مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 16 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 63|ئىنكاس: 4

جەرىمانە‹فېليەتۇن›ئا.ن.ئۆزقۇت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

43

تېما

1

دوست

651

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
150 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
121 سەر
شۆھرەت
149 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 20:46:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
                                                                     جەرىمانە
                                                                     فېليەتۇن

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلىشىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە يىغىلىدىغان كۈنى مەكتەپ ئىشخانسىنىڭ مۇدىرى مەمەت كونا ئادىتى بويىچە بالدۇرلا مەكتەپكە كەلدى. ئۇ مەكتەپ ئشخانسىنىڭ ئشىلىرىنى قىلغاندىن سىرت،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېنتىزام،داۋام ئشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.ھەر قانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېنىتزامسىزلىق قىلمىشى ئۇنىڭ كۆزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايىتى.مەكتەپ ئىچىدە تەشكلى-تۈزۈمگە خىلاپ ئشلار سادىر بولىدىكەن،ئۇ دەرھال يانچۇق دەپتىرىگە خاتىرلەپ قوياتتى –دە،ئايلىق خۇلاسە يىغىنلىرى ياكى ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسىسى چوڭ يىغىنلىرىدا ئوتتۇرىغا قوياتتى.
ئەتىگەنلىك يوقلىمىنى ئاخىرلاشتۇرغان مەمەت يېنىك بىرنى تېنىپ قويدى.ئوقۇتقۇچىلار كۈندىكىدەك بايراق چىقىرش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىغىن زالىغا قاراپ مىڭىشىتى.
يىغىندا مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن نۆۋەتتە قىلىشقا تىگشلىك خىزمەتلەر توغرسىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. بەزى ئوقۇتقۇچىلار دەم ئېلىش جەرياندا كۆرگەن-ئاڭلغانلىرى توغرىسدا سۆزلىشىپ ئولتۇرىشسا، بەزىلىرى ئۆز ئىشى بىلەن بەند ئىدى.
تويۇقسىز زالىنىڭ ئاخىردا ئولتۇرغان نۇردۇن مۇئەللىم مۇگىدەپ قالدىمۇ قانداق شېرەگە  ئۇسۇپ سالدى. كۆپچىلىك شۇئان ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراشتى.مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىنمۇ سۆزىنى توختىتىپ،بويۇنلىرىنى غازىدەك سوزغىنچە زالىنىڭ ئاخىرىغا قارىدى. نۇردۇن مۇئەللىم ئوڭايسىزلغان ھالدا پشانسىنى سىلاپ تۇراتتى.
- يىغىن ۋاقتىدا ئوخلاشقا بولمايدۇ،-دېدى مەكتەپ مۇدىر جالالىدىن قاپىقىنى تۈرۈپ،- بۇ خىل قىلمىش ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى قىلىپلاشتۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپ.شۇڭا، نۇردۇن مۇئەللىم تۈزۈم بويىچە جەرىمانە تۆلەيدۇ. مەمەت جۈرىن خاتىرلەپ قويۇڭ.
مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىننىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن تەڭلا ئوقۇتقۇچىلار كۇسسۇرلىشىشقا باشلىدى:
-جەرىمانە تۆلەش يەنە باشلاندى.مۇشۇ ئاي،مۇشۇ كۈنلەردە ھەممە ئىشقا جەرىمانە تۆلەيدىغان بولۇپ كەتتۇق دېسە.
-راسىت،جەرىمانە ئېلىنمىغان ئوسۇرۇقلا قالدىغۇ ئەمدى؟!
-شۇنداق، تىنغاندىمۇ دىققەت قىلپراق تنساق بولغۇدەك!
ـ . . .
-تىنىچلىنىڭلار،-دېدى مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،-نۆۋەتتە مەمەت جۈرىن ئالدىنقى ئاي ئىچىدە مەكتەپ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، جەرىمانە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ، دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار!
   ئشخانا مۇدىرى مەمەت ئوقۇتقۇچىلارغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن گېلىنى قىرىپ قويۇپ سۆز باشلىدى:
-ھازىر مەن ئالدىنقى ئاي ئىچىدە مەكتۋىمىزنىڭ تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلىپ،جەرىمانە قويۇلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئسىملىكىنى ئېلان قىلىمەن. جەرىمانىگە قايىل بولمىغان ئوقۇتقۇچىلار بولسا يىغىنىدىن كېيىن مەن بىلەن كۆرۈشسەڭلار بولىدۇ،-دېدى-دە، مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىنغا قاراپ قويۇپ تېزىملىكنى ئوقۇشقا باشلىدى.
-ئەخەت قاسىم،-دەپ ئوقۇشقا باشلىدى ئشخانا مۇدىرى مەمەت،-دەرىسى يوق ۋاقىتتا ئشخاندا ئولتۇرماي،مەيداندا لاغايلاپ يۇرگەنلىكى ئۈچۈن تۈزۈم بويىچە بىر سائەت مەشغۇلاتقا قاتناشمىغان ھېسابلىنىپ 45يۈەن جەرىمانە.
ئشخانا مۇدىرى مەمەتنىڭ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭلا ئەخەت قاسىم دېگەن ئوقۇتقۇچى ئورۇندىن چاچراپ قوپۇپ:
-مەن مەيداندا بىكاردىن-بىكار چۆرگىلەپ يۇرمىگەن.ئىشخانىنىڭ ئاچقۇچىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ،شۇنى ئىزدىگەن ئىدىم،-دېدى.
-پىكىرىڭىز بولسا يىغىندىن كېيىن دەڭ،-دېدى مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇرۇپ،-قېنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
