بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەشپى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-18 01:10
خوتەننىڭ
ئابدۇرېھىم ئابدۇراخمان
ھىدلاپ كەلدىم خۇشپۇراق گۈللىرىنى خوتەننىڭ. تىڭشاپ كەلدىم خۇشناۋا كۈيلىرىنى خوتەننىڭ.
شۇنچە كۆركەم،ئازادە مېھرى ئىللىق-يېقىملىق، بىر دۇنياغا ئوخشاتتىم ئۆيىلىرىنى خوتەننىڭ.
سەيلى قىلغاچ ھەر تەرەپ سىزىۋالدىم دىلىمغا، ئەلگە راھەت قۇت بەرگەن يوللىرىنى خوتەننىڭ.
چىقتى شادلىق ئەۋجىگە تال-باراڭلىق ھويلىدا، قېتۋالدىم قوشاققا تويلىرىنى خوتەننىڭ.
گېلەم،ئەدلەس،قاشتېشى تۈرى ھەر خىل مېۋىلەر، قىپتۇ ئاۋات شۇنچە ئۇز بويلىرىنى خوتەننىڭ.
تىبابەتتە نامى بار قۇچقان شەرەپ-شانى بار، شۇتاپ ھەممە بويلىدى ئىزلىرىنى خوتەننىڭ.
چاقنىتىدۇ كۆزلەرنى ھەر قەدەمدە يېڭىلىق، دىدىم ئەجەپ بەختىيار كۈنلىرىنى خوتەننىڭ.
بىشارىتى نۇسرەتنىڭ ياخشى ھەمرا دوست دېگەن، تۇتاي دېدىم سەپەردە قوللىرىنى خوتەننىڭ.
شۇڭا چالدىم سازىمنى كۈيلىرىمگە قېتىپمەن، ھۆسۈن قوشقان دەۋرىمگە تونلىرىنى خوتەننىڭ.
2013-يىلى9-ماي خوتەن گېزتىدە ئېلان قىلىنغان
|