| مەن بىر قانچە خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە بۇ فىلىمنى كۆرگەن ئىدۇق .ھەممىمىزقاتتىق تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتۇق .ھازىرقىدەك ئانا-بالا ئوتتۇرسىدىكى مېھىر -مۇھەببەت سۇسلىشىپ ،ھەممە نېمىنى تەل قىلىپ بېرىپمۇ رازى قىلالمايۋاتقان پەرزەنىتلىرىمىزگە قاراپ ،ئەگەر مۇمكىن بولسا گۈلباھار خانىمنى چەكسىز ھۆرمەت بىلەن مەكتىپىمىزگە لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلالىغان بولساق ...........نەچچە سائەت،نەچچە كۈن،نەچچە ئاي،ھەتتا نەچچە يىل كاپشىپ ھېس قىلدۇرالمىغان -------------- نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىش،كىم ئۈچۈن ئۆگىنىش مەسلىسىنى ،كىمگە نەپرەتلىنىش ،كىمدىن مىننەتدار بولۇش تۇيغۇسىنى ،قانداق ياشاش ،........قاتارلىق نۇرغۇن نۇقتىلارنى ھېس قىلدۇرغان بولاتتۇق. مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى بۇ خىزمەتكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ گۈلباھار خانىمدەك ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى لىكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەپ نادانلىقتىن مۇزلىغان قەلىبلەرنى ئېرىتسە ،بىز باغۋەنلەر تېرىغان ئۇرۇقلار بىخ سۈرۈپ رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر ئېچىلسا .......دىلىمىزدا يەنە نېمە ئارمان قالاتتى -ھە .............دېيشىپ، گۈلباھار خانىمنىڭ تىزراق مەكتىپىمىزگە كېلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز ....... |
باھالاشباھا خاتىرىسى
|