مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 72|ئىنكاس: 3

دىئابىت كىسەللىكىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە دىئاگنۇز قويۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

10

دوست

713

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
167 سەر
تىللا
11 دانە
تۆھپە
165 سەر
شۆھرەت
185 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 23:28:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دىئابىت كىسەللىكىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە دىئاگنۇز قويۇش  داۋالاش تېخنىكىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش
لايىھەسى


تونۇشى:
ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ،بەدەنگە كىرگەن قەنىت ماددىسىنىڭ بەدەنگە ئۆزلەشمەي سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كىتىپ، كۆپ ئۇسساش،كۆپ ئىچىش،كۆپ سىيىش،بەدەن ئېغىرلىقى تۈۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ماددا ئالمىشىش خارەكتىرلىك كىسەللىك.
دىئابىت كىسىلى-ھەقىقى دىئابىت كىسىلى(ئىسسىقتىن بولغان دىئابىت كىسىلى)،ساختا دىئابىت كىسىلى(سوغۇقتىن بولغان دىئابىت كىسىلى) دەپ ئىككى تۈرگە بۈلىنىدۇ.
1.ھەقىقى دىئابىت كىسىلى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ،قاندىكى قەنىت مىقدارى كۆپىيىپ كۆپ ئۇسساش،كۆپ ئىچىش،كۆپ سىيىش،بەدەن ئېغىرلىقى تۈۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىسەللىك.
تىۋىپلار بۇ كىسەللىكنى بۆرەك سىلىقلىشىش،ئۇسساتقۇچى كىسەللىك دەپ ئاتىغان.
بەزى تىۋىپلار بۇ كىسەللىكنى «زىيابىتۇس» دىسە،يەنە بەزى تىۋىپلار «دىيابىتۇس» دەپمۇ ئاتايدۇ.
سەۋەبى:
1. بۆرەك مىزاجىنىڭ ماددىسىز ئىسسىقتىن بۇزۇلىشى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىقىدۇ.يەنى بۆرەك مىزاجى ئىسسىقىن بۇزۇلسا،بۆرەكتە ھارارەت كۈچىيىپ ئۇنىڭ ئۆزىگە تارتىش قۇۋۋىتى(قۇۋۋىتى جازىبە) ئېشىپ كىتىپ،تۇتۇش قۇۋۋىتى(قۇۋۋىتى ماسىكە) تۈۋەنلەپ كىتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بۆرەك سۈيدۈكنى ئۆزىدە تۇتۇپ تۇرالماي تىزلىكتە دوۋساققا ھەيدەيدۇ ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ جازىبە قۇۋۋىتى مەئدە(ئاشقازان) ۋە جىگەردىن داۋاملىق سۇ تەلەپ قىلىپ ئۇسسۇزلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.نەتىجىدە ئىچىلگەن سۇ يەنە دەرھال بەدەن سىرتىغا چىقىپ كىتىدۇ.
2.سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
بۇ خىل غەيرى تەبىئى سەپرا خىلىتى ئاشقازان ئاستى بېزىگە تەسىر قىلغاندا ئاشقازان ئاستى بەز ئارالچىسىنى غىدىقلاپ،ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىش بىلەن بىرگە،ئىنسۇلىنغا قارشى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىنى تىزلەشتۈرىۋىتىدۇ.نەتىجىدە بەدەندە ئىنسۇلىن يىتىشمەي،قاندىكى قەنىت ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ،قان قەنتىنىڭ يۇقىرىلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.يەنى بۇخىل غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتى قىيام جەھەتتىن قويۇق،كەيپىيات جەھەتتىن سوغۇق بولۇپ ،بىر تەرەپتىن كەيپىيات جەھەتتىكى سوغۇقلىقى ئارقىلىق بەدەن ھارارىتىنى تۈۋەنلىتىپ،قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىپ،ماددا ئالمىشىشقا تەسىر يەتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن قىيام جەھەتتىكى قويۇقلىقى ئارقىلىق قانتومۇرلار جۈملىدىن ئاشقازان ئاستى بېزىنى قان ھەم ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىگۈچى قانتومۇرلار دىۋارىغا چۆكمىگە چۈشۈپ،يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما – ھۈجەيرىلەرنىڭ قان ھەم ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ،بۇ خىل ھالەتنىڭ ئوزۇن داۋاملىشىشى نەتىجىسىدە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئاخىرىدا يۇقارقى كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
4. ئاشقازان ئاستى بېزى كىسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى،ئاشقازان ئاستى بېزى راكى قاتارلىق كىسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغۇچىلاردا ياكى ھەرخىل كىسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ مەلۇم قىسمىنى كىسىۋەتكەندە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ،ئىنسۇلىن يىتىشمەي،قەنىت ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ،قان قەنتى يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. جىگەر ئاجىزلىقى،ئۆت كىسەللىكى تۈپەيلىدىن بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار نورمال تەڭشەلمەي،پارچىلانماي بەدەندىكى سۇلارنى تۇتۇپ تۇرالماي،دىئابىت كىسەللىكى كىلىپ چىقىشقا سەۋەپچى بۇلۇپ قالىدۇ.
6. ئىرسىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
7. روھى ئامىللار سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
ھەرخىل پاسسىپ روھى-كەيپىيات ئامىللىرى تەسىرىدىن قان قەنتىنى تۈۋەنلىتىش مەركىزىنىڭ خىزمەت پائالىيىتى قالايمىقانلىشىپ،ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي،قان قەنتىنىڭ يۇقىرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8. مىڭە كىسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
مىڭە سىلكىنىش،مىڭە ياللۇغى ۋە ھەرخىل مىڭە قانتومۇر كىسەللىكلىرى سەۋەبىدىن دۆڭچە مىڭە ئاستى قىسمىدىكى قان قەنتىنى تۈۋەنلىتىش مەركىزىنىڭ خىزمەت پائالىيىتى تەسىرگە ئۇچراپ،قان قەنتى يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9. باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
زىيادە سىمىزلىك،ھامىلدارلىق،ھەرخىل يۇقۇملىنىش،زەخمىلىنىش،ئوپراتسىيە قاتارلىقلار سەۋەبىدىن قەنىت ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، قان قەنتى يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى:
قەنىت سىيش كىسەللىكى كۆپىنچە ئوتتۇرا ياش،ياشانغان،بەدىنى سىمىز كىشىلەردە پەيدا بولىدۇ.كىسەللىك تەرەققىياتى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ.بەزىدە ياش ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلاردا كىسەللىك تەرەققىياتى بىر قەدەر تىز بولىدۇ.دەسلەپتە بىمارنىڭ روھى ھالىتى ياخشى بولۇپ،ھېچقانداق ئالامەت ئىپادىلەنمەيدۇ ،تەدرىجى ئېغىرلىشىشقا ئەگىشىپ ھېرپ-چارچاش،ماغدۇرسىزلىق،روھى-كەيپىياتى سۇسلىشىش،بەدىنى يۇقۇملىنىشقا مايىل بولۇش ئالامەتلىرى كۈرۈلۈش بىلەن بىرگە تۈۋەندىكى ئالامەتلەر كۈرىلىدۇ.
1. كۆپ سىيىش بولىدۇ.قاندىكى قەنىت زىيادە يۇقىرىلاپ بۆرەك شارچىسىدىن سۇزۇلۇپ چىققان گىلكوزا مىقدارى بۆرەك كانالچىسىنىڭ قايتا سۈمۈرۈش دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن كۆپ مىقداردىكى گىلكوزا سۈيدۈكتىن چىقىپ كىتىدۇ.سۈيدۈك قېتىم سانى ۋە مىقدارى كۆپىييپ كۈنىگە 3000-5000 مىللىلىتىرغا يىتىدۇ ياكى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.ئېغىرلاردا سۇسىزلىنىش پەيدا بولىدۇ.
2. كۆپ ئىچىش بولىدۇ.سۈيدۈك زىيادە كۆپىيىپ بەدەن ئىچدە سۇسىزلىنىش ۋە ئوسموس بېسىمى زىيادە يۇقىرىلاش قاتارلىقلار ئۇسساش سىزىمىنى پەيدا قىلىدۇ.سۈيدۈك مىقدارى بىلەن ئىچىدىغان سۇ مىقدارى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
3. كۆپ يىيىش بولىدۇ.قوبۇل قىلىنغان ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى قەنىتنىڭ كۆپ قىسمى سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كەتكەنلىكتىن،قاندىكى قەنىت گەرچە يۇقىرى بولسىمۇ،تولۇق ئوكسىدلىنىپ،پارچىلىنىپ،بەدەننى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئورگانىزىم يېرىم ئاچ ھالەتتە تۇرىدۇ.بۇنىڭ بىلەن كۆپ ساندىكى بىمارلاردا داۋاملىق قورساق ئېچىش سىزىمى بولۇپ،ئىشتىھاسى كۆپىيىدۇ.ئەگەر بىمارنىڭ ئىشتىھاسى تۇيۇقسىز تۈۋەنلەپ تاماقتىن سەسكىنىش پەيدا بولسا،كىتوندىن زەھەرلىنىش بار-يوقلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم.
4. ئورۇقلاش،ماغدۇرسىزلىق بولىدۇ.كۆپىنچە كىسەللىكلەرنىڭ دەسلەپتە بەدىنى سىمىز بولسىمۇ،لېكىن قەنىت ئالمىشىش قالايمىقانلىشىش بىلەن بىرگە،ماي ئاقسىلىنىڭ پارچىلىنىشى كۈچىيىپ كېتىپ،كۆپ مىقداردا سەرىپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن كۆپىنچە ئورۇقلاش،مۇسكۇللار يىگىلەش،ئاسان چارچاش كىلىپ چىقىدۇ.
