ئۇستازىم ئابدۇراخمان ساۋۇتنىڭ غەزەللىرى
قۇياشتەك چاقنىغان ياشمەن
خۇنىك ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن ئۆزۈمنى ساقلىغان ياشمەن، چۆكۈپ شىرىن خىياللارغا چۈشەكەپ ياتمىغان ياشمەن.
ۋسال-بەختىم ئۈچۈن ھەرچاغ ئېلىپ ئەنداز رىئاللىقتىن، كۆچەت تىكمەي ئىكىنزارغا مېغىزنى چاقمىغان ياشمەن.
تۇمانلق جۇد-شىۋىرغانسىز قىياغا قونمىغاي بۇركۇت، يولۇقسام قانچە مۇشكۈلگە تېڭىرقاپ باقمىغان ياشمەن.
كىشىنىڭ بىلسە راستلىقتا بولۇر ئىنسانلىقنى مەۋجۇد، يۇمۇپ كۆز قاغىنى ئاق دەپ جېنىمنى باقمىغان ياشمەن.
تېنىگە قان بولۇپ سىڭسەم ئادالەتكوي يۈرەكلەرنىڭ، رەزىللىكىگە بولۇپ كۈندەش يۈزىنى تاتلغان تاشمەن.
ئىلمگە ئىنتىلەر كۆڭلۈم ،بىزاردۇرمەن نادالىقتىن، ئىلىمدىن زەرچە ئۆمرۈمگە قانائەت تاپمىغان ياشمەن.
خىيالىم ئاسمىنى روشەن دىلىمنىڭ قەسرى چىنلىقتىن، ھالاللىقتىن ئۆزۈمگە تەن بۇرچۇنى ئاقلىغان ياشمەن.
كىشىنىڭ ئىززىتى ئوخشاش مېنىڭ ئايۋان-سارايىمدا، بىراۋغا شام كەبى ئىرىپ،بىراۋغا قاتمىغان ياشمەن.
تىنىمسىز يالتىرار ئۇخچۇپ ھامان پاكلىق ۋۇجۇدۇمدىن، پىتىپ غەپلەتكە ۋىجدانىنى-غورۇرنى ساتمىغان ياشمەن.
ئۈمۈد بىرلە ئۇرۇق چاچتىم،سۆيۇندۇم تاغ كەبى چەشتىن، ئىرىكسىز نەپ بەخىت ئىزدەپ ئىشىكنى قاقمىغان ياشمەن.
زەپەرنىڭ كۈيلىرى ياڭرار بۇ ياشلىق سەيلىگاھىمدىن، گۈزەل مەنزىلگە تېپچەكلەپ قىنىمغا پاتمىغان ياشمەن.
ئەشۇ قىسمەتلىرىم بىرلە كىيىپ قوش تون سائادەتتىن، كۈلۈپ پارلاق زامانەمدە قۇياشتەك چاقنىغان ياشمەن.
ئوغلۇم
قاچاندا كۆز ئېچىپ كەلدىڭ ھاياتقا سەن زىرەك ئوغلۇم، شۇئان بولدى ۋۇجۇدۇمدا يىڭى قاندىن دىرەك ئوغلۇم.
ئەشۇ نۇرلۇق جامالىڭدىن كىتەر ھارغىنلىقىم ھەر-يان، بىغىشلار شوخلۇقۇڭ-كۈلكەڭ ماڭا قاپتەك يۈرەك ئوغلۇم.
يىتىلگىن،ۋايىغا يەتكەن سېنى كۈتمەكتە مەنزىللەر، ئۆتۈپ مۈشكۈل توساقلاردىن سۇنۇپ ھەريان پىلەك ئوغلۇم.
خىيالىڭ تۇلپىرى ھەردەم ئىلىم-ھىكمەتكە يۈزلەنسۇن، ئۇنىڭدىن ئۆزگىسى بولماس ھاياتقا كۈچ تىرەك ئوغلۇم.
چىكەڭدىن ئاققۇزۇپ ساپ تەر ئىجاد-ئەمگەكتە تاۋلانغىن، غولۇڭ ھەم ياپرىغىڭ بولسۇن ۋەتەن-ئەلگە كېرەك ئوغلۇم.
يولۇڭدىن پاك،ئادالەتنىڭ زەپەر سازىنى ياڭراتقىن، ياشا ۋىجدان غورۇر بىرلەبولۇپ قالما دىدەك ئوغلۇم.
ساڭا گەر يەتسىمۇ شاھلىق چىقارما كىبىردىن مۈڭگۇز، بولۇر پات يەر بىلەن يەكسان ھامان ئۈستۈن ئوغلۇم.
ئاتاڭنىڭ ۋارىسى بولساڭ ئەمەل قىل ئۇشبۇ نەزمەمگە، سىنىڭدىن ئەھدىنى تاپسۇن تۈمەن ئارزۇ-تىلەك ئوغلۇم.
يار ۋەسلى
نىگار چېھرى ئىچىلغايمۇ بولۇپ بۇلبۇل ناۋا قىلسام، ئوقۇپ ھەق شەيىئلىللانى يۈرەك باغرىم يارا قىلسام.
تىنىمسىز ئاھۇ-ئەفغاندىن ماڭا دەرمان تىپىلغايمۇ، توپىدىن چەتنىگەن قۇشتەك بۇلۇت ئۆزرە ساما قىلسام.
ئىشىق گىردابىغا كىردىم ھامان غەمخانە بۇ كۆڭلۈم، شۇ كۈي بىرلە دىلىم كۈلگەي ئۆزەمگە مىڭ جاپا قىلسام.
كېتىپ تەشنالىقىم بىردىن ئەجەپمۇ يايرىغاي باغرىم، كېزىپ چۆل يار خىيالىنى بۇ دەردىمگە داۋا قىلسام.
مۇھەببەت-سۆيگۈدىن ئۆزگە ھاياتقا نە بولۇر لەززەت، پىغانىم يوق ۋسالىمچۈن بۇ جانىمنى پىدا قىلسام.
ئىشىق ئەھلىگە بۇ ئالەم جاپا بىرلە نەزەر سالغاي، يىتىلگەي ئارزۇ-ئارمانىم ئەقىدەمگە ۋاپا قىلسام.
كۈز كېلىپ
يايرىدى تەن-كۈلدى ئارمان بۇ مەئېشەت كۈز كېلىپ، چاچتى ئىللىق خۇش پۇراقنى گۈل تەبىئەت كۈز كېلىپ.
يايرىدى توينڭ ناۋاسى تال باراڭلىق ھويلىدىن، داش قازان ئاسماققا دىھقان قىلدى جۈرئەت كۈزكىلىپ.
ئىشتىھادىن ئاشتى مەزە موللىشىپ ئۇز-داستىخان، ھەر-كۆڭۈلدىن ھەر كۆڭۈلگە تاشتى نىئمەت كۈز كىلىپ.
كۈلدى قەھ-قەھ شوخ يىگىتلەر پاختا باسقان ھارۋىدا، ماغىزىنى چاقماققا تەرنىڭ بولدى پۇرسەت كۈز كىلىپ.
زوقىنى قوزغار كىشىنىڭ تاغ كەبى خاماندا چەش، بۇ سېخى سەھراغا قۇت ھەم ياغدى بەركەت كۈز كىلىپ.
شاخ-شېخدا ئالما،ئەنجۈر مەي بۇلۇپ شاھ مانتىسى، قاندۇرۇپ تەشنا يۈرەكنى تۆكتى شەربەت كۈز كىلىپ.
رەستىلەردە كۈلكە،چاقچاق،ئالدىراش قاسساپ تېخى، ئەلگە ئامەت تەنگە قامەت جانغا راھەت كۈز كىلىپ.
ئاشتى ئەركە تايغا ئوخشاش بارچە دىلنىڭ شاشلىقى، مۇنچە جۇشقۇن ھۆرھاياتقا قاتتى لەززەت كۈز كىلىپ. |