مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 20 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 47|ئىنكاس: 2

ئايشەمنىڭ قورساق ئاغرىقى‹بالىلار ھېكايىسى›ئا.ن.ئۆزقۇت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

43

تېما

1

دوست

651

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
150 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
121 سەر
شۆھرەت
149 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 20:29:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
                                                                        ئايشەمنىڭ قورساق ئاغرىقى
                                                                               بالىلار ھېكايىسى

نەچچە كۈنىدىن بېرى ئايشەمنىڭ قورسىقى پات-پات ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.بولۇپمۇ تىل-ئەدەبيات دەرىسى ئۆتىدىغان پەرھات مۇئەللىم سىنىپقا كىرگەندە كۆپرەك ئاغىرىپ قالاتتى.بۇنداق ئاغرىپ قىلىشىنىڭ سىرىنى ھېس قىلىغان ساۋاقداشلار:‹‹ ئايشەمنىڭ قورسىقى دەرسكە قاراپ ئاغىرىپ قالىدۇ››دەيدىغان بولۇپ قالغانىدى.
بۈگۈن سەھەردە مەكتەپكە كەلگەن ئايشەم دەرس سەتكىسگە قاراپ 1-سائەتلىك دەرىسنىڭ تىل-ئەدەبيات دەرىسى ئىكەنلىكىنى كۆردى-دە،كۆڭۈلىدە ئاللىقانداق خىياللارنى قىلىپ سىنىپقا قاراپ ماڭدى.
دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلنىدى.ساۋاقداشلار چۇرقىرىشىپ سىنىپلىرىغا قاراپ يۈگۈرۈشتى.پەرھات مۇئەللىم ماتېرىياللارنى كۆتۈرۈپ سىنىپقا قاراپ يول ئالدى.
پەرھات مۇئەللىم سالماق قەدەملەر بىلەن سىنىپقا كىرىپ كەلدى. مۇئەللىمنىڭ سىنىپقا  كۆرگەنلىكىنى كۆرگەن ساۋاقداشلار دەرھال ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى.پەرھات مۇئەللىم ساۋاقداشلارغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ‹‹ئولتۇرۇڭلار››دېدى.
باياتىندىن بېرى قورسىقى ئاغىرىپ قالغان ئايشەم مىڭ تەسلىكتە ئورۇندىن تۇرۇپ قورسىقىنى تۇتقان ھالدا ئاستا ئولتۇرۇپ بېشنى پارتىغا قويۇپ يېتىۋالدى.
    ‹‹بۈگۈن ئايشەمگە يەنە نېمە بولغاندۇ؟ئەجەپ چىرايى سولغۇن كۆرۈنىدىغۇ؟قورسقى يەنە ئاغىرىمدىغاندۇ-يە؟›› دەپ ئويلىدى پەرھات مۇئەللىم ئايشەمنىڭ بېشنى پارتىغا قويۇۋالغانلىقى كۆرۈپ.
-ساۋاقداش ئايشەم بىرەر يېرىڭىز ئاغرمدۇ؟-دەپ سورىدى پەرھات مۇئەللىم جىددىيلەشكەن ھالدا.ئايشەم مۇئەللىمنىڭ ئۆزىدىن گەپ سورىغانلىقنى ئاڭلاپ ئورۇندىن ئاستا تۇردى-دە،تۆۋەن ئاۋازدا:
-قورسقۇم قاتتىق ئاغىرۋاتىدۇ،-دېدى.
- قورسىقىڭىز ئاغىرىغان بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا چىقىپ كۆرۈنۈپ بېقىڭ.گۈزەلئاي سىز ئايشەمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىڭ،-دېدى پەرھات مۇئەللىم بۇيرۇق تەلەپپۇزدا گۈزەلئايغا قاراپ.گۈزەلئاي سىنىپنىڭ ئۆگىنىش باشلىقى ئىدى.سىنىپ بويىچە ئۆگىنىشى ئەڭ ياخشى،ئەخلاقلىق،ئېنىتزامچان قىز ئىدى.ئۇ ئايشەمنىڭ قەستەن يالغان ئاغىرىق بولۇۋالغانلىقىنى بىلەتتى.لېكىن مۇئەللىمگە دېمىگەن ئىدى.مۇئەللىمنىڭ جىددىي بۇيرۇقى بىلەن گۈزەلئاي ئايشەمنى قولتۇقلىغان ھالدا سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.