-ئىبراھىم سەمەت تەنەپپۇس ۋاقتىدا مەيداندا گازىر چاققانلىقى ئۈچۈن 30يۈەن جەرىمانە،ئابدۇللا مەمەت گىمناستىكا ۋاقتىدا ھەرىكەتنى جانلىق ئوينمىغانلىقى ئۈچۈن 10يۈەن جەرىمانە،ئايتۇنەم ياسىن رەھبەرلىك ئش ئورۇنلاشتۇرغاندا بويانتاۋلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 50يۈەن جەرىمانە،گۈلىنىسا ھىمىت مەكتەپكە بالىسنى ئېلىپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن 30يۈەن جەرىمانە،تۇرسۇن سەمەت ئۈلگىلىك دەرىس ئۆتۈش جەرياندا ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹سەن››لەپ گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 10يۈەن جەرىمانە...
ئشخانا مۇدىرى مەمەتنىڭ گېپى تۈگىمەيلا زال ئىچىنى يەنە غۇلغۇلا قاپلىدى. بۇ چاغدا مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن ئۈستەلنى مۇشتلاپ ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى ئۆزگە تارتتى.
- مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا زىت تۈرلۈك ئىشلارنى چەكلەش قائىدە-تۈزۈملىرىنى يولغا قويغانلىقىدىن ھەممىڭلارنىڭ خەۋىرى بار. تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان ئىكەنمىز، تۈزۈم بويىچە جەرىمانە تۆلەيدىغان گەپ. شۇڭا، مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپ ئشلارنى سادىر قىلماي،خىزمەتنى جانلىق ئشلەپ مېڭىڭلار!
مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىننىڭ گېپنى ئاڭلاپ،ئشخانا مۇدىر مەمەت تۆۋەندە ئولتۇرغانلارغا غالىبلارچە قاراپ قويدى.
ئۇزۇنغا سوزۇلغان يىغىن سوغۇقلا ئاخىرلاشتى. يىغىن زالىدىن چىققان  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئشخانسىغا ماڭسا، يەنە بەزىلىرى سىنپقا قاراپ يول ئالدى.
ئوقۇتۇش بىرخىل رېتىمدا داۋاملىشىشقا باشلىدى. مەكتەپتە ئۆزگىرىش بولىندى دېسە مەيدان ئەتراپىدىكى سۆگەت، تېرەكلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى خېلىلا سارغايغان ئىدى.
چۈشتىن كېيىنلىك مەشغۇلىيەت ۋاقتىدا مەكتەپ ئىچىنى ئارلاۋاتقان مەمەت دەرۋاز ئالىدىدا مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن بىلەن بىر قسىم بەنزە ئەزالىرىنىڭ پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۇپ،قەدىمىنى شۇ تەرەپكە بۇرىدى.
- مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە خىزمتنى يەنىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇشنى تېخمۇ كۈچەيتىپ،ھەر قايسى تەرەپلەردىن ياخشى يېتەكلىشىمىز كېرەك.بولۇپمۇ ياش،ئوتتۇر ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈزۈم قارشنى كۈچەيتىشنى مۇھىم ھالقا سۈپتىدە تۇتۇش كېرەك،-دېدى مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن ئەتراپىدا ئۆزگە قاراپ تۇرغان بەنزە ئەزالىرىغا بىر قۇر قاراپ چىقىپ.
-راسىت مۇدىر،ھازىر بىر قسىم ئوقۇتقۇچىلار گەندەنكەشلىك قىلىپ مەكتەپ تەشكلىنى كۆزگە ئىلمايدىغان،رەھبەرلىك ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا ئىجىرا قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.بۇنداقلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى قائىدە-تۈزۈمگە سېلىپ ھەيۋىسنى يەرگە ئۇرۇش كېرەك،-دېدى ئىلىمىي مۇدىر بارات مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىننىڭ سۆزگە ئۇلاپلا.
ئشىخانا مۇدىرى مەمەتنىڭ يېقىنلاپ كەلگەنلىكى كۆرگەن مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن:
-كېلىڭ مەمەت جۈرىن،سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ خىزمتنى تېخمۇ ياخشى ئشلەڭ.قائىدە-تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى دەل ۋاقتىدا خاتىرلەپ مېڭىڭ.
-بولىدۇ، مۇدىر! بۇنىڭىدىن كېيىن ھوشيارلقىمىنى تېخمۇ ئۆستۈرۈپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇرۇش-تۇرۇشىغا يېقىنىدىن دىققەت قىلىمەن،-دېدى ئشخانا مۇدىرى مەمەت چىرايىغا قەتئىيلىك تۈسى بېرىپ.
-ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەندە بىرىنىچىدىن،ئوقۇتۇش ئشلىرىدا ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ،ئىككىنچىدىن،ئېنىتزامسىزلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان جەرىمانە كۆپرەك بولىدۇ.كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان مېھمانلار چىقىمى،ئۆزىمىزنىڭ ئولتۇرۇشلىرىمىزغا مەبلەغ غەملىگىلى بولىدۇ،-دېدى مەكتەپ مۇدىرى ئەتراپىغا بىر رەت قاراپ قويۇپ.
ھەممەيلەن باشلىرىنى لىڭشىتىپ مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىننىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلاشتى. ئۇلار قىزغىن پاراڭلىرى بىلەن تۇرغان شۇ پەيتتە، تىل-ئەدەبيات ئوقۇتقۇچىسى ئەلى ئوسمان ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدى. ئۇ ئاللىقانداق خىياللار بىلەن كېتىپ بارغاندەك قىلاتتى.
ئشخانا مۇدىرى مەمەت ئەلى مۇئەللىمىنىڭ مەشغۇلىيەت ۋاقتىدا ئشخانسىدا ئولتۇرماي مېڭىپ يۇرگەنلىكىنى كۆرۈپ،سەل ئاچچىقى كەلدى.ئۇ ‹‹خەپ ئەدىپىڭىنى بىر بەرمەيدىغان بولسام›› دېگەنلەرنى خىيالدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشىغا،ئەلى مۇئەللىم قېقىلىپ يۈتۈلۈپ قان تۈكۈرۈپ سالدى. بۇنى ‹‹ياخشى پۇرسەت›› دەپ بىلگەن ئشخانا مۇدىرى مەمەت يانچۇق دەپتىرىنى چىقىرىپ:‹‹ ئەلى مۇئەللىم مەكتەپ رەھبەرلىكىنى كۆزگە ئىلماي مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىدا تۈكۈرگەن›› دەپ خاتىرلەپ قويدى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

7

تېما

5

دوست

1213

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
212 سەر
تىللا
99 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
309 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 23:55:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز قۇت ئەپەندى ،بۇ ئەسىرىڭىز ماڭا بەك يارىدى،ئەسىرىڭىزدە، باشلىق كەينىدىكى غالچىلارنىڭ ماھىيىتىنى ئاددى تىل ،چوڭقۇر مەزمۇنلۇق تېرەن  پىكىرلىرىڭىز بىلەن ناھايىتى رۇشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىپسىز،ئەڭ ئاخىرىنى ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپسىز ..... ئىجادى تېمىلىرىڭىز  ئۈزلۈپ قالمىسۇن !.......

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 00:28:58يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
“بۆك ئال دىسە باش ئالىدىغان ” مۇشۇنداق  غالچىلار تۇپەيلىد ن بىر قىسىم  ئوقۇتقۇچىلار بۇ شەرەپلى  خىزمەتتىن زېرىكسە ،يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىز   پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈچۈن دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئاخىرى مانا مۇشۇنداق قان قۇسسىمۇ   ئاھ ئۇرماي ييقىلماقتا ،  ياخشى يېزىپسىز رەھمەت سىزگە .بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە  ئۇتۇق تىلەيمەن . ھارمىغايسىز
来自: Android客户端
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

15

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
257 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
232 سەر
شۆھرەت
243 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 15:04:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      قىلمىشىدىن  ئوقۇتقۇچىلارنى «قان تۈكۈرۈش» كە مەجبۇر قىلىۋاتقانلار بارغانسىرى كۆپۈيۈپ قىلىۋاتىدۇ ........

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 15:08:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرىڭىزگە بارىكاللا،ھەربىر ئەسىرىڭىزنى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن،رەھمەت سىزگە!!!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:43, Processed in 0.529171 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش