بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەختىيار(بايقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-18 22:33
تۆۋەن كۆرمە شەھەرلىك سەھرالىقلارنى
تۆۋەن كۆرمە شەھەرلىك سەھرالىقلارنى، بىلەر ئۇ سەن بىلمىگەن ئېتىز تىلىنى. شەھەرلىك دەپ مەيدەڭگە ئۇرما ئالدىراپ، ئۇرالامسەن يەرگە ھەم بىرەر كەتمەننى.
سوراپ باقاي ئېتىزنى كۆرگەنمۇ سەن ؟ ئاشۇ ئىسسىق ئاپتاپتا كۆيگەنمۇ سەن؟ جاپاكەش دېھقاننى ھۆرمەتلەپ تۆردە، بىر پىيالە ئىسسىق چاي قۇيغانمۇ سەن ؟
سەن يېگەن ئاش-ناننى بەرگىنى دېھقان ، شەھەرلىكنىڭ قورسىقىنى باققىنى دېھقان . ئۇلارسىز ھالىڭ خاراپ،بىلسەڭ شەھەرلىك، شەھەرلىكنى شەھەرلىك قىلغىنى دېھقان .
تەۋەررۈك دەپ بىلگىن ئۇلۇغ دېھقاننى، تۆۋەن كۆرمە شەھەرلىك سەھرالىقلارنى. دېھقاننىڭ ئەجرىسىز ئۆتمەيدۇ كۈن-تۈن . تۇتىيا بىلگىن سەن قاداق قوللارنى.
|