پەرھات مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋامىنى بىر قۇر ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن ئىككى ساۋاقدىشىدىن ئالدىنقى سائەتلىك دەرسلەردىن سىناق ئالدى.ساۋاقداشلار دەرىسىنى ياخشى تەكرا قىلىپ كەلگەن ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ساۋاقداشلار باشقا دەرسلەرگە قارىغاندا تىل-ئەدەبيات دەرىسىنى بەك ياخشى كۆرەتتى.چۈنكى پەرھات مۇئەللىم دەرسىنى بەك چۈشەندۇرۇپ ئۆتەتتى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا تەلەپنى قاتتىق قوياتتى.پەرھات مۇئەللىم سىناق ئېلىپ بولغاندىن كېيىن يېڭى دەرس باشلدى.
گۈزەلئاي بىلەن ئايشەم دوختۇر ئىشخانىسىغا كىردى.گۈزەلئاي دوختۇرغا ئايشەمنىڭ قورسىقى خىلى ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇنداق ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانلىقنى دېدى.دوختۇر ئايشەمنى بىر قۇر  تەكشۈرۈپ چىقىتى.نەتىجىدە ئايشەمنىڭ قورسىقى ئايرىلمايدىغانلىقىنى ئسپاتلاندى.گۈزەلئاي دوختۇرنىڭ دىئاگنوز ئسپاتىنى ئاڭلاپ ئايشەمنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ قويىدى-دە،دوختۇرغا ‹‹رەھمەت›› ئېتىپ ئايشەم بىلەن ئشخانىدىن چىقىپ كەتتى.ئايشەم يولدا ماڭغىچە گۈزەلئايغا يالۋۇرۇپ بۇ گەپنى ھېچكىمگە دېمەسلىكىنى ئۆتۈندى.گۈزەلئايمۇ ئايشەمگە بۇنىڭدىن كېيىن يالغان سۆزلىمەسلىكنى جېكىلەپ ‹‹ماقۇل››بولدى. ئۇلار مەكتەپكە كەلگەن ۋاقتتا 1- سائەتلىك دەرستىن چىققان ئىدى.
كېينىكى سائەتلىك دەرستىن باشلاپ ئايشەمنىڭ قورساق ئاغرىقى توختاپ قالدى.سىنىپتىكى ساۋاقداشلار پات-پات ئايشەمگە قاراپ قويشاتتى.ئايشەم بولسا دەرس ۋاقتىدا ئۆزنىڭ ئشنى قىلىپ دەرسكە ئانچە دىققەت قىلماي ئويناپ ئولتۇراتتى.
ئەتىسى 3-سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا پەرھات مۇئەللىم يەنە دەرسكە كىردى.مۇئەللىم سىنىپقا كىرگەن ۋاقتتا ئايشەم بېشنى پارتىغا قويۇپ ياتاتتى.پەرھات مۇئەللىم ئايشەمنىڭ بېشنى پارتىغا قويۇپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ قالدى-دە:
-ئايشەم يەنە قورسىقىڭىز ئاغرۋاتامدۇ،-دەپ سورىدى.ئايشەم دەل مۇشۇ گەپنى كۆتۈپ تۇرغاندەك دەرھال:
-شۇنداق مۇئەللىم قورسقۇم بەك ئاغرۋاتىدۇ،-دېدى.
پەرھات مۇئەللىم ئايشەمنىڭ سولغۇن چىرايغا قاراپ:
-گۈزەلئاي،ئايشەمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىڭ،-دېدى.گۈزەلئاي مۇئەللىمگە بىر نېمە دېمەكچى بولىدى-يۇ،ئايشەمنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەن چىرايغا قاراپ گەپ قىلماي ئايشەمنى قولتۇقلاپ سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.
تۇنۇگۈن ئايشەمنى كۆرگەن دوختۇر ئۇنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ چىقتى.نەتىجىدە ئايشەمنىڭ قورساق ئاغرىقى يوق بولۇپ چىقىتى.گۈزەلئاي ئايشەمنىڭ يەنە يالغان سۆزلىگەنلىكىنى بىلىپ تازا ئاچچىقى كەلدى.نېمشقا بايا مۇئەللىمگە دېمىگەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىدى.بۈگۈنمۇ ئايشەم يولدا كىرگۈچە گۈزەلئايغا قاتتىق يالۋۇرۇپ،ۋەدىلەرنى بېرىپ چىقىتى.ئۇلار مەكتەپكە يېنىپ كىرگەن ۋاقتىدا 3-سائەت دەرستىن چىقىشقا ئاز قالغان ئىدى.
-گۈزەلئاي ئاداش،دەرىستىن چۈشۈشكە ئاز قاپتۇ.بىز كېينىكى سائەتتىن باشلاپ دەرسكە كىرەيلى.ماقۇلمۇ؟-دېدى ئايشەم ئۆتۈنۈش ئاھاڭدا.
-بۇنداق قالساق قانداق بولا ئاداش،دەرىسىتىن كېيىن قالىمىز.يۇرە،دەرىسكە كىرەيلى،-دېدى گۈزەلئاي نارازى بولغان ھالدا.
-ئاداش،يەنە شۇ پەرھات مۇئەللىمنىڭ تەنە ئارىلاش سېسىق گېپى،تولا ئاڭلاپ زېرىكىپ كەتتىم،-دېدى ئايشەم چۈشەندۇرۇپ.
-ئۇنداق دېسەڭ ياخشى بولمايدۇ ئاداش،پەرھات مۇئەللىم بىزگە ياخشى بولسۇن دەپ تەلەپنى قاتتىق قويۇپ دەرس ئۆتىدۇ،سەن مۇئەللىم چىڭ تۇتىدۇ،تەنقىدىلەيدۇ،سىناقنى كۆپ ئالىدۇ،دەپ دەرستىن قاچساڭ ياخشى بولمايدۇ،-دېدى گۈزەلئاي ئايشەمگە نەسھەت قىلغان ھالدا.
ئايشەم گۈزەلئايغا بىرنى ئالىيىپ قاراپ قويۇپ:
-ئاداش،ئەجەپ مۇئەللىمنىڭ ياخشى گېپنى قىلىپ كەتىتىڭ؟نەرى ياخشى ئۇ مۇئەللىمنىڭ،ھەدېسە دەرسىنى ۋاقتىدا ئۆگەنمەپسەن،سناققا تەييارلىق قىلماي نېمە ئىش قىلىدىڭ،دەپ ئادەمنى كۈندە تەنقىدلىگەن،-دېدى.
-سېنىڭچە مۇئەللىم سىناق ئالمسا،دەرىس ئۆگەنسەڭمۇ تەنقىد قىلمسا ياخشى مۇئەللىم بولۇپ ھېسابلنىدىكەندە،كونىلاردا:‹ئۇستازىڭ زالىم بولسا،شاگرىتى ئالىم بولۇر›دېگەن ھېكمەت بار.مۇئەللىمنىڭ بىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇشىنىڭ قەيىرى خاتا؟-دېدى گۈزەلئاي ئەستايدىللىق بىلەن چۈشەندۇرۇپ.
-بولدىلا ئاداش،باشقا گەپ قىلىشايلى.ماۋۇ چاپىنىڭنى قەيەردىن،نەچچە پۇلغا ئالدىڭ؟-دېدى ئايشەم گۈزەلئاينىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن زېرىكىپ.
گۈزەلئاي ئايشەمنىڭ قولىقىغا ياخشى گەپلەر كىرمەيدىغانلىقنى ھېس قىلىدى-دە:
ـ باشقا گەپلەرنى كېيىن دېيىشەيلى ئاداش،يۇرە دەرسكە كىرەيلى،-دېدى.ئايشەم گۈزەلئاي بىلەن دەرسكە كىرمىسە چاتاق چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئىككسى سىنىپقا قاراپ ماڭدى.
پەرھات مۇئەللىم يېڭى دەرس ئۆتۈۋاتاتتى.ئۇ ئايشەم بىلەن گۈزەلئاينىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ:
-ئايشەم قۇرسقىڭىزنىڭ ئاغرىقى قويۇپ بەردىمۇ؟-دەپ سورىدى.ئايشەم تىرناقلىرىنى تاتلاپ گەپ قىلماي يەرگە قاراپ تۇردى.پەرھات مۇئەللىم ئايشەمنىڭ قورسىقى يەنە ئاغرىۋاتقان ئوخشايدۇ،دەپ ئويلاپ:
-گۈزەلئاي، دوختۇر نېمە دەيدۇ،-دەپ سوردى.گۈزەلئاي نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي بىر ھازا تىڭىرقاپ تۇرۇپ كەتتى-دە،ئايشەمنىڭ كۆزگە قاردى.
گۈزەلئاينىڭ ئۆزنىڭ يالغان ئاغىرىق ئىكەنلىكىنى دەپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەن ئايشەمنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ كەتتى.گۈزەلئاينىڭ كاللىسىدىن:‹‹نېمە دېسەم بولا،راسىت گەپ قىلايمۇ ياكى ئايشەمگە ئاخىرقى بىر پۇرسەت بېرەيمۇ؟››دېگەن خىياللار ئەگىپ يۇرەتتى.
-مۇئەللىم قورسىقىمنىڭ ئاغرىقى سەل-پەل قويۇپ بەردى،-دېدى ئايشەم گۈزەلئاينىڭ راست گەپنى دەپ سېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالاقزادە بولغان ھالدا.
-ناھايىتى ياخشى،قېنى ئورنىڭلاردا بېرىپ ئولتۇرۇڭلار،-دېدى پەرھات مۇئەللىم دەرسىنىڭ ۋاقتىنى ئالماسلىق ئۈچۈن.
دەرس يەنە داۋاملىشىۋاتاتتى.پەرھات مۇئەللىم دەرىسنىڭ ئاخىردا كىشىلىك ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا سۆزلەشكە باشلىدى.
-ئادەمنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنىڭ بېرى بولغان سەممىيلىك كشىگە بەخت-سائادەت ئاتا قىلىپلا قالماستىن يەنە چەكسىز خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.ئادەم ھاياتىدا يالغانلىقىنى ئۆزگە ھەمراھ قىلىۋالماسلىقى كېرەك. يالغانچلىقتىن ئۆزىدىن مەڭگۈ يىراق تۇتۇش لازىم.شۇڭا،سەمميلىكىنى ئۆزگە دوستى تۇتۇپ،يالغانچى ئاتىلىپ قىلىشتىن مەڭگۈ ساقلىنىش كېرەك.
ساۋاقداشلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن دەرس ئاڭلاۋاتاتتى.تۇيۇقىسز ئارقا رەتتە بىرەيلەننىڭ ئۇن سېلىپ يىغلاۋاتقان ئاۋاز ئاڭلاندى.ھەممەيلەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراشتى.يىغلاۋاتقان دەل ئايشەم ئىدى.پەرھات مۇئەللىم گېپنى توختىپ:
-ئايشەم،قورسىقىڭىز يەنە ئاغرىۋاتقان ئوخشمامدۇ؟-دەپ سورىدى.
ئايشەم مەڭزىنى بويلاپ چۇشۈۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتكەچ ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ:
-ياق مۇئەللىم،مەن سىلىگە ئىككى قېتىم يالغان سۆزلىگەن ئىدىم،-دېدى.ساۋاقداشلار ئايشەمنىڭ گېپنى ئاڭلاپ بىر-بىرگە مەنلىك قاراپ قويۇشتى.پەرھات مۇئەللىمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى.ئەكسىچە ئايشەمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن راستچىل ئادەم بولىدىغانلىقىغا قارىتا ئشەنچى ئاشتى.چۈنكى،پەرھات مۇئەللىمۇ ئايشەمنىڭ يالغاندىن ‹‹قورسىقىم ئاغىرۋاتىدۇ ››دېگەنلىكنى ئېنىق بىلەتتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

43

تېما

1

دوست

651

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
150 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
121 سەر
شۆھرەت
149 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 20:32:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەكىلىپ-پىكىر بېرىشىنى قىزغىن قارىشى ئالىمەن.ھەم بالىلار ئەسەرلىرى توغرسىدا مۇنازىرە قىلىشنى خالايمەن.كىتاب سودىگەرلىرى بولسا ھەمكارلىشىشىنى خالايمەن.ئۇچۇر بەرگەنلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 15:08:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرىڭىزگە بارىكاللا،ھەربىر ئەسىرىڭىزنى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن،رەھمەت سىزگە!!!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:47, Processed in 0.189867 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش