تونۇلىۋاتقان ياش رەسسام ئىدىرىس ئابدۇللانىڭ ماي بوياق ئىجادىيەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە خوتەن ۋىلايەتلىك سەنئەت سارىيىدا خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش بازارلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ئىدىرىس ئابدۇللانىڭ ماي بوياق ئىجادىيەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىگە خوتەن ۋىلايەتلىك ۋە خۇتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، پەن تېخنىكا جەمئىيىتى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى جۇملىدىن خوتەن ۋىلايىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەسساملار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلىرىدىن كەلگەن گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى، ماي بوياق رەسىم ئىشتىراكچىلىرى ...قاتارلىق 500دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى، ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلدى.ۋىلايەت، شەھەر رەھبەرلىرى، كەسىپداش دوس- يارەنلەر ۋەكىللىرى ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، تونۇلىۋاتقاش ياش رەسسام ئىدىرىس ئابدۇللانىڭ ماي بوياق ئىجادىيەت ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. مۇھاكىمە يىغىنىدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستېتوتى گۈزەل سەنئەت فوكولتېتىنىڭ مۇدىرى، گۈزەل سەنئەت پەنلىرى فروفېسسورى ئىمىنجان ئابدۇرېھىم سۆزقىلىپ، رەسسامنىڭ ماي بوياق ئىجادىيەت رەسىملىرىدە خوتەننىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەنزىلىرى، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تۇرمۇشى، ئۆرۈپ –ئادەتلىرى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ،رەسسامنىڭ رەسىم يۈزىدە قەلەم ئىشلىتىشى يۈرەكلىك، ئىشلەتكەن رەڭلىرى كۈچلۈك ۋە ھىسياتلىق بولۇپ، ئۇ رەسساملىقتىكى ھەرقايسى ئېقىم ۋە ئۇسلۇبلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۇستىلىق جارىي قىلدۇرۇپ، رىئال تەسۋىر ئارقىلىق ئىپادىلەش سەۋىيىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن بولۇپ، رەسىملىرىدە يۇرتنى سۆيۈش ھىسىياتى چوڭقۇر سىڭگەن، سىزىلىش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە -،دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، رەسسامنىڭ ماي بوياق رەسىم ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. كۆرگەزمە ئىشتىراكچىلىرى بىردەك بۇ ياش رەسسامنىڭ ماي بوياق ئىجادىيەت ئەسەرلىرىگە بولغان ياخشى ئىنكاسلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، رەسسامنىڭ تېننىڭ سالامەت بولۇشى، كەسپىدە يەنىمۇ تىرىشىپ يەنىمۇ ياخشى نەتىنجلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ماي بوياق رەسىم سەنئىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا بولغان تىلەكداشلىقىنى بىلدۈرشتى.
خوتەن ۋىلايەتلىك سەنئەت سارىيىنىڭ باشلىقى، رەسسام ساۋجەنبىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى سۆزلىمەكتە.
رەسسامنىڭ كەسىپداش، ساۋاقداش، دوس- يارەرى ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سوغاتلىرىنى تەقدىم قىلىپ، رەسسامنىڭ ماي بوياق ئىجادىيەت رەسىملەر كۆرگەزمىسىنى مۇبارەكلىمەكتە.
رەسسام بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى(تەشكىللىگۈچە) ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە.
تونۇلىۋاتقاش ياش رەسسام ئىدىرىس ئابدۇللانىڭ ماي بوياق ئىجادىيەت ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنىدا، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستېتوتى گۈزەل سەنئەت فوكولتېتىنىڭ مۇدىرى، گۈزەل سەنئەت پەنلىرى فروفېسسورى ئىمىنجان ئابدۇرېھىم رەسسامنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتا ئۆز كۆزقارشى ۋە باھاسىنى ئوتتۇرغا قويماقتا.
رەسسام ئۇستازلىرى، كەسىپداشلىرى ، دوست-يارەنلىرى ۋە كۆرگەزمە ئىشتىراكچىلىرىغا ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئوتتۇرغا قويماقتا.
تونۇلىۋاتقان ياش رەسسام ئىدىرىس ئابدۇللانىڭ ۋەكىل خارەكتېرلىك ماي بوياق ئىجادىيەت ئەسەرلىرى
‹‹كەلكۈن››، ماي بوياق رەسىم
‹‹مەھەللە››، ماي بوياق رەسىم
 ‹‹كۈز مەنزىرىسى››، ماي بوياق رەسىم
 ‹‹مەنزىرە››، ماي بوياق رەسىم
 ‹‹يورۇڭقاش دەرياسى››، ماي بوياق رەسىم
‹‹ئىمىن ۋاڭ مۇنارى››، ماي بوياق رەسىم
 ‹‹ئۇيغۇر قىزى››، ماي بوياق رەسىم
|