5. يۇقىرىقىلاردىن باشقا تېرىلەردە قىچىشىش بولىدۇ.بۇ ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسى ئەزاسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. دىئابىت بىلەن بىرگە يەرلىك ئورۇندا ھۆل تەمرەتكە ياكى زەمبىرۇغدىن يۇقۇملىنىش بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا مۈچىلەر تېلىپ ئاغرىيدۇ،قولىشىدۇ،بەل،دۈمبە قىسمى تېلىپ ئاغرىيدۇ،ئاياللاردا ھەيىز قالايمىقانلىشىدۇ.
دىئاگنۇز ئاساسى:
1. تىپىك كىسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنۇز قويىلىدۇ.
كۆپ سىيىش، كۆپ ئىچىش،كۆپ يىيىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۈۋەنلەش،سۈيدۈك رەڭگى سېرىق ياكى قىزىل رەڭدە بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن دىئاگنۇز قويىلىدۇ.
2. لابراتورىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىللىرىگە ئاساسەن دىئاگنۇز قويىلىدۇ.
1) سۈيدۈك تەكشۈرۈش:سۈيدۈكتىكى قەنىت مۇسبەت بولىدۇ.كىسەللىك ئەھۋالى قانچە ئېغىر بولسا،سۈيدۈكتىكى قەنىتمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.ئادەتتە كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكى بىلەن سۈيدۈكتىكى قەنىتنىڭ يۇقىرى تۈۋەنلىكى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.ئېغىر بولغۇچىلاردا كىتۇندىن زەھەرلىنىش كىلىپ چىقىدۇ.
2) قان تەكشۈرۈش: قاندىكى قەنىت مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى:
1. ماددىسىز ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىدىن  كىلىپ چىققان بولسا مۇنزىچ-مۇسھىل بىرىش ئارقىلىق ئارتۇق سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.
3. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا مۇنزىچ-مۇسھىل بىرىش ئارقىلىق ئارتۇق سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.
4. باشقا كىسەللىكلەر(مەسىلەن: ئاشقازان ئاستى بېزى كىسەللىكلىرى ، جىگەر ئاجىزلىقى،ئۆت كىسللىكى ، ئىرسىيەت ئامىلى ، مىڭە كىسەللىكلىرى،زىيادە سىمىزلىك،ھامىلدارلىق،ھەرخىل يۇقۇملىنىش،زەخمىلىنىش،ئوپراتسىيە قاتارلىقلار)سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كىسەللىك سەۋەپ ۋە ئالامىتىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5. روھى ئامىل سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا روھى-پىسخىكا جەھەتتىن داۋالاشقا بىرلەشتۈرۈلۈپ،بۆرەك ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، مىڭە ۋە نىرىپلار خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
6. قان قەنتىنى تۈۋەنلىتىش،بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش،ئاشقازان ئاستى بەز خىزمىتىنى ياخشىلاش،ئۇسسۇلۇق پەسەيتىش مەخسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.
7. كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كىيىن بۆرەكنى ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەخسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.
8. كۈندىلىك كىسەللىك ئۆزگىرىشىگە قارىتا مۇۋاپىق چارە قىلىنىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى:
1.بۆرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىقتىن بۇزۇلىشى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان بولسا تەڭشەش چارىللىرى قىلىش لازىم.يەنى ئانار شەربىتى،چۈچىمەل ئانار سۈيى ۋە لىمون شەربىتى ئىچىشكە بىرىلىدۇ.ئۇندىن باشقا پىششىق دورىلاردىن قۇرسى تاباشىر دانە 5 ×3×1، قۇرسى زىيابىتۇس دانە 5 ×3×1، ئەرىقى گۈل مىللىلىتىر 100 ×3×1،قۇرسى جاۋارىش زەرئۇنى دانە 5 ×3×1،...قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ.
2.سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا:  گۇل بىنەپشە،نىلۇپەر، شاھتەررە ،قىزىلگۈل 10 گىرامدىن،كاسىنە ئورۇقى،چىلان،كاسىنە يىلتىزى 21 گىرامدىن،تەمرى ھىندى  30 گىرامدىن  ئېلىپ،بۇنىڭغا مىڭىگە ھۆللۈل يەتكۈزگۈچى،مىڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن گاۋزىبان،بادرەنجى بۇيا،پەرەنجىمىشكى قاتارلىقلاردىن 10 گىرامدىن قوشۇپ، قائىدە بويىچە بىر كىلوگىرام شەربەت تەييارلاپ ، مىللىلىتىر 100 ×3×1 دىن،7-10 كۈنگىچە ئىستىمال قىلىشقا بىرىلىپ مادداپىشقانلىق ئالامىتى بايقىلغاندا يۇقىرىقى مۇنزىچ دورىلارغا  سېرىق ھېلىلە پوستى ، ئەينالۇ ،ئەفتىمۇن، سانا ھەر بىرى 30 گىرامدىن،خىيارشەنبەر 45 گىرام ،بادام يېغىدىن 30 مىللىلىىتر قوشۇپ، قائىدە بويىچە 1.5 كىلوگىرام شەربەت تەييارلاپ ، مىللىلىتىر 100 ×3×1 دىن،3-5 كۈنگىچە ئىستىمال قىلىشقا بىرىپ،ئارتۇق سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.
سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى بۇلالايدىغان پىششىق دورىلار: ئەرقى شوخلا، ئەرقى گۈل، خېمىرى بىنەفشە قاتارلىقلار تاللاپ بىرىلىدۇ.،
  سەپىرا خىلىتىنىڭ مۇسھىلى بۇلالايدىغان پىششىق دورىلار : قۇرسى بىنەپشە، مەتبۇخى ئەفتىمۇن، قۇرسى خىيارشەنبەر قاتارلىقلار تاللاپ بىرىلىدۇ.
3.سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا: سەرپىستان، 42 گىرام، بادىيان، پىرسىياۋشان ،گاۋزىبان  ھەربىرى12  گىرامدىن ،ئۈستىقۇددۇس،گۈل گاۋزىبان ھەربىرى 21 گىرامدىن  ئېلىپ،بۇنىڭغا مىڭىگە ھۆللۈل يەتكۈزگۈچى،مىڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن بادرەنجى بۇيا،پەرەنجىمىشكى،ئودسەلىپ قاتارلىقلاردىن 10 گىرامدىن قوشۇپ، قائىدە بويىچە بىر كىلوگىرام شەربەت تەييارلاپ ، مىللىلىتىر 100 ×3×1 دىن،15-25 كۈنگىچە ئىستىمال قىلىشقا بىرىلىپ مادداپىشقانلىق ئالامىتى بايقىلغاندا يۇقىرىقى مۇنزىچ دورىلارغا سېرىق ھېلىلە پوستى ، ئەفتىمۇن، سانا ھەر بىرى 30 گىرامدىن، تۇربۇت 21 گىرام ،خىيارشەنبەر 45 گىرام ،بادام يېغىدىن 15 مىللىلىتىر قوشۇپ، قائىدە بويىچە 1.5 كىلوگىرام شەربەت تەييارلاپ ، مىللىلىتىر 100 ×3×1 دىن،5-7 كۈنگىچە ئىستىمال قىلىشقا بىرىپ،ئارتۇق سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.
4. باشقا كىسەللىكلەر(مەسىلەن: ئاشقازان ئاستى بېزى كىسەللىكلىرى ، جىگەر ئاجىزلىقى ، ئىرسىيەت ئامىلى ، مىڭە كىسەللىكلىرى،زىيادە سىمىزلىك،ھامىلدارلىق،ھەرخىل يۇقۇملىنىش،زەخمىلىنىش،ئوپراتسىيە قاتارلىقلار)سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كىسەللىك سەۋەپ ۋە ئالامىتىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5. روھى ئامىل سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا روھى-پىسخىكا جەھەتتىن داۋالاشقا بىرلەشتۈرۈلۈپ،بۆرەك ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، مىڭە ۋە نىرىپلار خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
6. روھى ئامىل سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا بىمارغا رۇھى-ئىدىيە جەھەتتىن خىزمەت ئىشلەپ، بىمارنىڭ كىسەلىك ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئىشەنچىسنى تۇرغۇزۇش،غەم ئەندىشە  قىلىش،جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىپ،داۋالاش ۋە پەرۋىشكە ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش،شۇ ئارقىلىق بىمارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە قان قەنتىنى تۈۋەنلىتىش،ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش،ئۇسسۇلۇق پەسەيتىش مەخسىتىدە قۇرسى تاباشىر دانە 5×3×1، قۇرسى زىيابىتۇس دانە 5 ×3×1، ئەرىقى گۈل مىللىلىتىر 100 ×3×1،قۇرسى جاۋارىش زەرئۇنى دانە 5 ×3×1،قۇرسى جاۋارىش ئامىلە دانە 5×3×1،قۇرسى جاۋارىش ئۇد- تۇرۇش دانە 5×3×1،قۇرسى جاۋاىش ئەنبەر دانە 5×3×1،قۇرسى دەبدەۋىل ۋەرىد دانە 5×3×1،...قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ،ئۇندىن باشقا قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ،مىڭىنىڭ قان ھەم ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى،مىڭە ۋەنىرۋىلارنى قۇۋەتلەپ،روھ-قۇۋۋەتلەرنى ئاشۇرغۇچى مۇرەككەپ دورىلاردىن لوبوبى كەبىر گىرام 10 ×3×1،قۇرسى ئىتتىرفىل ئۇستى قۇددۇس دانە  5×3×1،قۇرسى داۋائى مىشكى دانە 3 ×3×1،خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى دانە  3×3×1،قۇرسى خىمىر مەرۋايت دانە  3×3×1، مەجۈنى سۆلەپ گىرام 10 ×3×1، مۇپەررىھى ئەبرىشىم مىللىلىتىر  10×3×1،مۇپەررىھى ياقۇت مىللىلىتىر  10×3×1، گاۋزىبان شەربىتى(شىكەرسىز) مىللىلىتىر   100×3×1،ئۇستى قۇددۇس شەربىتى مىللىلىتىر   100×3×1،بادرەنجى بۇياشەربىتى مىللىلىتىر   100×3×1،ئەبرىشىم شەربىتى(شىكەرسىز) مىللىلىتىر   100×3×1،سۇمبۇل شەربىتى(شىكەرسىز) مىللىلىتىر   100×3×1... قاتارلىقلار( 45 كۈندىن ئۈچ ئايغىچە ياكى ئالتە ئايغىچە) تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى مەخسۇس نۇسقا بويىچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ.
7.قان قەنتىنى تۈۋەنلىتىش،بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش،ئاشقازان ئاستى بەز خىزمىتىنى ياخشىلاش،ئۇسسۇلۇق پەسەيتىش مەخسىتىدە تۈۋەندىكى دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇسسۇلۇق پەسەيتىش ئۈچۈن سىمىزئوت ئورىقى،تەرخەمەك ئورىقى،ئىسپىغۇلدىن 20 گىرامدىن ئېلىپ،مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ شىرىسىنى چىقىرىپ،كۈندە ئۈچ قېتىم،تاماقتىن كىيىن ھەر قېتىمدا 20 مىللىلىتىردىن ئىچشكە بىرىلىدۇ.
چىگىت مېغىزىنى سوقۇپ،مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ،سۈزۈپ،كۈندە ئىككى قېتىم،تاماقتىن كىيىن ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردىكى بۇزۇرى شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
ئاق سەندەل30گىرام،نىشاستە30گىرام ،كەتىرا30گىرام ،تۇخىمى كاھۇ30گىرام ،تۇخىمى خىرفە30گىرام ،جۈپتى بەللۇت45گىرام ،سەمغى ئەرەبى45گىرام ،گىل ئەرمىنى45گىرام ،ئانار گۈلى45گىرام ،زىخ 45گىرام قاتارلىق دۇرىلاردىن سىفوف زىيابىتوس بارىد تەييارلاپ گىرام10×3×1 ئىستىمال قىلىدۇ.
بىمار سەۋدائى مىزاجلىق ياكى دىئابىت كىسەللىكى تەسىرىدە ئۇرۇقلاش ئەھۋالى كۈرنەرلىك بولسا بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش،بەدەننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە چىلغوزە مېغىزى50گىرام نارجىل50گىرام ،پىستە مېغىزى50گىرام ،تۇخىمى خەشخاش30گىرام ،پىندۇق مېغىزى50گىرام ،ھەببىتۇلخۇزرا مېغىزى50گىرام ،كۈنجۈت50گىرام ،بادام مېغىزى50گىرام ،سۆلەپ مىسرى50گىرام قاتارلىق دۇرىلاردىن سىفوف تەييارلاپ كۈندە 3ۋاخ 10گىرامدىن ئىستىمال قىلىش.
يۇمغاقسۈت ئۇرىقى،رۇببىسۇس،ئاق سەندەل،ئاقاقىيا،سەمغى ئەرەبى،كەتىرا،چۆبىچىن،ئانار پوستى 30 گىرامدىن،تاباشىر،ئىزخىر 50 گىرامدىن،ئەفتىمۇن ئالتە گىرام،نىلۇپەر 60 گىرام،شاقاقۇل 21 گىرام،موزا 20 گىرام،زەپەر 10 گىرام،پىلە قۇرتى 100 گىرام،قارا ھېلىلە 26 گىرام،قىزىلگۈل 70 گىرام،گىلى ئەرمىنى 120 گىرام،مىھرىگىياھ 50 گىرام،سىمابدىن 15 گىرام ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ،ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن يۇغۇرۇپ،0.5 گىرامدىن ھەب تەييارلاپ،كۈندە ئىككى قېتىم،تاماقتىن كىيىن ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن ئىستىمال قىلىشقا بىرىلىدۇ.
سۇفۇپى سەندەل كۈندە ئىككى قېتىم،تاماقتىن كىيىن ھەر قېتىمدا بەش گىرامنى ئاچچىق ئانار سۈيى بىلەن ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
تەركىبى: ئاق سەندەل،ئوسۇڭ ئورىقى،كەتىرا،سىمىزئوت ئورىقى،نىشاستە 10 گىرامدىن،ئانارگۈلى،سۇماق،بەللۇت ئىككى گىرامدىن ئېلىپ،قائىدە بويىچە سىفۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئۇسسۇلۇق ۋە ھارارەت پەسەيتىش ئۈچۈن كۆكنار ئورىقى،ئوسۇڭ ئورىقى،قۇرۇتۇلغان يۇمغاقسۈت،سىمىز ئوت ئورىقى،زورۇمباد قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 3 گىرامدىن ئېلىپ،مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا سېلىپ،شىرىسىنى چىقىرىپ،36 مىللىلىتىر نىلۇپەر شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
ئاق سەندەل،ئانارگۈلى،ئاق قىچا،گىلى ئەرمىنى،سەمغى ئەرەبى،تاباشىر،گىلى مەختۇم،كۇشتە قىلىنغان قەلەي،بىخ مارجان،كۆكنار ئورىقى،تەرخەمەك ئورىقى ،قاپاق ئورىقى مېغىزى قاتارلىقلاردىن 2 گىرامدىن ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ،تاسقاپ،سىفۇپ تەييارلاپ،ھەر كۈنى ئەتتىگەن 12 گىرامدىن ئىچكۈزىلىدۇ.
7 گىرام سىفۇپى سەندەلگە 60 مىللىلىتىر ئاچچىق ئانار سۈيى قۇشۇپ ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش ئۈچۈن سىمىز ئوت ئۇرىقى،خوڭگا ئۇرىقىنىڭ شىرىسى،ئىسپىغۇل لۇئابى بىرىلىدۇ.سىرتقى تەرەپتىن بەل ساھەسىگە سۈركەش ئۈچۈن ئاق سەندەل،ئانارگۈلى،ئاقاقىيا،ئارپا كىپىگى قاتارلىقلار سوقۇپ،ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن زىماد تەييارلاپ تېڭىلىدۇ.
ئۇسسۇزلىقى ئۈچۈن قاپاق سۈيى،تەرخەمەك سۈيى ئىچكۈزىلىدۇ.
چۈچىمەل ئانار ،غورا،تەمرى ھىندى، قارائۈرۈك،لىمۇن قاتارلىق مىۋىلەرنى ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ ياكى چۈچىمەل ئانار سۈيى،ئىسپىغۇل لۇئابى،ئەينۇلا سۈيى، قاپاق سۈيى،لىمۇن سۈيى،بىھى سۈيى،ئۈرۈك غورىسىنىڭ سۈيى ۋە كالا قېتىقى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكۈزىلىدۇ.سوغۇق سۇغا چۈمۈلدۈرىلىدۇ.
سەندەل،ئانارگۈلى،ئاقاقىيا،گىلى ئەرمىنى،ئارپا يارمىسى قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،چالا سوقۇپ،ئەرىقى گۈل ۋە كاسىنە سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۆرەك ساھەسىگە تېڭىلىدۇ.
سۆگەت يۇپۇرمىقى،قىزىلگۈل يۇپۇرمىقى،سىمىز ئوت ئورىقى،ھەمشىباھار ئورىقى،سىمىز ئوت يۇپۇرمىقىدىن 24 گىرامدىن ئېلىپ،سىركە ۋە ئەرىقى گۈلگە چىلاپ،يۇمشىغاندا بۆرەك ساھەسىگە زىماد قىلىنىدۇ.
ئىسپىغۇلنى ياكى سىمىز ئوت ئورۇقىنى ئاچچىق ئانارنىڭ سۈيىدە ئىزىپ بىرىش لازىم. نىلۇپەر،بىنەپشە،قىزىلگۈل،بىھى چىچىكى،ئالما چىچىكى،سۆگەت چىچىكى ۋە سۆگەت يۇپۇرماقلىرىنى ياتىدىغان ئورنىغا سېلىپ،ئۈستىدە يېتىپ ئۇخلىسىمۇ بولىدۇ؛
ئارپا يارمىسى 12 گىرام،گىلى ئەرمىنى،ئاقلانغان ئەدەس،قىزىلگۈلدىن 6 گىرامدىن ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ،سىمىزئوت سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ،بۆرەك ساھەسىگە زىماد قىلىنىدۇ.
قۇرۇق يۇمغاقسۈت،قىزىلگۈل،تاباشىر،ئوسۇڭ ئورىقى،سىمىز ئوت ئورىقى،گىلى ئەرمىنى،ئانارگۈلى،ئەرەپ يىلىمى 0.5 گىرامدىن،كافۇردىن 0.12 گىرام ئېلىپ ،يۇمشاق سوقۇپ،قايناقسۇ بىلەن يۇغۇرۇپ قۇرۇس تەييارلاپ يىگۈزىلىدۇ.
ئالتە گىرام قۇرسى زىيابىتۇس،ئۈچ گىرام بىھى ئۇرىقى لوئابى بىلەن ئىچكۈزىلىدۇ.
يەتتە گىرام مۇپەررىھ بارىد سىمىزئوت ئورىقى شىرىسى بىلەن ئىچكۈزىلىدۇ.
بىنەپشە،نىلۇپەر،توغرالغان قاپاق،سىمىزئوت 10 گىرامدىن،كافۇردىن ئۈچ گىرام ئېلىپ،يۇمشاق ئىزىپ،بۆرەك ساھەسىگە زىماد قىلىنىدۇ.
قۇرسى كافۇر،ئەرىقى كافۇر،ئەرىقى شىر قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،بىرلەشتۈرۈپ ئىچكۈزىلىدۇ.
بىھى ئورىقى لوئابى،ئىسپىغۇل لوئابى ئۈچ گىرامدىن،ئەرىقى بىدەساددە،ئەرىقى نىلۇپەر 84 گىرامدىن،غورا شەربىتى 36 گىرام ياكى لىموندىن 36 گىرام ئېلىپ بىرلەشتۈرۈپ ئىچكۈزىلىدۇ.
تاماقتىن پەرھىز قىلىش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ،بۇنىڭغا قارىتا ئارپىنى قاينىتىپ،ھۆل قاپاق ۋە كەپتەر گۆشىنى سېلىپ پىشۇرۇپ بىرىش؛توخۇ گۆشى،كالا پاچاق گۆشى،بىلىق گۆشلىرىنى قاينىتىپ،سۈيىگە سۇماق،ئاشكۆكى(يۇمغاقسۈت) سېلىپ شورپا قىلىپ بىرىش ياكى كۆك كەپتەر گۆشىنى شورپا قىلىپ غورا سۈيى بىلەن بىرىش كىرەك.
تۈۋەندىكى نۇسخىلار بويىچە تەييارلانغان قۇرسى زىيابىتۇسنىڭ بىرىنى تاللاپ، كۈندە ئىككى قېتىم،تاماقتىن كىيىن ھەر قېتىمدا يەتتە دانىدىن ئىستىمال قىلىشقا بىرىلىدۇ.
قۇرسى زىيابىتۇس(Ⅰ) : سىمىزئوت ئورىقى،قىزىلگۈل،يۇمغاقسۈت،گىلى ئەرمىنى بەش گىرامدىن،رۇببىسۇس،تاباشىر ئۈچ گىرامدىن،ئانارگۇلى،ئوسۇڭ ئورىقى،ئاقاقىيا،سەمغى ئەرەبى ئىككى گىرامدىن،ئاق سەندەل،قىزىل سەندەل تۆت گىرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، ئاچچىق ئانار سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ قۇرۇس تەييارلىنىدۇ.
قۇرسى زىيابىتۇس(Ⅱ) : تاباشىر،رۇببىسۇس،ھەمشىباھار ئورىقى،قورۇلغان يۇمغاقسۈت ئورىقى،ئاق سەندەل، ئانارگۇلى ، گىلى ئەرمىنى،سۇماق، سەمغى ئەرەبى ئۈچ گىرامدىن، سىمىزئوت ئورىقى، ئوسۇڭ ئورىقى10 گىرامدىن،كافۇردىن 0.4 گىرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ،ھۆل سىمىزئوت يۇپۇرمىقىنىڭ سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ قۇرۇس تەييارلىنىدۇ.
قۇرسى زىيابىتۇس(Ⅲ) : سىمىزئوت ئورىقى، ئوسۇڭ ئورىقى توققۇز گىرامدىن، رۇببىسۇس،تاباشىر تۆت گىرامدىن،سەدەپ،كەھرىۋا،دېڭىزىيا،ھومماز ئورىقى،ئانارگۈلى،سۇماق پوستى، ئاق سەندەل، سەمغى ئەرەبى،كافۇر،ئەپيۇندىن ئىككى گىرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ،ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن يۇغۇرۇپ قۇرۇس تەييارلىنىدۇ.
سۈيدۈكتىكى قەنىتنى يۇقىتىش مەخسىتىدە تۈۋەندىكى سىفۇپ بىرىلىدۇ،يەنى تەمرى ھىندى مېغىزى بىلەن ئانارگۈلىدىن 3 گىرامدىن ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ سىفۇپ تەييارلاپ،ھۆل قاپاق سۈيى،ئاچچىق ئانار سۈيى،قېتىق سۈيى قاتارلىقلاردىن 5 مىلىلىتىردىن ئېلىپ،نىلۇپەر شەربىتىدىن 24 مىللىلىتىر ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزىلىدۇ ھەمدە قۇرسى تاباشىر قوشۇپ بىرلىدۇ.
ئىچىدىغان دورىلاردىن تۈۋەندىكى نۇسخىدىكى دورىلارنى بىرىش كىرەك.
قۇرسى كافۇر(Ⅰ) :
تەركىبى: تاباشىر،سەندەل،سىمىزئوت ئۇرىقى،يۇمغاقسۈت ئۇرىقى،قىيمىقۇ ئۇرىقى،قاراسونا ئۇرىقى،تەرخەمەك ئورىقىنىڭ مېغىزى،قاپاق ئۇرىقىنىڭ مېغىزى،ئۈرۈك يىلىمى،قىزىل سېغىز،كاپۇر 6 گىرامدىن ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ،ئىسپىغۇل شىرىسىدە يۇغۇرۇپ،6 گىراملىق تۇقىچاق(قۇرۇس) تەييارلاپ،كۈندە ئىككى  قېتىم بىردانىدىن ئىچىلىدۇ.
قۇرسى كافۇر(Ⅱ) :
تەركىبى: قىزىلگۈل 2 مىسقال،تاباشىر 4 مىسقال،ئاق سەندەل 2 مىسقال،سىمىز ئوت ئۇرىغى 3 مىسقال،خاڭگا،تەرخەمەك،قاپاق ئورىقىنىڭ مېغىزىدىن 5 مىسقالدىن،زەپەر 1 مىسقال،كافۇردىن 0.5 مىسقال ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ،ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن بىر پۇڭلۇق تەڭگە چوڭلۇقىدا قۇرۇس تەييارلاپ، ئانار شەربىتى بىلەن قوشۇپ كۈندە ئىككى قېتىم،1-2 تالدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
قۇرسى تاباشىر(Ⅰ) :
تەركىبى: تاباشىر ،سىمىزئوت ئۇرىقى،قاراسونا ئۇرىقى،قىزىلگۈل،قىزىل سېغىز،ئانارگۈلى 6 گىرامدىن ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ،تاسقاپ،بىھى ئۇرىقىنىڭ شىرنىسىد يۇغۇرۇپ،بىر گىرامدىن تۇقىچاق (قۇرۇس)ياساپ تەييارلاپ،كۈندە ئىككى  قېتىم بىردانىدىن ئىچىلىدۇ.
قۇرسى تاباشىر(Ⅱ) :
تەركىبى: تاباشىر،بارتەڭ بىر مىسقالدىن،سەمغى ئەرەبى،كەتىرا،نىشاستە ئىككى مىسقالدىن،قىزىلگۈل،ئانارگۈلى بىر مىسقالدىن ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ،ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن خېمىر قىلىپ، بىر پۇڭلۇق تەڭگە چوڭلۇقىدا قۇرۇس(توقچاق) تەييارلاپ،كۈندە ئىككى مىسقالدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
قۇرسى دىئابىت
رۇببىسۇس،تاباشىر 15 گىرامدىن،سىمىز ئوت ئۇرىقى،قاراسونا ئۇرىقى 45 گىرامدىن،يۇمغاقسۈت ئورىقى،قىيمىقۇ ئورىقى،قىزىل سېغىز 15 گىرامدىن،ئاق سەندەل،ئالقات مىۋىسى،ئانارگۈلى،ئۈرۈك يىلىمى 6 گىرامدىن،كاپۇردىن 3 گىرام ئېلىپ،كاپۇردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،كاپۇرنى ئىزىپ ئارىلاشتۇرۇپ،ئاچچىق ئانار سۈيىدە يۇغۇرۇپ،3 گىراملىقتىن تۇقىچاق (قۇرۇس) ياساپتەييارلاپ،كۈندە ئىككى  قېتىم بىردانىدىن ئىچىلىدۇ،(بۇنى ھەببىلئاس سۈيى بىلەن ئىچكەن ياخشى).
8. كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كىيىن بۆرەك ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەخسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.
كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كىيىن بۆرەكنى ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش ،رەئىس ئەزالار خىزمىتىنى ياخشىلاش مەخسىتىدە قۇرسى جاۋارىش زەرئۇنى دانە 9 ×3×1، ھەببى ماددەتۇلھايات دانە 11 ×3×1، مەجۈنى داۋائىمىشكى گىرام 10 ×3×1،ئامىلە نۇشدارى لۆلىۋى گىرام 10 ×3×1،مۇپەررىھ ھار گىرام 10 ×3×1 ، لوبوبى كەبىر گىرام 10 ×3×1 ،مەجۈنى سۆلەپ گىرام 10  ×3×1، مەجۇنى مۇبەھھى گىرام 10  ×3×1، ھالۋايى بەيزە  گىرام  10 ×3×1، ئەنجۈر شەربىتى گىرام  10 ×3×1،داۋائى تىرەنجىۋىل گىرام  10 ×3×1) ،مېغىزلىق مەجۈن گىرام  10 ×3×1)...قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ ياكى مەخسۇس نۇسخا بويىچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ.
ئىزاھات: بۇ جەرياندا يۇقارقى دورىلارنى ھەربىر كىسەلىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىغا ئاساسەن دورىلارنىڭ ئىستىمال ۋاقتى ۋە ئىستىمال مىقدارىنى كۈپەيتىپ ياكى ئازايتىپ بىرىشكە بولىدۇ.مۇنزىچ-مۇسھىل ۋە تەڭشىگۈچى دورىلارنىڭ تەركىبىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.  
ئۇندىن باشقا بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشىگۈچى دورىلار ياكى مۇنزىچ-مۇسھىل دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش ياكى تەسىر قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش مەخسىتىدە يۇقارقى دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىشكە(يەنى مۇنزىچ-مۇسھىل دورىلار بىلەن بىرگە ئىشلىتىشكە) بولىدۇ.
سۈيدۈك يولى ياللۇغى كىسەللىكىنىڭ داۋالاش ۋاختى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن تەخمنەن 25-40كۈن ئىچىدە بۇلىدۇ.
9. كۈندىلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە قارىتا مۇۋاپىق چارە قىلىنىدۇ. جىددىي كېسەللىك ئەھۋلىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىنىدۇ.يەنى:
بىماردا قەۋزىيەتلىك قۇشۇلۇپ كەلسە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلاردىن قۇرسى خيارشەنبەر دانە 5 ×3×1 دانە ،قۇرسى مەنتىن دانە 5 ×3×1 دانە، قۇرسى ئايارەنجى دانە 5 ×3×1، قۇرسى قوقىا دانە 5 ×3×1،قۇرسى لوغانزىيا دانە 5 ×3×1 دانە...قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرسىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.ئىشتىھاسىزلىق قوشۇلۇپ كەلسە ھەزىمنى ياخشىلاش مەخسىتىدە قۇرسى ئامىلە نۇشدارى،  قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر  ،قۇرسى جاۋارىش ئۇدتۇرۇش،نارپىننە ئىچىملىكى...قاتارلىقلارنىڭ  خالىغان بىرسىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. رەئىس ئەزالارنىڭ خىزمىتى تۇۋەنلەش قوشۇلۇپ كەلسە رەئىس ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش مەخسىتىدە قۇرسى خېمىرى مەرۋايىت ،قۇرسى داۋائىمىشكى،شىپائى قەلىپ ئىچىملىكى،قۇرسى خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى ،ئەۋرىشىم جەۋھىرى، بادىرانجى بۇيا ئىچىملىكى...قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرسىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
داۋالاش كۇرسى:
1) كىسەللىك ئالامەتلىرى يەڭەگىل دەرىجىدىكى بىمارلارغا 15-25كۈنگىچە
2)ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى بىمارلارغا 25-40كۈنگىچە
كىسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىر ، كىسەللىك تارىخ ئۇزۇن بولغان بىمارلاغا 25-60كۈنگىچە
پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى:
1)ئالدى بىلەن بىمارغا رۇھى-ئىدىيە جەھەتتىن خىزمەت ئىشلەپ بىمارنىڭ كېسەلىك ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئىشەنچىسنى تۇرغۇزۇش،غەم ئەندىشە  قىلىش،جدىلىشىشتىن ساقلىنىپ،داۋالاش ۋە پەرۋىشكە ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش.                                                        
2)تۇرمۇشتا رەتلىك بۇلۇش،ياخشى جىنسىي تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش     
3)جىنسىي تۇرمۇشنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇش،شەخسىي تازلىققا بۇلۇپمۇ جىنسىي ئەزا ۋەئىچى كىيىملەرنڭ تازلىقىخا دىققەت قىلىش،ئىچ كىيىملەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يۇيۇپ دەزماللاپ دىزىمفىكسىيە قىلىپ كىيىشكە بۇيرۇلىدۇ.      
4)يەللىك،غەلىز،غىدىقلىغۇچ يىمەك-ئىچمەكلەر(مەسىلەن پولو،قىمىلىق تائاملار،تۇنۇر كاۋىپى،لازا،ئاچىقسۇ،تۈركۈك سۇغۇق ئىچىملىكلار)دىن پەرھىز قىلىپ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان،ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان،ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلەر تاللاپ ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ.چۈنكى يىمەك-ئىچمەك ئارقىلىق داۋالاش قەنىت سىيىش كىسىلىنى داۋالاشنىڭ بىر خىل ئاساسلىق ئۇسۇلى بولۇپ،بۇنىڭ ئۈچۈن غورا سۈيى،ئەينۇلا سۈيى،ئارپا سۈيى،نوقۇت ئېشى،ئارپا نېنى قاتارلىقلار بىرىلىدۇ. ئۇزۇقلىنىدۇ.
5) مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلدۇرۇش ( ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش قەنىت سىيىش كىسەللىكىنى داۋالاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ھىساپلىنىدۇ).مۇھىت تازىلىقى ۋە شەخسى تازىلىقنى ياخشى ئىشلەش،بىمارغا قەنىت سىيىش كىسەللىكىنىڭ ئۆمۈرلۈك كىسەل ئىكەنلىكىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ،ئۆز كىسىلىگە دائىر بىلىملەرنى پۇختا ئۈگىتىش،ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش،روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بۇلۇش لازىم.
10. ناچار ئەھۋاللار :
داۋالاش جەريانىدا قىسمەن بىمارلاردا كۆرۈلگەن ئۇسسۇلۇق پەسەيتىپ،قان قەنتىنى نورماللاشتۇرغۇچى دورىلار سوغۇق كىلىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان كۆڭۈل ئېلىشىش قۇسۇش. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەرگە قارىتا دورا ئىستىمال مىقتارىنى ئازايتىش ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى دورىلار قوشۇپ بىلىدۇ.
11.بىخەتەرلىك تەكشۈرىشى:
ھاياتلىق بەدەن بەلگىلىرى،قان،چوڭ-كىچىك تەرەت رايى،جىگەر خىزمىتى(ALT,AST)،بۆرەك خىزمىتى(Bun,Cr)،يۈرەك ئېلېكتىروكاردىئوگراممىسى ۋە ناچار ئەھۋاللار
12.ئالاھىدە ئەسكەرتىش :بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى ۋە قۇشۇمچە كىسەللىكى،ئەگەشمە كىسەللىكى،دىئابىت كىسەللىكىنىڭ سەۋەبىگە قارىتا مۇنزىچ،مۇسھىل دۇىلاررنىڭ تەركىبى ۋە دۇرا مىقتارى ئۇيغۇر تىبابەت رىتسىپ تۈزەش پىرىنسىپى ئاساسىدا مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ.پىششىق دۇرىلاردىن كىسەللىك ئەھۋالىغا مۇۋاپىق تەڭشەپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.
2.ساختا دىئابىت كىسىلى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، بۆرەكنىڭ نورمالنى خىزمەت پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ،سۇنى كۆپ ئىچىش ۋە كۆپ سىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىسەللىك بولۇپ،ئالامىتى ھەقىقى دىئابىت كىسىلنىڭ ئالامىتىگە ئوخشاپ كەتسىمۇ لېكىن قان قەنتى يۇقىرىلاش،سۈيدۈكتىن قەنىت كىلىش ئەھۋالى كۈرۈلمىگەچكە ساختا دىئابىت كىسىلى دەپ ئاتالغان.
سەۋەبى:
1. بۆرەك مىزاجىنىڭ ماددىسىز سوغۇقتىن بۇزۇلىشى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىقىدۇ.يەنى بۆرەك مىزاجى سوغۇقتىن بۇزۇلسا،بۆرەكتە ھارارەت تۈۋەنلەپ ئۇنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى(قۇۋۋىتى ماسىكە) تۈۋەنلەپ كىتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بۆرەك سۈيدۈكنى ئۆزىدە تۇتۇپ تۇرالماي تىزلىكتە دوۋساققا ھەيدەيدۇ ،نەتىجىدە ئىچىلگەن سۇ يەنە دەرھال بەدەن سىرتىغا چىقىپ كىتىپ، سۈيدۈك كۆپىيىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.يەنى بۇخىل غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتى قىيام جەھەتتىن قويۇق،كەيپىيات جەھەتتىن سوغۇق بولۇپ ،بىر تەرەپتىن كەيپىيات جەھەتتىكى سوغۇقلىقى ئارقىلىق بەدەن ھارارىتىنى تۈۋەنلىتىپ،قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىپ،ماددا ئالمىشىشقا تەسىر يەتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن قىيام جەھەتتىكى قويۇقلىقى ئارقىلىق قانتومۇرلار جۈملىدىن ئاشقازان ئاستى بېزىنى قان ھەم ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىگۈچى قانتومۇرلار دىۋارىغا چۆكمىگە چۈشۈپ،يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما – ھۈجەيرىلەرنىڭ قان ھەم ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ،بۇ خىل ھالەتنىڭ ئوزۇن داۋاملىشىشى نەتىجىسىدە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئاخىرىدا يۇقارقى كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
3.بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
بۇ خىل بەلغەم خىلىتى بۆرەك شارچىللىرىغا تەسىر قىلغاندا تۇتقۇچى قۇۋۋەت(قۇۋۋىتى ماسىكە)نىڭ خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،ھەيدەپ چىقارغۇچى قۇۋۋەت(قۇۋۋىتى دافىئە)نىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ،بۆرەك شارچىللىرىنىڭ سۈزۈپ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن سۈيدۈك كۆپىيىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ھەرخىل مىڭە ۋە نىرۋا كىسەللىكلىرى سەۋەبىدن كىلىپ چىقىدۇ.
مىڭە سىلكىنىش،ھىستىرىيە،مىڭە ئۆسمىسى،ھەرخىل مىڭە يۇقۇملۇق كىسەللىكلىرى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن مىڭە ۋە نىرۋىنىڭ خىزمەت پائالىيىتى قالايمىقانلىشىپ،بۆرەك شارچە قانتومۇرلىرىنىڭ سۈزۈپ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن كۆپ سىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5.بۆرەك ياللۇغى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
بۆرەك ياللۇغى سەۋەبىدىن بۆرەك شارچىللىرى زەخمىلىنىپ،بۆرەك شارچىللىرىنىڭ سۈزۈپ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ كۆپ سىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى:
كۆپ ئۇسسايدۇ،ئۇسسۇزلۇققا قانمايدۇ،كۆپ سىيىدۇ،پات-پات سۇ ئىچىشكە ئىنتىلىش بولۇپ،ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىيىدۇ،ئېغىزى قۇرۇيدۇ،بىر سوتكىدا 8-10 لىتىر،ئېغىر بولغاندا 40-45 لىتىر سۇ ئىچىدۇ.ھارارەت بولمايدۇ،ئۇسساش ھەقىقى دىئابىتقا قارىغاندا نىسبەتەن يەڭگىلرەك بولىدۇ.سۈيدۈكى ئاق،سۈزۈك كىلىدۇ،بەدەن ئورۇقلايدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ. ئەگەر قەنىت سىيىش كىسەللىكى سوزۇلمىغا ئۆزگەرگەن بولسا سۈيدۈككە نۇرغۇنلىغان چىۋىنلەر قونغان بولىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى:
1. ماددىسىز سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا مۇنزىچ-مۇسھىل بىرىش ئارقىلىق ئارتۇق سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.
3. بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىدىن  كىلىپ چىققان بولسا مۇنزىچ-مۇسھىل بىرىش ئارقىلىق ئارتۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.
4. باشقا كىسەللىكلەر(مەسىلەن: ھەرخىل مىڭە ۋە نىرۋا كىسەللىكلىرى ، بۆرەك ياللۇغى قاتارلىقلار)سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كىسەللىك سەۋەپ ۋە ئالامىتىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5. قان قەنتىنى تۈۋەنلىتىش،بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش،ئاشقازان ئاستى بەز خىزمىتىنى ياخشىلاش،ئۇسسۇلۇق پەسەيتىش مەخسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.
6. كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كىيىن بۆرەكنى ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەخسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.
7. كۈندىلىك كىسەللىك ئۆزگىرىشىگە قارىتا مۇۋاپىق چارە قىلىنىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى:
1.بۆرەك مىزاجىنىڭ ماددىسىز(خىلىتسىز) سوغۇقتىن بۇزۇلىشى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان بولسا تەڭشەش چارىللىرىنى قىلىش لازىم. يەنى مىزاجنى تەڭشەش ئۈچۈن بىرىنچى كۈنى نوقۇت سۈيى ئىچكۈزىلىدۇ.ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە سوقۇلغان جەدۋار ئىككى گىرام،داۋائى مىشكى تەلىخدىن توققۇز گىرام ئېلىپ بىرلەشتۈرۈپ،بىر دانە كۈمۈش ۋەرەققە ئوراپ يىگۈزىلىدۇ.ئاخشىمى رۇم بادىيان،زەرنەپ ئۈچ گىرامدىن،خوخا،ئاق تىكەن،ياۋا پىننە،گاۋزىباندىن 7 گىرامدىن ئېلىپ،ئەرىقى شوخلا،ئەرىقى بادرەنجى بۇيا بىلەن قاينىتىپ،يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ،شەربىتى ئەفسەنتىن،شەربىتى بۇزۇرى 24 گىرامدىن،ئاق تۇدرە تالقىنى،قىزىل تۇدرە تالىقىنىدىن 7 گىرامدىن،بادرەنجى بۇيا ئۇرىقىدىن ئۈچ گىرام قوشۇپ ئىچكۈزىلىدۇ.
