بايقاش مائارىپ تورى باشقۇرغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ!
 بايقاش مائارىپ تورىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان رايونىمىزدىكى كەڭ مائارىپچىلار ۋە ھەر ساھە دوستلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى، باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ ھېرىپ-چارچاشتىن قورۇقماي، مۇنبىرىمىز ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇشى نەتىجىسىدە رايونىمىز ئۇيغۇر مىللى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايقاش مائارىپ تورىمىزنى يېقىندىن قوللىغان كەڭ مائارىپچىلارغا، ھەر ساھە دوستلارغا، مۇنبىرىمىزنى ئۆز ئائىلىسى دەپ بىلىپ، بايقاش ئۈچۈن ھەسسە قوشقان باشقۇرغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىمىز. بايقاش مائارىپ تورىمىزدا ھازىر جەمئىي 20 نەپەر ئالى باشقۇرغۇچى ۋە مۇنبەر باشلىقى بار بولۇپ، كۆپ قىسىم باشقۇرغۇچىلار مائارىپ ئىشلىرىنى شەخسى ئىشىدىن ئەلا بىلىپ، كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، رايۇنىمىزدىكى كەڭ مائارىپچىلار ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بىرقىسىم باشقۇرغۇچىلار مۇنبىرىمىزگە ئۇزۇندىن بۇيان كىرمىگەن، ئارقا بەت باشقۇرۇش سىتاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولىشىچە 3 نەپەر باشقۇرغۇچىنىڭ مۇنبەرگە كىرمىگەن ۋاقتى 100 كۈندىن ئېشىپ يەتكەن، كىرسىمۇ باشقۇرۇش ئېلىپ بارمىغان ياكى بايقاشتا ئىز قالدۇرمايلا چىقىپ كەتكەن. 5 نەپەر باشقۇرغۇچىمىزنىڭ ئالدىنقى بىر ئاي ئىچىدە مۇنبەردىكى باشقۇرغان تېما ئىنكاس سانى 0 بولغان، 2 نەپەر باشقۇرغۇچىمىزنىڭ باشقۇرغان تېما ئىنكاس سانى 1~3 كىچە بولغان، 2 نەپەر باشقۇرغۇچىمىزنىڭ باشقۇرغان تېما ئىنكاس سانى 5~7 بولغان. يەنە بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلار مۇنبەرگە تولۇق كىرىپ ھېچقانداق تېما-ئىنكاس قالدۇرمايلا قايتىش ئەھۋاللىرىمۇ ساقلىنىۋاتىدۇ. يۇقارقى سىتاستىكىدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىر مائارىپىمىز ئۈچۈن چىن دىلى بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان باشقۇرغۇچى 8 نەپەر. بايقاش مائارىپ تورىمىزنى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مۇنبىرىمىزدىكى باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىنى بىر قېتىم تەرتىپكە سېلىش، تەڭشەش ئېلىپ بېرىش، باشقۇرغۇچىلىق مەجبۇرىيىتىنى يېتەرلىك ئادا قىلالمىغان باشقۇرغۇچىلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالار ئىچىدىن بايقاش مۇنبىرىمىز ئۈچۈن قوشقان توھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، باشقۇرغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۆتەشكە ئىشەنچىسى بار بىر تۈركۈم باشقۇرغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش قارار قىلىندى. باشقۇرغۇچىلارغا قۇيۇلىدىغان ئاساسلىق تەلەپلەر:
1. سىياسى جەھەتتىن بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، قانۇن-تۈزۈملەرگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خىلاپ ۋە سەزگۈر مەزمۇنلارنى سېزەلەيدىغان ۋە ۋاختىدا بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇش. 2. مىللىي مائارىپىمىز ۋە جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇش روھى بولغان بولۇش. 3. ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر ئىككى سائەت ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبەرنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان، تەستىق كۈتىۋاتقان تېما ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ تۇرالايدىغان بۇلۇش. 4. بايقاش تورىغا ھەر ھەپتىدە مەلۇم مىقداردا تېما ياكى ماتىرىيال يوللىيالايدىغان بولۇش . 5. بايقاش تورىغا يوللىغان تېمىسى 5 تىن ئاشقان بولۇش (كۆچۈرۈپ كېلىنگەن تېما بۇنىڭ سىرتىدا) 6. باشقا قېرىنداش مۇنبەرلەردە باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمىگەن بۇلۇش. 7.مۇنبەردىكى ئەزالىق دەرىجىسى «ئەزىز مېھمان»گۇرۇپپىسىدىن يۇقىرى بولغان بولۇش.
ئەگەر يۇقارقى شەرتكە چۈشۈپ، باشقۇرۇغۇچى بولۇشنى خالايدىغانلار بولسا ئىنكاس ئارقىلىق پىكرىنى قالدۇرسا بولىدۇ.
بايقاش مائارىپ تورى 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى
|