مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 98|ئىنكاس: 1

تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئايال ئەدىبلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

2

دوست

245

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
52 سەر
تىللا
22 دانە
تۆھپە
47 سەر
شۆھرەت
58 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 01:21:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئايال ئەدىبلەر
1.ئاماننىساخان(1534-1567) . يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق مۇقامشۇناس ، بويىدىكى قومۇش مەھەللە يېزىسدا نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيتىگە ئائىت ئۇچۇرلار موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن . ئاماننىساخان 13 يېشىدا ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىغا كەلگەندىن كېيىن 20 يىللىق فېئوداللىق نەسەپ قارىشىنىڭ چەكلىمىسى، جاھالەتچى سوپى - ئىشانلارنىڭ تەقىپ قىلىشلىرىغا قارىماستىن ، ئۇيغۇر«ئون ئىككى مۇقام» نىڭ سىسىتېملىشىشى ، مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان . ئۇ يەنە خانىم - قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى «ئەخلاقىي جەمىلىيە»،«شۇرۇلقۇلۇپ»(قەلىبلەر كېڭىشى)،«دىۋان نەفىسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان، «ئىشرەت ئەنگىز»(خۇشاللىق قوزغاش) دېگەن كۈينى ئىجاد قىلغان . 1567-يىلى تۇغۇتتا ۋاپات بولغان .
2. ئاخۇن ئاغچا. 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە. ئۇ 1860-يىلى خوتەندە زۇلۇمغا قارشى پارتىلغان خەلق ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىسى ئابدۇراخمان خان غوجا(1833-1863) نىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ ئوغلى ئابدۇراخمان خان غوجا قۇربان بولغاندا، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنى مەدھىيلەپ ۋە زامان كۈلپەتلىرىدىن زارلىنىپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان .
3 . ئەسىرى. تەخمىنەن 18-،19-ئەسىرلەردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە.ئۇنىڭ شېئىرلىرى خوتەندىن تېپىلغان.«باياز»غا شائىرەنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كىرگۈزۇلگەن .
4. ئەنبەرئاتىن(1870-1915). شائىرە ئەنبەر ئاتىن دىلشاد بەرنانىڭ شاگىرتى. ئۇ ئۆزىنىڭ 45 يىللىق ھاياتىدا خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ ئاسيا يېقىنقى زامان دېموكراتىك شائىرلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ئېقىمىغا زىچ ماسلاشقان رېئالىستىك شائىرە ئىدى . ئۇ قوقان خانلىقى تەۋەسىدە ياشغان .
5 . باتىسقان ئانا . تەخىمنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 10- ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن. تارىخچىلار ئۇنى غەربىي يۇرت قەۋملىرىنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇرۇق باشلىقى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ . يەنە بەزى تەتقىقاتلار «باتىسقان ئانا» قەدىمكى ھونلارنىڭ خان ئانىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا . خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ئۇنى «شى ۋاڭ مۇ»«西王母» دەپ ئاتىغان . ئۇنىڭ «ئاق بۇلۇت قوشىقى» ، «باتىسقان ئانا كۈيى» ناملىق ئىككى پارچە شېئىرى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ساقلىنىپ كەلگەن .
6 . بۈبى زەينەپ. 1660-يىللاردا يەركەن شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۇ ئىسمائىل خاننىڭ قىزى بولۇپ،ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە يەركەندىكى يېشىل مەدىرىستە ئوقۇغان . 1678-يىلى ئاپاق خوجا يەركەن خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە ئىسمائىل خاننى جەمەتى بىلەن ئىلىغا يالاپ ئېلىپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي 18 ياشلىق شائىرەنى قاينىتىلغان ياغقا تاشلاپ ئۆلتۈرۋەتكەن ھەمدە ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۋەتكەن .
7 . بۈبى مەسۈم ئەزىزەم . 18-ئەسىردە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرەدۇر .
8 . جىۋا(324-؟) مەشھۇر ئالىم ۋە نومشۇناس كومراجىۋانىڭ ئانىسدۇر. ئۇ قەدىمكى كۈسەندىن بولۇپ ، ئۆز ۋاقىتدا قەدىمكى كۈسەن ۋە سانسكرىت تىللىرىنى پىشىشق ئىگىلىگەن . تىبابەتچىلىك ساھاسدىمۇ زور شۆھرەت قازانغان. جىۋا«ئىچكى بەش ئەزا توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىققان .
9 .دىلبەر دورغا.19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمدا قاراقاش ناھىيىسىدە ياشاپ ئۆتكەن تەنقىدىي رېئالىزىمچى شائىرە . ئۇنىڭ «مەزلۇملار ئاھى»(ئەرزنامە دەپمۇ ئاتىلدۇ)ناملىق مۇخەممەس بىزگىچە يىتىپ كەلگەن .
10 . دىلشاد بەرنا(1800-1905) . ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان شائىرە بولۇپ، تاجىكستان ئۆرە تۆپىلىك . شائىرە 1817-يىلى قوقان خانى تەرىپىدىن ئەسىر سۈپىتىدە قوقەندكە ئېلىپ كېتىلگەن . ئۇنىڭ ھاياتقا، مۇھەببەتكە، يۇرتىغا بولغان سېغىنىشى، ئىنسانىي خىسلەتلەر كۈيلەنگەن«سەبەتۇل بەشرە»(ئىنسانىي خىسلەتلىرى)،«تارىخى مۇھاجىران» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن .
11. رەھىلە(1860-1917). ئاتۇشنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يىزىسىدىن بولۇپ، ئۇ 1885-يىلدىن باشلاپ ئاتۇش ئىكساق پەننىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن ، «دەلائىلۇ ئىلىم»(ئىلىمگە دالالەت قىلغۇچى) ناملىق كىتابىنى يازغان . (بۇ قوليازما ھازىرمۇ ساقلانماقتا).«قۇرئان كەرىم»نى ھۆسىنخەت شەكلى بىلەن تولۇق كۆچۈرۈپ چىققان .
12 .زەبۇنىسا(1639-1708) . ھىندستاندىكى بابۇرىلار خانلىقى تەۋەسىدە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇ بابۇر شاھىنىڭ نەۋرىسى بولۇپ،1639-يىلى دېھلىدا تۇغۇلغان . 70 يىللىق ھاياتىنى يالغۇزلۇق ۋە غېرىبلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن . «زەبۇنىسا» شائىرەنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسىىدۇر. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئەرەب ، پارىسچە مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنغان. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن .
13 .زۇلفىيە(كاشغەرى). ئۇ، ئاپئاق خوجا جۇڭغارلاغا قورچاق خان بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ «دىۋان زۇلفىيە» ناملىق لىرىكىلار توپلىمى بولغان .
14. زىلەيخا بىگىم. يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدەبىي تەرجىمان ۋە شائىرە بولۇپ، قەشقەرنىڭ قوغان يېزىسىدىن . ئۇ ئاپئاق خوجا (1626-1694) نىڭ ئانسى . « سىلسىلە تۈز زەھەپ» ناملىق كىتابتىكى مەلۇماتلارعا قارىغاندا، ئۇ، ھاپىز شىرازى قاتارلىق پارىس شائىرلىرىنىڭ شىئىرلىرىنى مۇتالىئە قىلىشتا داڭ چىقارغان. زىلەيخا بىگىمىنىڭ بەزى تەرجىمە ئەسەرلىرى«باياز»غا كىرگۈزۈلگەن .
15 .زۇمرەت .19 -ئەسىردە خوتەن دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ خېلى كۆپ شېئىرلىرى «باياز»غا كىرگۈزۈلگەن .
16.سۈلئى سۇما . مىلادىيە 4- ئەسىردە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن تۇنجى ئۇيغۇر ئايال مۇتەپپەككۇر ۋە ئەدىبتۇر . ئۇ يەركەن خانىنىڭ كىچىك قىزى بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپىنىڭ تەسرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن . كومراجىۋامۇ 357-يىلى كەشمىردىن كۇچاغا قايتىش سەپىرىدە يەرەنگە كېلىپ سۈلئى سۇما بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان . لىكىن سۈلئى سۇمانىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن .
17 .سېمرا قىزى. 18-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇدۇن خانى چىسا سىمرانىڭ قىزى. ئۇنىڭ قەدىمكى خوتەن تىلىدا يىزىلغان «سىېغنىش نەزمىسى» ناملىق شىئرى ھازىر پارىژ مۇزىيىدا«2027»نومۇر بىلەن ساقلانماقتا .
18. شياۋ گۈەنيىن(1039-1075). قىتان خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇرشائىرەدۇر. ئۇنىڭ دادىسى شىياۋخۇي ( ئۇيغۇرچە ئىسم خاتىرىلەنمىگەن) قىتان خانلىقىدا ۋەزىر بولغان . شىياۋگۈەنيىن قىتا ئوردىسىدا خانىش بولغان. ئۇ بەرباب چىلىش ۋە شېئىرىيەتتە داڭق چىقارغان بولۇپ ، خېلى كۆپ شېئىرلارنى خەنزۇچە يازغان. شائىرەنىڭ«قەلب ھويلىسغا قايتىش» ، «ئۆتمۈشنى ئەسلەش»،«نامدىن جۇدا بولۇش»قاتارلىق ئەسەرلىرى ساقلىنىپ قالغان .
19.شى لەنلەن باقشى(؟-1332) يۅەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر خەتتات ۋە شائىرەدۇر . ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قۇجۇلۇق بولۇپ ، يۈەن دەۋرى مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان . شى لەنلەن خەنزۇ تىل يىزىقىدىكى «بۇددا ۋاتامساكا ماخاۋاي» ، «لىڭيەن سۇترىسى»، «ئالتۇن يارۇغ» . تىببەت يىزىقىدىكى«پىراجىناغا ئوقۇلغان سەككىز مىڭ مەدھىيە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆچۇرۇپ چىققان .
20 .گۈەن يۈەنشى قىزى . 14- ئەسىر يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن. بۇ ئۇيغۇر شائىرەنىڭ ئۆز ئىسمى نامەلۇم . ئۇنىڭدادىسى گۈەن يۈەنشى(كۈن سەۋىنىچ) خەنزۇ ئەدىب ئوياسلىن سۈەنيازغان . «گۈەن يۈنشى ھەزىرەتلىرىنىڭ يادنامىسى» ئەسىرىدە : «گۈەن يۈنشىنىڭ بىرلا قىزى بولۇپ، ئۇ بىلىملىك، ماقالە-ئەسەر يازالايدۇ»دەپ خاتىرىلەنگەن . ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن .
21.مۇترىبە .18 - ئەسىردە پەرغانىدە ياشاپ ئۆتكەن قەشقەرلىك شائىرەدۇر . بىرۇۋكۇف «تىل - ئەدەبىيات ۋە تارىخى مەسىلىلەر» (1948-يىلى يىلى ئالمۇتا) ناملىق كىتابتىكى ماقالىسىدە بۇ شائىرە ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن .
22. نادىرە(1792-1842). قوقان خانى ناربۇتابىك زامانىدا ئەنجان ھاكىمى بولغان رەھمان ئائىلىسدە(ئۇيغۇر) تۇغۇلغان . ناربۇتا بىك ئۆلۈپ ھاكىميەت ئۇنىڭ ئوعلى ئالىمقان قولىغا ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئىنىسى ئۆمەرخان 1808-يىلى نادىرەنى نىكاھىغا ئالغان.ئۆمەرخان ۋاپات بولۇپ ئۇ تۇل قالغان .1842 -يىلى بۇخارا ئەمىرى نەسۇرۇللاخان قوقانغا قوشۇن تارتىپ كىلىپ نادىرەنى ئوغلى ۋەنەۋرىسى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. شائىرەنىڭ«دىۋانى نادىرە» ناملىق توپلىمى بىزگىچە يىتىپ كەلگەن .
23 .نۇزۇگۇم . ۋەتەنپەرۋەر، قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى . ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل بولۇپ، قەشقەردە تەخىمىنەن1806-،1807-يىللىرى تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن چىچەن ھەم نازۈك قىز بولعاچقا باشقىلار ئۇنى«نازۈك» ياكى «نۇزۇگۇم» دەپ ئاتىۋالغان . نۇزۇگۇم 1825-يىلىدىكى قەشقەر حەلقىنىڭ چىرىك چىڭ ئەمەلدارلىرىعا قارشى قوزغىلىڭىغا قاتنىشىدۇ. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى قەشقەر ئاھالىسىدىن ئون مىڭلىغان كىشنى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىدۇ. پالانغانلار قاتارىدا ئىلىغا كەلگەن نۇزۇگۇمنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرالمىغان چىڭ سۇلالىسى ھۆكۇمرانلىرى ئۇنى سۇلۇن ئەمەلدارىغا ستىۋىتىدۇ . ياتلارغا حوتۇن بولۇشنى نومۇس بىلگەن نۇزۇگۇم كىچىسى سۇلۇن ئەمەلدارىنى ئۆلتۇرۇپ قىچىپ كىتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تۇتۇلۇپ قىلىپ دارغائىسىپ ئۆلتۇرۇلىدۇ . (1827-يىلى) . بۇ ئوت يۈرەك شائىرەنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىسيانكارلىق، ۋەتەنپەرۋەلىك روھ بىلەن تولغان شىئىر قوشاقلىرى خەلقىمىز ئارىسدا كەڭ تارقالغان .
24. ھەمراھ بۈبى . 19-ئەسىردە ئاتۇش يېزىسدا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ بىر قىسم غەزەللىرى 1980-يىلى ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلغان.
نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى بىلسەك، نەگە بارىدىغانلىقىمىزن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 21:00:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئايال ئەدىبلەرنىمۇ بىلۋالدۇق،رەخمەت سىزگە.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:26, Processed in 0.197593 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش