
_ مېنىڭ توي قىلدىغان لايىقىم بار،مېنى كەچۈرۈڭ قاسىم،سىز بىلەن توي قىلالمايمەن،سىز ئەڭ ياخشسى ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان قىز بالىدىن بىرەرسى تېىپىپ توي قىلىڭ!_دېدى.
_ ئۇنداق قىلماڭ جېنىم گۈلنار!بۇ گېپىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىسام جېنىم تېنمىدىن چىقىپ كېتشى مۇمكىن،ماقۇل دېسىڭىز، سىزنى بىر ئۆمۈر بەختلىك قىلغان بولاتتىم،_دېدىم مەن قاپساپ كېلۋاتقان ئاچچىقنى ئىچىمگە يۇتۇپ.گەپلىرىمىدىن ئۇنىڭ ئاچچىقى تازا كەلدى بولغاي:
_ بولدى بەس سۆزلمەڭ!سىز ئۇخلماي چۈش كۆرۈپسىز، بۇنداق گەپلىرىڭىزنى نېرى كۆتۈرۈڭ!خوش،ئەمدى مېنى ئاۋارە قىلماڭ،_دەپ كېتىشكە تەمشەلدى.
    قاسىم زابوينىڭ گېپنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان ھەمسورۇنداشلاردىن توختى پاختەك گەپكە لوقما سېلىپ:
_سەن قانداق قىلدىڭ؟بەلكىم كەينىدىن كېلىپ،كاپلا قىلىپ قۇچاقلىۋالغانسەن؟ _دېدى بىر قىسىما ھەرىكەتلەرنى قىلىپ.قاسىم زابوي توختى پاختەككە قاتتىق بىرىنى ئاليىپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدى.
     گۈلنار راستىنلا مېڭشقا تەمشەلدى،مەن شۇئان ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ،ماڭغلى قويمىدىم.ئۇ بۇ يولسىزلىقىمىدىن ھەم ئاچچىقلاندى ھەم كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سەزدى بولغاي:
_ سەت قېلىق قىلماڭ ،مېنى ماڭغلى قويۇڭ.باشقلار كۆرۈپ قالسىا سەت تۇرىدۇ،_دېدى يالۋۇرغان قياپەتتە.مەن ئۇنىڭ يالۋۇرشلىرىغا قارىماي،قولغا ئېسلىدىم.ئۇ بۆرىنىڭ چاڭگىلغا چۈشۈپ قالغان قۇزىدەك قولۇمدىن يۇلقۇنۇشقا ئۇرناتتى.
_مېنى قويۋەت!يۇزى قېلىن،نۇمۇسىز ئەبلەخ!_دېدى_دە،كېلشتۇرۇپ كاچتىمغا بىر تەستەك سالدى.ئۇنىڭ تۇيۇقىسز قاتتىق ئۇرغان بىر تەستەكنىڭ زەربسىدىن كۆزلىرىمىدىن ئوت چاقناپ كەتتى. ئاغىرىق ئازابدىن خىلىغچە خۇدۇمنى بىلەلمدىم.ئېسىمگە كەلگەنمدە ئۇ ئاللبۇرۇن قولۇمدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ كەتىكەنىكەن،گۈلنار قۇيۇندەك تىز يۇگىرەپ،ئاللقاياقلارغا غايىب بولغانىدى.تۇن قاراڭغۇسىدا ئۇنىڭ قاياققا كەتكەنلىكىنى ئىلغا قىلالمىدىم.
    مەن ئۆز-ئۆزۈمگە:‹‹خەپ توختاپتۇر!ساڭا ئۆزۈمنىڭ كىملكمنى تونۇتۇپ قويمسام،ئوغۇل بالا بولماي كېتەي›› دەپ پىچىرلاپ قويدۇم-دە،ئاغىنەم قادىر بورانغا تېلېفۇن قىلدىم. قادىر بوران ماڭا بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ،دەپ ئويلاپ كېچىنى-كېچە دېمەي يېتىپ كەلدى.
_ بىرەر ئىش بولدىمۇ،ئاداش؟_دەپ سورىدى قادىر بوران مېنىڭ ئۈستى بېشمغا بىر قۇر قاراپ.
_ ھېچقانداق ئىش بولمدى ئاداش،سەن بىلەن بىردەم پاراڭلشىپ ئولتۇرغۇم كېلىپ تېلېفۇن قىلغانىدىم ،_دېدىم بىر خىل مەيۈس ھالدا.ئۇ مېنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايمغا قاراپ ئۇدۇللا:
