سىنى ئەتتىرگۈل بولسىكەن دەيمەن
(ئونسۇ ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن: گۇلجامال ساۋۇت)
 - ئاپا ،ھويلىمىزدا نىمىشقا ئەتىرگۈلدىن باشقا گۈلنى ئۆستۈرمەيمىز؟-دەپ سوراپقالدىڭ، ئوغلۇم. جاۋابىمغا قۇلاق سال ، جاۋاپلىرىم ئارقىلىق يۈرۈكىمدىكى سۈزلىرىمى، سەندىن كۈتكەن ئۈمۈدىمنى بىلىپ قال . بىلەمسەن- بالام، ئەتتىرگۈل بىر يىل ئىچىدە يەتتە قېتىم ئېچىلىدىغان گۈلدۇر. گەرچە ئادەملەر ئۇنىڭ ئېچىلىش، تۇزۇش ۋاقتىنى بىر ھەپتە ئىچىدىكى يەتتە كۈننى ، قۇلىنىڭ بەش بارمىقىنى پەرقىلەندۈرگەندەك ئېنىق پەرقىلەندۈرۈپ بىرەلمىسىمۇ ئەتتىرگۈلنڭ ئېچىلىشىنىڭ ماي ئېيىدىن باشلىنىپ سىنتەبىرنڭ ئاخىرلىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ، كۈمۈلۈش ئۈچۈن قىيىلغان ئۈششۈك تەككەن شاخلىرى ئارىسىدىنمۇ يەنىلا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۋاتقان چىرايلىق غۇنچىسىنى ئۇچۇرتالايدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايدۇ . ئەتتىرگۈل گۈللەرنىڭ سۇلتانى ئۇنىڭ ئېچىلىشى بىلەن پۈتۈن زىمىن گۈزەللىككە پۈركىنىدۇ. ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىددى يىراق –يىراقلارغا تارىلىپ ، دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ جانغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.ئەتتۈرگۈل ئۈسكەن تۇپراقتىنمۇ ئۇنىڭ خۇش ھىددى كەتمەيدۇ . ئالىجاناپلىق ئەقىدە، مۇھاببەت، قەدىر –قىممەت بابىدا باشقا ھەرقانداق گۈل ئەتىرگۈل بىلەن تەڭلىشەلمەيدۇ. ئۇنىڭ تەبىئەت ۋە ئادەملەرگە تەقدىم قىلغان ھىممىتى، سوۋغىسى ئادەملەر ۋە تەبىئەتتىن ئىرىشكەن ، بەھرىمان بولغان نەرسىلىردىن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كوپ بولىدۇ. ئۇ ئۈزى بەھرىمان بولغان قۇياش نۇرى، سۇ، ھاۋاغا، تۇپراققا ئادەملەرنىڭ ئۈزى ئۈچۈن قىلغان ئەجىر- پەرۋىشىلىرىگە جاۋاپ قايتۇرۇش يۈزسىدىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ توختاۋسىز ھالدا ئېچىلىپ ئۇلارنى گۈزەللىكتىن بەھرىمان قىلىدۇ، زىمىننى زىننەتلەپ ، خۇش پۇراق بىلەن تولدۇردۇ. ئۇنىڭ ئىرىشكەن نەرسىلىردىن تەقدىم قىلغان نەرسىلىرى ئىنتاينىن كوپ بولسىمۇ ئادەملەر ۋە تەبئەتىن ھەر ۋاقىت مىننەتتار بۇلۇپ، ئۈزى ئىرىشكەن ئاددى ۋە ئازغىنە نەرسىلىرى ئىچىدىن تەبىئەتنىڭ ، ئادەملەرنىڭ ئۈزۈگە بولغان مۇھاببىتىنى ، ئەقىدىسىنى ، ئەجىر نى، ئىشەنچىسىنى بايقاپ يۈكسەك بۇرۇچ مەسۇليەت تۇيغۇسى بىلەن ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇرۇشنى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنىتلىرغىچە ئۈز مەسۇليىتىنى ئادا قىلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ . ئادەتتە ئەتىرگۈل بىلەن ئادەملەر ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا كۆپ پەرقىلەنمەيدۇ. تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈش، ئېرىشىش بىلەن تەقدىم قىلىش ھەرئىككىلىسى ئۈچۈن ئورتاقتۇر. ئەگەر پەرىق بار دىيىلسە بۇ يەردىكى پەرىق شۇكى ، ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشتىن تەبىئەتتىن ئېرىشىدىغان ،بەھرىمان بۇلىدىغان نەرسىلىرى ئەتىرگۈلگە قارغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ بولغانلىقىدىندۇر .ئەپسۇسكى شۇنداق تۇرۇقلۇق ياشاش جەريانىدا بەزى ئادەملەر پۈتۈن ئۆمۈرىدە ئەتتىرگۈلدەك يەتتە قېتىم ئەمەس بىرەر قېتىم بولسىمۇ پورەكلەپ ئېچىلىپ ئەتراپقا خۇش پۇراق ۋە گۇزەللىك تەقدىم قىلالماي ، ھاياتى بىلەن خوشلۇشىدۇ. ئەگەر ئۇلارنى ئېچىلدى دىگەندىمۇ، بەزىلىرى ئنتايىن تىزلا ئېچىلىپ، تىزلا تۇزۇيدۇ، جۇدۇن- چاپقۇن، تۇمۇز–ئسسققا بەرداشلىق بىرەلمەي ۋاقىتسىزلا سۇلۇشۇپ تۈگەيدۇ .يەنە بەزىلىرى بولسا باشقىلارغا خۇشاللىق ، گۈزەللىك، خۇش پۇراق ئاتا قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ بولغىچە زەھەرلىك پۇرۇقى، ئۈتكۈر تىكەنلىرى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنى زەھەرلەپ، بىھۇش قىلىپ، زەخمىلەندۇردۈرۈپ ھەر ۋاقىت زىيان سالىدۇ. نەتىجىدە بۇنداق گۈلنى ھىچكىم ھويلا –ئاراملىردا ئوستۇرمەيدۇ. ئۇنگەن ھامان يىلتىزدىن قۇمۇرۋېتىدۇ، گۈلزارلىقلاردىن ھەرگىز ئۇرۇن بەرمەيدۇ. ئەتتىرگۈل بارلىق ئادەملەر ئۈچۈن قەدىرلىكتۇر . ئەلمىساقتىن تارتىپ ھازىرغىچە ئادەملەر ئۇنى باغچىلاردا، ھويلا ئاراملىردا ئۈستۇرۇدۇ . بەزىلەرنىڭ تېخى ئۇنى كوزدە كۇمۇپ ئەتىيازدا ئېچىشقا كۇزى قىيمىغاچقا قىش كۇنلىرى ئۇيلىردە پەرۋىش قىلىپ ئۇنىڭ گۈزاللىكى، خۇش ھىددىدىن داۋاملىك ھۇزۇر ئالىدۇ . ئەتتىرگۈلگە گۈزەللىك ئەقىدە،ئالىجاناپلىق . قەدىر- قممەت . ۋاپادارلىق، مۇھاببەت، بۇرۇچ، مەسۇليەت، چىدام غەيرەت مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ ئەڭ قەدىرلىندىغان ئادەملەرنىڭ چىكىسىگە قىسىلىدۇ. شەرەپ قۇچقانلارنىڭ كۆكسىگە تاقىلىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇغان بەرگىلىلىرىمۇ مۇھاببەتلىك خاتىرىلەرنىڭ ۋاراقلىرى ئارىسىدىن. چاڭقىغان يۈرەكلەرنى قاندۇرغۇچى نەپىس پىيالىلەردىكى چايدىن ئۇرۇن ئالىدۇ، ئۇ يەنە ۋىسال تاپقان ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ توي سوغۇسى ۋە چاچقۇسى بۇلۇپ قالىدۇ. ئوغلۇم، ھەرقانداق ئانا ئۈز ئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئادەملەر تەرپىدىن ھەقىقى قەدىرلىنىشىنى، ھۈرمەتلىنىشىنى بىر ئومۇر ئارزۇلايدۇ. مەنمۇ ئەلۋەتتە شۇنىڭ ئىچىدە. مەن سەن ئۇچۇن ئەجىر سڭدۇرگەن نۇرغۇن ئادەملەر، سىنى كۈتۈرۈپ يۈرگەن مۇشۇ زىمىننىڭ ھەقى- ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئەتراپقا خۇش پۇراق چېچىپ، گۈزەللىك تەقدىم قىلىشىڭنى، شۇنىڭ بەدىلىگە باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بۇلۇشوڭنى چىن يۈرۈكىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن. ئۇغلۇم، جاۋابىم شۇكى، سىنى ئەتتىرگۈل بولسىكەن دەيمەن.
2010- يىل 7- ئۈكتەبىر ئاقسۇ
|