تامىقىغا نوقۇتنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ،ئۆزىنى يىيىشكە بۇيرۇش،كۆك كەپتەر شورپىسىغا نوقۇت سېلىپ پىشۇرۇپ بىرىش،پاقلان گۆشىنى ئاز-ئازدىن شورپا قىلىپ بىرىش كىرەك.
2. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا: سەرپىستان، 42 گىرام، بادىيان، پىرسىياۋشان ،گاۋزىبان  ھەربىرى12  گىرامدىن ،ئۈستىقۇددۇس،گۈل گاۋزىبان ھەربىرى 21 گىرامدىن  ئېلىپ،بۇنىڭغا مىڭىگە ھۆللۈل يەتكۈزگۈچى،مىڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن بادرەنجى بۇيا،پەرەنجىمىشكى،ئودسەلىپ قاتارلىقلاردىن 10 گىرامدىن قوشۇپ، قائىدە بويىچە بىر كىلوگىرام شەربەت تەييارلاپ ، مىللىلىتىر 100 ×3×1 دىن،15-25 كۈنگىچە ئىستىمال قىلىشقا بىرىلىپ مادداپىشقانلىق ئالامىتى بايقىلغاندا يۇقىرىقى مۇنزىچ دورىلارغا سېرىق ھېلىلە پوستى ، ئەفتىمۇن، سانا ھەر بىرى 30 گىرامدىن، تۇربۇت 21 گىرام ،خىيارشەنبەر 45 گىرام ،بادام يېغىدىن 15 مىللىلىتىر قوشۇپ، قائىدە بويىچە 1.5 كىلوگىرام شەربەت تەييارلاپ ، مىللىلىتىر 100 ×3×1 دىن،5-7 كۈنگىچە ئىستىمال قىلىشقا بىرىپ،ئارتۇق سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.
3.بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىدىن كىلىپ چىققان بولسا، ئۈستىقۇددۇس،پىرسىياۋشان،بىخسۇس،بىخ بادىيان،ئورۇقسىز ئۈزۈم 21 گىرام ،بادىيان 15 گىرام ئېلىپ، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتقۇچى دورىلاردىن جىنتىيانا،دارچىن،قاقىلە،خولىنجان قاتارلىق دورىلارنى قۇشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ ، مىللىلىتىر 100 ×3×1 دىن،7-9 كۈنگىچە ئىستىمال قىلىشقا بىرىلىپ مادداپىشقانلىق ئالامىتى بايقىلغاندا يۇقىرىقى مۇنزىچ دورىلارغا  تۇربۇت مۇقەششەر 15 گىرام، سېرىق ھېلىلە پوستى ،ئەفتىمۇن، سانا ھەر بىرى 30 گىرامدىن،خىيارشەنبەر 45 گىرام ،بادام يېغىدىن 30 مىللىلىىتر قوشۇپ، قائىدە بويىچە 1.5 كىلوگىرام شەربەت تەييارلاپ ، مىللىلىتىر 100 ×3×1 دىن،3-5 كۈنگىچە ئىستىمال قىلىشقا بىرىپ ئارتۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.
ياكى پوستى بىخ بادىيان،پوستى بىخ كاسىنە،ئىزخىر يىلتىزى،بىخ كەرەپشە 7 گىرامدىن،سۇمبۇل تىپ،نىپىز قەنتەريۇن 4 گىرامدىن،يەرلىك شوخلا 9 گىرام،ئورۇقسىز ئۈزۈم 24 گىرام،ھەسەللىك گۈلقەنىتتىن 48 گىرام ئېلىپ،قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ،تۆت كۈن ئىچكۈزىلىدۇ. ئۇسسۇزلىقى ئۈچۈن نوقۇت سۈيى ئىچكۈزىلىدۇ.بەشىنچى كۈنى يۇقىرىقى نۇسخىغا ئاق تىكەن،زەرنەپ 3 گىرامدىن،ئوردان 9 گىرام،مۇرەككەپ بىدەنجىر يېغىدىن 12 گىرام قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ ئىچكۈزىلىدۇ.توققۇزىنچى كۈنى كەچتە ھەببى ئايارەج يىگۈزىلىدۇ،ئەتىسى ئەتتىگەندە يۇقىرىقى مەتبۇخقا سانا 12 گىرام،رەۋەن چىنى 3 گىرام،خىيارشەنبەر 72 گىرام،تىرەنجىۋىن 62 گىرام،شەربىتى دىنار 48 گىرام،بادام يېغى 6 گىرام قوشۇپ ئىچكۈزىلىدۇ.ئۇسسۇزلىقى ئۈچۈن ئەرىقى بادىيان،ئەرىقى بادرەنجىبۇيا ئىچكۈزىلىدۇ.
ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش،پەي-مۇسكۇللارنى چىڭىتىش،بۆرەكنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش مەخسىتىدە تۈۋەندىكى دورىلار كىسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
سۇمبۇل،قىزىلگۈل چېڭى،سەئدى كۇفى،كۇندۇر تۆت گىرامدىن،تاباشىر بەش گىرام،مەستىكى بىر گىرام،ئاق شىكەر مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ سىفۇپ تەييارلاپ،كۈندە ئىككى قېتىم،تاماقتىن كىيىن ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن ئىستىمال قىلىشقا بىرىلىدۇ،
بۆرەكنى قۇۋەتلەش ،قۇۋۋىتى جازىبەنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە سۆلەپ مىسرى  60گىرام ،شاقاقۇل  60گىرام ،نۇقۇت  200گىرام ،جۈپتى بەللۇت 60گىرام ،سەئىدى كۇفى 40گىرام،گۇل دارچىن 40گىرام ،كەھرىبا 40گىرام ،مەرۋايىت 40گىرام ،تاناشىر  40گىرام ،قىزىلگۈل 40گىرام ،بىخ مارجان 40گىرام ،  ۋەرەق تىللا 100دانە ،ۋەرەق نوقرە100دانە قاتارلىق دۇرىلاردىن سىفوف تەييارلاپ  كۈندە 3ۋاخ 10 گىرامدىن ئىستىمال قىلىندۇ.
ئانارگۇلى،يۇلغۇن مىۋىسى توققۇز گىرامدىن،كۇندۇر،جۈپتى بەللۇت ئۈچ گىرامدىن،قورۇلغا يۇمغاقسۈت ئۇرىقى،سەمغى ئەرەبى،گىلى ئەرمىنى ئىككى گىرامدىن ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ سىفۇپ تەييارلاپ،كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كىيىن ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن ئىستىمال قىلىشقا بىرىلىدۇ.
جۈپتى بەللۇت،ئاق كۆكنار ئورىقى،سىمىزئوت ئورىقى،سەئدى كوفى،تاباشىر،يۇمغاقسۈت ئورىقى،قىزىلگۈل،گىلى ئەرمىنى ئىككى گىرامدىن،كۆممىقۇناقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ،كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كىيىن ھەر قېتىمدا بەش گىرامنى 80 مىللىلىتىر ئەرىقى شوخلا بىلەن ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
كۇندۇر،سەئدى كوفى،بەسباسە 12 گىرامدىن،بەزرۇلبەنجىدىن ئۈچ گىرام ئېلىپ،قائىدىلىك ھەب تەييارلاپ،كۈندە ئىككى قېتىم،تاماقتىن كىيىن ھەر قېتىمدا ئىككى دانىدىن ئىستىمال قىلىشقا بىرىلىدۇ.
مەستىكى،جۈپتى بەللۇت،كۇندۇر قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ ،7 گىرام ماددەتۇلھايات بىلەن 7 گىرام مەجۈنى كۇندۇرغا قوشۇپ يىگۈزىلىدۇ.
كۇندۇر،شاھى بەللۇت،زەنجىۋىل،خولىنجان،دارچىندىن 30 گىرامدىن ئېلىپ،مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆپىكى ئېلىنغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ،كۈندە ئۈچ قېتىم 6 گىرامدىن ئىستىمال قىلسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۈيدۈك ياغدەك بولۇپ قارىغا مايىل بولسا شاقاقۇل مىسرى،سۆئلەپ مىسرى،قىزىل بەھمەن،ھەببىتۇلخۇزرا مېغىزى،چىلغوزا مېغىزى،ئاقلانغان كۈنجۈت،لاچىندانە،تەرخەمەك ئورىقى مېغىزى 2 گىرامدىن،تاۋۇز ئورىقى مېغىزىدىن 6 گىرامدىن ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ،كۈندە ئىككى قېتىم 6 گىرامدىن يىگۈزىلىدۇ.
3 دانە جۆيۈزنى پىشۇرۇپ يسە،ئەنجۈر شەربىتى ئىچىپ تۇرسا سۈيدۈكنى تۇتۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەگەر ئېغىزمان،پاچاق قىسمىدا ئاغرىش بولۇپ،كۆز قاراڭغۇلىشىش،باش قېيىش كۈرۈلسە جۈپتى بەللۇت،قورۇلغان لاچىندانە،جەدۋار چىنى بىر گىرامدىن،قۇندۇز قەھرى،ئىپاردىن 0.3 گىرامدىن ئېلىپ،دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،9 گىرام جاۋارىش جالىنۇس،ئۈچ گىرام داۋائى مىشكى قوشۇپ ئالتۇن ۋەرەققە ئوراپ يىگۈزىلىدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىن ئاق زىرە،سۇمبۇل تىب،سەئدى كوفى،خولىنجان،سۆئىتەر 4 گىرامدىن،قاقىلە 4 دانە،زەرنەپ،رۇم بادىياندىن 3 گىرامدىن ئېلىپ،دورىلارنى ئەرىقى دارچىن،ئەرىقى بادرەنجى بۇيا،ئەرىقى ئۈستىقۇددۇس بىلەن قاينىتىپ،يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ،48 گىرام شەربىتى ئەبرىشىم،9 گىرام پەرەنجىمىشكى قوشۇپ ئىچكۈزىلىدۇ.
قۇندۇز قەھرى،سەئدى كوفى،مەستىكى،سىيادان،قۇستە تەلىخى،ئەپسەنتىندىن 3 گىرامدىن ئېلىپ،دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ بۆرەك ساھەسىگە زىماد قىلىنىدۇ.
قۇستە يېغىغا قۇندۇز قەھرى،ئاقاقىيالارنى قوشۇپ،بەل ساھەسىگە سۈرۈپ بىرىش كىرەك،
بەل ۋە دوۋسۇن ساھەسىنى قۇستە يېغى قاتارلىق ئىسسىق ياغلار بىلەن ياغلاپ بەرسە ۋە گۈڭگۈرتلۈك ئارىشاڭلارغا چۈشۈپ بەرسە ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.
ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش،بۆرەكنى قىززىتىش مەخسىتىدە ئىچىدىغان دورىلاردىن تۈۋەندىكى نۇسخىدىكى دورىلارنى بىرىش كىرەك.
مەجۈنى ماسىكۇلبەۋىل
تەركىبى: شاھ بەللۇت،سەئدى كوفى،كۇندۇر،ئود ھىندى،خولىنجان،نىپىز دارچىن 50 گىرامدىن،ھەسەلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
سىفۇپى ماسىكۇل بەۋىل
تەركىبى:ئانارگۈلى،يۇلغۇن مىۋىسى،تىكە ساقىلى(لەھيەتۇتتىىس)نىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى(ئۇسارىسى) 9 گىرامدىن،كۆكنار پوستى،كەندىر يۇپۇرمىقى،تىرەك غازىڭى،مىڭدىۋانە،ئانار پوستى 30 گىرامدىن،يۇلغۇن چىچىكىدىن 24 گىرام ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ،ھەر قېتىمدا 6 گىرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىلىدۇ؛
مەجۈنى بەللۇت
تەركىبى:شاھى بەللۇت،سوئدى ھىندى،موزا،خولىنجان،گۈلدارچىن،كۇندۇر 5 مىسقالدىن،ھەسەلدىن 9 سەر ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،ھەسەلنى چەككىلەپ،قائىدىلىك مەجۈن تەييارلاپ،كۈندە ئىككى مىسقالدىن بىرىلىدۇ.
4. باشقا كىسەللىكلەر(مەسىلەن: ھەرخىل مىڭە ۋە نىرۋا كىسەللىكلىرى ، بۆرەك ياللۇغى قاتارلىقلار)سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كىسەللىك سەۋەپ ۋە ئالامىتىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5. قان قەنتىنى تۈۋەنلىتىش،بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش،ئاشقازان ئاستى بەز خىزمىتىنى ياخشىلاش،ئۇسسۇلۇق پەسەيتىش مەخسىتىدە پىششىق دورىلاردىن قۇرسى تاباشىر دانە 5 ×3×1، قۇرسى زىيابىتۇس دانە 5 ×3×1، ئەرىقى گۈل مىللىلىتىر 100 ×3×1،قۇرسى جاۋارىش زەرئۇنى دانە 5 ×3×1،...قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ ياكى مەخسۇس نۇسقا بويىچە دورا تەييارلاپ بىرىلىدۇ.
6. كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كىيىن بۆرەك ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەخسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.
كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كىيىن بۆرەكنى ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش ،رەئىس ئەزالار خىزمىتىنى ياخشىلاش مەخسىتىدە قۇرسى جاۋارىش زەرئۇنى دانە 9 ×3×1، ھەببى ماددەتۇلھايات دانە 11 ×3×1، مەجۈنى داۋائىمىشكى گىرام 10 ×3×1،ئامىلە نۇشدارى لۆلىۋى گىرام 10 ×3×1،مۇپەررىھ ھار گىرام 10 ×3×1 ، لوبوبى كەبىر گىرام 10 ×3×1 ،مەجۈنى سۆلەپ گىرام 10  ×3×1، مەجۇنى مۇبەھھى گىرام 10  ×3×1، ھالۋايى بەيزە  گىرام  10 ×3×1، ئەنجۈر شەربىتى گىرام  10 ×3×1،داۋائى تىرەنجىۋىل گىرام  10 ×3×1) ،مېغىزلىق مەجۈن گىرام  10 ×3×1)...قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ ياكى مەخسۇس نۇسخا بويىچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ.
ئىزاھات: بۇ جەرياندا يۇقارقى دورىلارنى ھەربىر كىسەلىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىغا ئاساسەن دورىلارنىڭ ئىستىمال ۋاقتى ۋە ئىستىمال مىقدارىنى كۈپەيتىپ ياكى ئازايتىپ بىرىشكە بولىدۇ.مۇنزىچ-مۇسھىل ۋە تەڭشىگۈچى دورىلارنىڭ تەركىبىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.  
ئۇندىن باشقا بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشىگۈچى دورىلار ياكى مۇنزىچ-مۇسھىل دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش ياكى تەسىر قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش مەخسىتىدە يۇقارقى دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىشكە(يەنى مۇنزىچ-مۇسھىل دورىلار بىلەن بىرگە ئىشلىتىشكە) بولىدۇ.
سۈيدۈك يولى ياللۇغى كىسەللىكىنىڭ داۋالاش ۋاختى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن تەخمنەن 25-40كۈن ئىچىدە بۇلىدۇ.
7. كۈندىلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە قارىتا مۇۋاپىق چارە قىلىنىدۇ. جىددىي كېسەللىك ئەھۋلىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىنىدۇ.يەنى:
بىماردا قەۋزىيەتلىك قۇشۇلۇپ كەلسە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلاردىن قۇرسى خيارشەنبەر دانە 5 ×3×1 دانە ،قۇرسى مەنتىن دانە 5 ×3×1 دانە، قۇرسى ئايارەنجى دانە 5 ×3×1، قۇرسى قوقىا دانە 5 ×3×1،قۇرسى لوغانزىيا دانە 5 ×3×1 دانە...قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرسىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.ئىشتىھاسىزلىق قوشۇلۇپ كەلسە ھەزىمنى ياخشىلاش مەخسىتىدە قۇرسى ئامىلە نۇشدارى،  قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر  ،قۇرسى جاۋارىش ئۇدتۇرۇش،نارپىننە ئىچىملىكى...قاتارلىقلارنىڭ  خالىغان بىرسىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. رەئىس ئەزالارنىڭ خىزمىتى تۇۋەنلەش قوشۇلۇپ كەلسە رەئىس ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش مەخسىتىدە قۇرسى خېمىرى مەرۋايىت ،قۇرسى داۋائىمىشكى،شىپائى قەلىپ ئىچىملىكى،قۇرسى خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى ،ئەۋرىشىم جەۋھىرى، بادىرانجى بۇيا ئىچىملىكى...قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرسىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
داۋالاش كۇرسى:
1) كىسەللىك ئالامەتلىرى يەڭەگىل دەرىجىدىكى بىمارلارغا 15-25كۈنگىچە
2)ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى بىمارلارغا 25-40كۈنگىچە
كىسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىر ، كىسەللىك تارىخ ئۇزۇن بولغان بىمارلاغا 25-60كۈنگىچە
پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى:
1)ئالدى بىلەن بىمارغا رۇھى-ئىدىيە جەھەتتىن خىزمەت ئىشلەپ بىمارنىڭ كېسەلىك ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئىشەنچىسنى تۇرغۇزۇش،غەم ئەندىشە  قىلىش،جدىلىشىشتىن ساقلىنىپ،داۋالاش ۋە پەرۋىشكە ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش.                                                        
2)تۇرمۇشتا رەتلىك بۇلۇش،ياخشى جىنسىي تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش     
3)جىنسىي تۇرمۇشنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇش،شەخسىي تازلىققا بۇلۇپمۇ جىنسىي ئەزا ۋەئىچى كىيىملەرنڭ تازلىقىخا دىققەت قىلىش،ئىچ كىيىملەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يۇيۇپ دەزماللاپ دىزىمفىكسىيە قىلىپ كىيىشكە بۇيرۇلىدۇ.      
4) تەستە ھەزىم بولىدىغان،غىدىقلىغۇچى،زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.يەنى مايلىق گۆش،تۇخۇم،پىدىگەن قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش ،ئاسان ھەزىم بولىدىغان،ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان،ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلەر تاللاپ ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ.يەنى نوقۇت ئۇنى نېنى،كىپەكلىك ناننى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش لازىم.
5) زىيادە چارچاشتىن،ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلىشتىن،پاسسىپ روھى كەيپىياتتىن،كۆپ يۇيۇنۇشتىن،بولۇپمۇ سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشتىن،ھاراق ئىچىشتىن،جىنسى مۇناسىۋەتتىن،سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىش كىرەك.
6) مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلدۇرۇش ( ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش قەنىت سىيىش كىسەللىكىنى داۋالاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ھىساپلىنىدۇ).مۇھىت تازىلىقى ۋە شەخسى تازىلىقنى ياخشى ئىشلەش،بىمارغا قەنىت سىيىش كىسەللىكىنىڭ ئۆمۈرلۈك كىسەل ئىكەنلىكىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ،ئۆز كىسىلىگە دائىر بىلىملەرنى پۇختا ئۈگىتىش،ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش،روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بۇلۇش لازىم.
10. ناچار ئەھۋاللار :
داۋالاش جەريانىدا قىسمەن بىمارلاردا كۆرۈلگەن ئۇسسۇلۇق پەسەيتىپ،قان قەنتىنى نورماللاشتۇرغۇچى دورىلار سوغۇق كىلىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان كۆڭۈل ئېلىشىش قۇسۇش. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەرگە قارىتا دورا ئىستىمال مىقتارىنى ئازايتىش ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى دورىلار قوشۇپ بىلىدۇ.
11.بىخەتەرلىك تەكشۈرىشى:
ھاياتلىق بەدەن بەلگىلىرى،قان،چوڭ-كىچىك تەرەت رايى،جىگەر خىزمىتى(ALT,AST)،بۆرەك خىزمىتى(Bun,Cr)،يۈرەك ئېلېكتىروكاردىئوگراممىسى ۋە ناچار ئەھۋاللار
12.ئۈنىمىگە باھابىرىش:
دىئابىت كىسەللىكى(%)باھالاش جەدۋىلى(مۇناسىپ پىرسەنت رايونىغا√قويۇلىدۇ)
        نومۇرى

دىئابىت كىسەللىكىنىڭ ئالامەت نۇمۇرى        1نومۇر
>%10        2نومۇر
10~29        3نومۇر
30~49        4نومۇر
50~69        5نومۇر
70~89        6نومۇر
90~100
ئۈچ كۆپ ئالامىتى بۇلۇش                                               
ئەگەشمە كىسەللك ئالامىتى                                               
قان قەنتى تۇقۇرى تۆۋەنلىكى                                               
سۈيدۈكتى قەنىت ئۆزگۈرىشى                                               
13.ئۈنىمىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى:
تىزگنلىنىش:
(1)كىلىنكىلىق ئالامەتلەر يوقۇلۇپ ئومۇمى نۇمۇرى≧1
⑵ئۈچ كۆپ بىرئازلىق ئالامىتى تىزگىنلىنىپ ماغدۇرسىزلىق ئالامىتى ياخشىلىنىش
⑶تەكرار ئېلىپ بېرىلغان قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى دە قان قەنتى 6.1㎜نورماللاشقان.
ئۈنىمى كۆرۈلۈش
(1)كىلىنكىلىق ئالامەتلەر يەڭگىللەپ ئومۇمى نۇمۇرى2≧3
⑵ئۈچ كۆپ بىرئازلىق ئالامىتى تىزگىنلىنىپ ماغدۇرسىزلىق ئالامىتى ياخشىلىنىش.
⑶سۈيدۈك ۋە قاننى تەكرار ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى داۋالاشتىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا تۈۋەنلەش.
ياخشىلىنىش
1)كىلىنكىلىق ئالامەتلەر قىسمەن يەڭگىللەپ ئومۇمى نۇمۇرى4≧5
2) ئۈچ كۆپ بىرئازلىق ئالامىتى تىزگىنلىنىپ ماغدۇرسىزلىق ئالامىتى ياخشىلىنىش.
⑶سۈيدۈك ۋە قاننى تەكرار ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى داۋالاشتىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆرىنەرلىك تۈۋەنلەش
ساقايمىغان
⑴كىلىنكىلىق ئالامەتلەر قىسمەن يەڭگىللەپ ئومۇمى نۇمۇرى6≧
(2) ئۈچ كۆپ بىرئازلىق ئالامىتى تىزگىنلەنمىگەن، ماغدۇرسىزلىق ئالامىتى يەنىلا مەۋجۇت.
⑶سۈيدۈك ۋە قاننى تەكرار ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى داۋالاشتىن بۇرۇنقىغا سېلىش تۇرغاندا يەنە ئوخشاش.
14.داۋالاش ئۈنىمىگە باھا بىرىش
داۋالاش جەريانىدا بىماردىكى ئاساسلىق ئالامەتلەردىن كۆپ ئۇسساش،كۆپ ئىچىش،كۆپ سىيىش،سوغۇق تەرلەش،بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش،ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر يوقۇلۇش، يەڭگىللەش، ياخشىلىنىش، ئۆزگۈرۈش كۆرۈلمەسلىك قاتارلىق ئېپادىلەرگە ئاساسەن باھا بىرىلىدۇ.
پايدىلانغان ماتىرىياللار: شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالى تېخنىكومى 2- ئەۋلات ئىچكى كىسەللىكلەر ئىلمى.
كىلاسسىك ئەسەر: مۇھەممەت ئەكبەر ئەرزانىنىڭ «ئىكسىرى ئەزەم»نامىلىق كىتابى.
خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى نىرۋا-سۈيدۈك ئىچكى ئاجراتما كىسەللىكلەر بۈلۈمىنىڭ كىلىنكا ئەمىلىيىتىدىكى داۋالاش تەجرىبىللىرى.

قۈرۇق گەپ ئەمەس ئەقىلىيە سۆز يوللايلى!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

2

تېما

10

دوست

713

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
167 سەر
تىللا
11 دانە
تۆھپە
165 سەر
شۆھرەت
185 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 00:38:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئىلمى ماقالە ئورنىدا ئىشلەتمەڭ
قۈرۇق گەپ ئەمەس ئەقىلىيە سۆز يوللايلى!

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 19:58:53يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىئابىت كېسلى ھەققىدە مۇھىم ساۋاتلارغا ئىگە قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت.
来自: Android客户端
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

11

تېما

7

دوست

974

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
192 سەر
تىللا
73 دانە
تۆھپە
179 سەر
شۆھرەت
206 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 22:20:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالامەتىك ھەممىمىزگە يار بولسۇن دىئابىت كىسىلى توغىرسىدا بىلىمگە ئىگە بولدۇم،رەھمەت
نىمانداق تۈگىمەيدىغان ئىمتھانلار بۇ،تەتىلدەMHK ئالىمى ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:17, Processed in 0.195937 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش