ئا. ت. شامال
ئۇستاز دىگەن ئۇستازدەك بولسا،
خىزمىتىگە جان كۆيەربولسا .
ئەۋلاد ئۈچۈن ئۇ ئۆلەر بولسا،
گۈللىنەتتى ئۇيغۇر مائارىپى.
مەكتەپلەردە بولسا يېڭىلىق،
ھەممىمىزدىن قالسا كونىلىق .
راۋاجلانسا بىزدە قىزغىنلىق،
گۈللىنەتتى ئۇيغۇر مائارىپى.
ھەمرا قىلساق بۇرچ تۇيغۇنى،
قويۇپ قويساق تاتلىق ئۇيقۇنى.
مىللەت ئۈچۈن قىلساق قايغۇنى،
گۈللىنەتتى ئۇيغۇر مائارىپى.
رەڭۋازلىق بىزدە كۈتۈرمىسە باش،
چىقمايتى بىزلەردەبىھۇدە قاقشاش،
ئوقۇتۇش بولساھەممىگە يولباش
گۈللىنەتتى ئۇيغۇر مائارىپى
تۆككەن ئەجىرگە قىلمىساق مىننەت،
جاپا ئەجىردىن پۈتۈلسە مېھنەت .
ياش بوغۇنلارغا ئىچكۈزسەك شەربەت.
گۈللىنەتتى ئۇيغۇر مائارىپى
رەھبەرلەرمۇ ئىجادچان بولسا،
ئۇستاز شاگىرىت تىرىشچان بولسا.
ھەممە بىردە ك تەلەپچان بولسا،
گۈللىنەتتى ئۇيغۇر مائارىپى.
باشلىقلارمۇ ئۇنۋان ساتمىسا،
خۇشامەتچى ئىشىك قاقمىسا.
ئىش يۈرۈشسە بېشىم قاتمىسا،
گۈللىنەتتى ئۇيغۇر مائارىپى.
بىكارچىلىقتا كۈننى ساتمىساق،
ماختاشلارغا غەيۋەت قاتمىساق.
ناچارلارغا قانات ياپمىساق،
گۈللىنەتتى ئۇيغۇر مائارىپى.
ياشلار دېگەن ياشلاردەك بولسا،
ياخشى تەدبىر پاراسەت قاتسا.
بايراق تۇتۇپ ئالدىدا ماڭسا،
گۈللىنەتتى ئۇيغۇر مائارىپى.
ئادەم تەربىيلەش بولسا ئېتىقات،
ئەۋلات بىلىمدىن ياسىسا قانات.
خەلقىم رەھمىتى بولسا مۇكاپات،
گۈللىنەتتى ئۇيغۇر مائارىپى.