_قەيەرگە بارىمىز،_دېدى.
-ئىككىمىز دائىم بارىدىغان قاۋاقغا بارايلى،-دېدىم.
ئىككىمىز دائىم بارىدىغان بۇ‹‹ئۈلپەتداشلار ئارامگاھى››غا قاراپ يول ئالدۇق.
قاۋاقخانىغا كىرگنىمىزدە قاۋاقخانا خوجاينىنى تاقاي دەپ تۇرۇپتىكەن،بىزدەك دائىملىق خېرىدارلىرىنى كۆرۈپ يەنە ئاچىتى.بىز بۇلۇڭدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇق.ئىككىمىز تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئىككى پوتۇلكا ‹‹قەھرىماننىڭ جاسارىتى›› قۇرۇقداپ بولۇپتۇق.ئاچچىق ھاراق قەلىبمىدىكى ئازاپقا ئارىلشىپ تېخمۇ مەس بولۇپ كېتىپتىمەن.
   قاسىم زابوي قولىدىكى بىر  رومكا ھاراقنى ئېچىۋىتىپ،رومكىنى ساقىغا بەردى.ئۇ سوغۇق سەيلەردىن ئازىراق يېگەندىن كېيىن سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدى.ئۈلپەتداشلار ئۇنىڭ ھېكايسىنى بىرىلىپ ئاڭلاۋاتاتتى.
  بىز ئىككىمىز ئېچىپ راسا تەڭشلىپ سىرتقا چىقتۇق.بازاردا ئادەملەرنىڭ ئايغى ئۆزۈلگەن ئىدى.ئىككىمىز ئەلەس-مەلەس دەسەپ كېتىپ باراتتۇق.بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن قارشى تەرەپتىن بىرسىنىڭ كېلۋاتقانلقنى غۇۋا ئىلغا قىلدىم.راسىت دېگەندەك بىر ئادەم كېلۋاتاتتى.ئۇ ئادەم ئىتىك قەدەملەر بىلەن يېنىمىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغانىدەك تىز كېتىپ باراتتى.ئۇ ئادەم بايا ماڭا ئېغىر ئازابلارنى سالغان گۈلنار ئىدى. ئۇ يېنمىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرىشىغا مەن دەرھال ئالدىنى توسۇپ:
_ جېنىم گۈلنار!خۇدا ھەققى،مېنى بۇنچە قينماڭ!خالىي جايغا بېرىپ بىردەم پاراڭلاشساق بولاتتى،_دېدىم مەسلكمنى چاندۇرماسلقغا تىرشىپ. ئۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ:
_ مېنى خاتا تونۇپ قالغان ئوخشايسىز،مەن گۈلنار ئەمەس،يولنى بوشتۇڭ،_دېدى قوپال تەلەپپۇزدا. ئايالىنىڭ دېگەن گەپلىرىدىن قاتتىق ئاچچىقىم كەلگەن بولسمۇ ئۆزۈمنى تەستە تۇتىۋىلىپ:
_ مەن قاسىمغۇ،بىردەمدىلا ئۇنتۇلۇپ قالغان ئوخشىمامسىز؟_دېدىم.ئۇ مېنىڭ مەسىلكمنى بىلىپ يېنىمىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولىدى. مەن ئۇنىڭ بىلكىگە ئېسلىدىم.تۇيۇقىسز كاچتىمغا بىر تەستەك تەگدى.كاچاتنىڭ زەربسىدىن كۆزۈمدىن ئوت چاقناپ كەتتى.بۇ ئاھانەتتىن جۇدۇنۇم تازا تۇتۇپ:
_ پاسىكنا قانجۇق!تويە مانا!_دېگنىمچە ئايالىنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىگە ئۇرۇشقا باشلدىم.ئۇ ئايال تاياق زەربسدىن يېقلىپ چۈشتى.مەن ئەمدى ئۇنى تېپشكە باشلدىم.دەل شۇ ۋاقىتتا قاياقتىن كەلدى بىر ئەر كشى پەيدا بولۇپ مېنى دۇمبالاشقا باشلىدى.مىڭ تەسلكتە يۇمۇلۇپ كېتۋاتقان كۆزۈمنى ئېچىپ،مېنى ئۇرۋاتقان كشىگە قارىدىم.ئۇ يولدا تەرەت قىلىۋالاي،دەپ قالغان ئاغىنەم قادىر بوران ئىكەن.ماۋۇ كېلشمەسلكنى كۆرۈڭ.
_خوتۇنۇمنى ئۇرغانغا تويە-ھە!-دېگىنىچە قادىر بوران مېنى راسىا ئۇرغاندىن كېيىن يەردە ۋايجانلاپ ياتقان ئايالىنى يۆلەپ،كېتىپ قالدى.
ئەسىلدە قادىر بوران ئۆيىدىن جىددىيلەشكەن ھالدا چىقىپ،يېرىم كېچىگىچە پەيدا بولمغاندىن كېيىن ئايالى ئۇنى ئىزدەپ كېتۋىتىپ ماڭا ئۇچراپ قالغانىكەن،ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە گۈلنار سۈرىتىدە كۆرۈنۇپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟!
_ساڭا شۇ چاغدا قادىر بوراننىڭ قېرى خوتۇنمۇ قىز كۆرۈنۈپ كېتىپتۇ_دە،_دېدى مەمەت دوقى چاقچاق قىلىپ.
_ئۇنى بىر دېمەڭلار ئاغىنىلەر،مۇشۇ ھاراقنىڭ كاساپتىدىن بىر ئوبدان دوستۇمدىن، سۈيگەن يارىمدىن ئايرىلىپ قالدىم،لېكىن بۇ شەيتاننىڭ سۈيدىكىدىن ئايرلالمدىم ئەمەسىمۇ،_دېدى قاسىم زابوي مەيسۈنلەنگەن ھالدا ئېغىر خۇرسىنىپ.
كۆپچلىك قاسىم زابويىنىڭ ھاراقنىڭ كاساپتىدىن يولۇققان بۇ قسىمەتلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتشتى.ئۈلپەتداشلار ئۇياننىڭ-بۇياننىڭ پاراڭلىرىنى قىلىشقاچ كەينى-كەينىدىن بىر قانچە رومكا ئېچىشىپ،كەيپى توشۇپ، ئۆيىلىرىگە قايىتىشىتى.
يېرىم كېچە، ئىتلارنىڭ ئەنىسز قاۋاشلىرى غەپلەت ئۇيقۇسدا ياتقان كشلەرنى ئويغۇنۇشقا دالالەت قىلماقتا ئىدى.لېكىن كشلەرگە ئىتلارنىڭ ئەنسىز قاۋاشلىرى ئاننىڭ ئەلەي ناخشىدەك تۇيۇلۇپ غەپلەت بۆشكىدە تېخمۇ شىرىن ئوخلاۋاتاتتى. مەھەللىمىزنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىدە ئاللىكېملەرنىڭ ئىتقا ئوخشاش غېڭشىپ ياتقانلىقى،يېغلاۋاتقانلىقى،ئۆ قىلىپ ياندۇرۋاتقانلىقى،كۇسۇك ئىتلارنىڭ شالاپشىپ بىر نەرسىلەرنى يالاۋاتقانلىقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 15:07:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرىڭىزگە بارىكاللا،ھەربىر ئەسىرىڭىزنى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن،رەھمەت سىزگە!!!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

23

تېما

15

دوست

2677

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
535 سەر
تىللا
359 دانە
تۆھپە
502 سەر
شۆھرەت
569 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 01:14:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز بولوپمۇ ھاراقكەشنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ بىرىپسىز،بۇنداق كىشىلەر قاچانمۇ تۈزىلەر- ھە!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:41, Processed in 0.199198 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش