ئىگىسى: بايقاش

لېكسىيە: ھاياتىمىز مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن !(تەۋىسىيە)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-5-21 10:13:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ لىكسىيىنى ئائىلەمدىكىلەر بىلەن كۆز ياش قىلغان ھالدا ئاڭلىدىم.
ۋاقتى: 2013-5-21 12:54:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈم ئاڭلاپ بولۇپ ئوقۇغۇچىلىرىمغا قويۇپ بەرسەم، ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىشتى. ئۆيدىكىلەر بىلەن ئاڭلىغاندا 8 ياشلىق بالامنى چۈشەنمەيدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، ئەمما ئاڭلاپ كېلىۋىتىپ، ئېسەدەپ يىغلىغىنىچە بوينۇمغا ئېسىلىپ:«ئانا، مەنمۇ ئاشۇنداق خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەنمۇ؟» دەپ سورىغانىدى، يۈرەك-باغرىم ئېچىشىپ كەتتى.......
ۋاقتى: 2013-5-21 13:00:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nefise تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-21 13:34  

ئىككى قېتىم ئاڭلاپ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىرىمغا قويۇپ بېرىۋېدىم، ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىشتى؛ ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ئاڭلىغاندا 8 ياشلىق ئوغلۇمنى چشەنمەيدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، دەسلەپتە ئانچە زەن قويۇپ ئاڭلىغاندەك ئەمەستى، بىردەمدىن كېيىن، ئېسەدىگىنىچە كېلىپ بوينۇمغا ئېسىلىپ:«ئانا مەنمۇ ئاشۇنداق خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەنمۇ» دەپ يىغلاپ كەتكەنتى، يۈرىكىم ئېچشىپ،ئوغلۇمنى باغرىمغا باستىم...
ۋاقتى: 2013-5-21 13:34:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شائىر، ئەدىپ، «شەكىل نەزىريەسى» تەتقىقاتچىسى قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ تەۋسىيەسى  

     « تۆۋەندىكى فىلىم خوتەن قاراقاش ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق لېكسىيەنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنىشى. لېكسىيە ناھايىتى ئۇتۇقلۇق چىققان بولۇپ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ، قايىل قىلىش كۈچى يۇقۇرى، يۇكسەك ئىلمى پوزىتسىيە ۋە يۈكسەك غايە روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان. زامانىمىزدىكى بىر ساھەنىڭ رىياللىغى  يارقىن ئەكىس ئەتتۇرۆلگەن. بۇ لېكسىيەنى ئائىلە ، مەكتەپ ، ياش-ئۆسمۈرلەر  جازا ئۇتەۋاتقان ، تەربىيەلىنىۋاتقان ھەرقانداق سورۇندا قايتا-قايتا قويۇپ ئاڭلاشنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈمى بار دەپ قارىدىم. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ لېكسىيەنى ئۇيۇشتۇرغان ئورۇن ۋە ئالاقىدار رەھبەرلەرگە،لىكسىيە سۆزلىگۈچى گۈلباھار خانىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن!»

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +2تىللا +2يىغىشسەۋەبى
گۈلزار + 2 + 2قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-5-21 18:42:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ لىكسىيەنى كۆرۈپ چۈشۈرۈشنى ئويلىغان ،چۈشۈرۈش ئادىرسى بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!
ۋاقتى: 2013-5-21 23:37:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ چۈشۈرەي دېسەم تولۇق چۈشمىدى ،يەنە بىر مەسلە  .مەن ئەسلى بۇنى بارلىق ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارغا قويۇپ بېرەي دېگەن ئىدىم .بىر توردىشىمىز بۇ فىلىمنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتمەڭ ،دەپ تەۋسىيە قىپتۇ.بۇنىڭ قانداق ئاساسى بارلىقىنى بىلمىدىم.قىنى ،كۆپچىلىك، بىرلىكتە پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقساق ،بۇ فىلىمنى بالىلارغا زادى قويۇپ بېرىشكە بولامدۇ -يوق؟
ۋاقتى: 2013-5-22 02:20:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەھرا يوللىغان ۋاقتى  2013-5-21 23:37
مەنمۇ چۈشۈرەي دېسەم تولۇق چۈشمىدى ،يەنە بىر مەسلە  .مەن ...

بالىلارغا چوقۇم كۆرسىتىش كېرەك. چۈنكى بۇ لېكسىيە بالىلاردىكى ئۆزلىرى ھىس قىلىدىغان، ئەمما ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدىغان ئەيىپ-نۇخسانلىرىنى تونۇۋېلىشىغا بىۋاستە ياردىمى بار.
ۋاقتى: 2013-5-22 05:52:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش تورىدىكى ئەزىزلەر،
مەنمۇ ئالدىنقى كۈنى دوكتور ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ئالاھىدە تەۋسىيەسى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى توربېتىگە يوللاپ قويغان ئىدىم. بۈگۈن باشتىن ئاياق كۆرۈپ چىقىشقا نېسىپ بوپتۇ. كۆز ياشلىرىم مەرھۇم جەننەت ئاتام ۋە ۋەتەندىكى ئالتۇندەك ئانامنىڭ مەن ئۈچۈن تارتقان جاپالىرى ۋە ئاغزىمغا ئىلىم سالغان بارلىق ئۇستازلارنى قۇچاقلاپ سۆيگۈم ۋە ئۆكسۈپ يىغلىشىپ ئەپۇ سورىغىم كەپ-كەتتى. ئاللاھ قەلبىمدىن كەچكەن بارلىق تەشەككۈر ھىسلىرىمنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە قويۇپ بېرىدىغنلىقىغا ئىشىنىمەن، ئاللاھ گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلسۇن. كەچۈرۈۋەتسۇن...
دىمەك، ئۇيغۇر مۇسۇلمان مىللىتىمىز تېخى يەنىلام ھايات  ئىكەنلىكىنى «ئەي دۇنيا بىلىپ قوي بىز يەنىلام قەددىمىزنى رۇسلاپ ياشاشقا تەييارمىز» دېيەلىگەن بولدۇق.
خاپا بولماي چەتئەلدىكى قېرىنداشلارنىڭمۇ كۆرۈشى ۋە يېنىدا ئېپ يۈۈرۈپ ئاڭلىشى ۋە تەشۋىق قىلىشىمىزغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن بولسىمۇ MP3 ۋە MP4 ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇپ بەيدۇ ياكى باشقا تور خۇرجۇنلىرىغا يوللىۋەتكەن بولساڭلار.
گۈلباھار خانىمغا، 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە، بارلىق ئاتا-ئانىلارغا ۋە ئۇستازىمىز دوكتور ئەركىن سىدىق ئاكىمىزغا چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. رەخمەت سىلەرگە خوتەننىڭ سەركىسى قاراقاش خەلقى!
  ئىستانبۇلدىن ئەلنۇر024
http://www.akademiye.org/ug/
ۋاقتى: 2013-5-22 05:53:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2013-5-22 17:20:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بايقاش،ھەي بايقاش ئەپەندى
نىمانداق جىق ئىملا خاتالىقى بۇ يازمىدا، مۇئەللىم بولغان ئادەم مۇشۇنداق كېسەل خەت يازسا
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش