مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 154|ئىنكاس: 2

ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سالاملىشىشى كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

3

دوست

339

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
72 سەر
تىللا
46 دانە
تۆھپە
66 سەر
شۆھرەت
71 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 23:53:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سالاملىشىشى كېرەك؟
ئوسمان جۈمە
ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا كىرگەندە،سالماق قەدەم بىلەن كىرىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا سالام قىلىشى،ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمگە سالام قايتۇرۇشى كېرەك.
  ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداق سالام بېرىشى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق سالام قايتۇرۇشى توغرىسىدا مائارىپ قائىدە-تۈزۈنلىرىدە ئېنىق بەلگىلىمە يوق.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى      قانۇنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىدا مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئادەتلىرىگە ئۈزلۈكسىز ۋارسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
لېكىن ھازىرقى دەرسخانا ئوقۇتۇشى پائالىيىتىدە،ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا كىرگەندە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش بولمىغان سالاملىشىش ئۇسۇللىرى قوللىنىۋاتىدۇ
  بىرىنجى ئۇسۇل؛ ئوقۇتقۇچىلار دەرسكە كىرگەندە،ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن رەتلىك تۇرۇشىدۇ، ئوقۇتقۇچى:‹‹ئولتۇرۇڭلار! ›› دەپ دەرس ئۆتۈشكە كىرىشىدۇ،بەزى سىنىپلاردا ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن رەتلىك تۇرۇپ:‹‹سالام مۇئەللىم! ››  : دەيدۇ، ئوقۇتقۇچى:‹‹ سالام ئوقۇغۇچىلار،ئولتۇرۇڭلار›› دەپ دەرس ئۆتۈشنى باشلايدۇ.بۇنداق سالاملىشىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى سالام ئادىتىگە خىلاپ.مەسىلەن:ئۇيغۇرلاردا ئاز سانلىق كىشىلە كۆپ سانلىق كىشىلەرگە سالام قىلىشى،ئۆيگە كىرگەن ئادەم ئۆيدىكىلەرگە سالام قىلىشى،سالام جاۋاپسىز قالماسلىقى قاتارلىق قائىدىلەرگە خىلاپ كېلىدۇ
ئىككىنجى ئۇسۇل؛ بەزى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا كىرگەندە ئوقۇغۇچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ؛ : ‹‹ياخشىمۇسىز مۇئەللىم؟›› دەپ سالام بېرىشىدۇ، ئوقۇتقۇچى:‹‹ياخشى،ساۋاقداشلار ئولتۇرۇڭلار›› دەپ دەرس ئۆتۈشكە كىرىشىدۇ. بۇنداق سالاملىشىشمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سالام ئادىتىگە خىلاپ.
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىننىڭ ‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى››2003-يىللىق 3-سان 45-بەتتىكى ‹‹‹ياخشىمۇ سىلەر› ھەققىدە ئىككى كەلىمە» ناملىق ماقالىسىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلىدۇ: "‹ياخشىمۇسىز ؟›دېگەن بۇ سۆز ئادەتتە تىنچ-ئامانلىق سوراش مەنىسىدە ئىشلىتىلمەكتە،بۇ سۆز قارىماققا توغرىدەك كۆرۈنىدۇ،تىل مەنتىقىمىزگە پەقەتلا ماس كەلمەيدۇ. بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا
‹ياخشىمۇسىز؟› دېيىش ماھىيەتتە ئۇ ئادەمنىڭ ياخشى ياكى يامان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىش مەقسىتىدە شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىدىن سورىغاندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.كەڭ قورساقلىق بىلەن ‹ياخشىمۇسىز؟›نى ھال-ئەھۋال سوراش مەنىسىدىكە سۆز دەپ قارىغاندىمۇ،بۇ پۈتۈنلەر ۋىرۇسلانغان سۆزدۇر"دئگەن قىسقىسى،«ياخشىمۇسىز مۇئەللىم؟» دېگەن سۆزنى ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا كىرگەندىلا ئەمەس بەلكى،ھەرقانداق جايدا سالاملىشىش ئۈچۈن قوللىنىلسىمۇ مۇۋاپىق بولمايدۇ
  ئۈچىنجى ئۇسۇل؛ئاز ساندىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا كىرگەندە،ئوقۇغۇچىلار رەتلىك ئورنىدىن تۇرىشىدۇ،ئوقۇتقۇچى ئوڭ قولىنى كۆسىگە قويۇپ؛
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! » دەپ سالام قىلىدۇ،ئوقۇغۇچىلار؛«ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! » دەپ سالام قايتۇرىدۇ.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا تەكشى سەپسېلىپ،ئىجازەت بېرىپ باش لىڭشىتىدۇ ياكى ئولتۇرۇڭلار دەپ دەرس ئۆتۈشنى باشلايدۇ.مۇنداق سالاملىشىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى
سالام سائەت ئادىتىگە ئۇيغۇن،ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ كىرگەن ئوقۇتقۇچىلارنى خۇراپىي ئىددىيىسى كۈچلۈك،دىننى مەكتەپكە ئېلىپ كىرمەكچى دەپ قارىماقتا
  ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كىيىن ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب تىلىدىكى نۇرغۇن سۆزلەر ئۆزلىشىپ كىرگەن ھازىرمۇ نۇرغۇن ئەرەبچە سۆزلەر تىل بايلىقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ،سالام-سائەت سۆزلىرىمىزدىكى« ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! » بىلەن «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام»مۇ ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن. « بۇلاق» ژۇرنىلى 2004-يىلى 4-سان 105-بەتتە ئېلان قىلىنغان مەمەتئابدۇللا مەتتۇرسۇن «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ
سالام-سائەت ئادىتى ۋە سالام-سائەت سۆزلىرى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇنۇ بايان ماقالىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ؛1000 يىللاردىن بېرى قوللىنىپ كەلگەن سالام-سائەت سۆزلىرى ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم›(سىزگە تىنچ-ئامانلىق تىلەيمەن) بىلەن ‹ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام  › (سىزگىمۇ تىنچ-ئامانلىق تىلەيمەن) دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىۋەرسەكمۇ ھېچ يامىنى يوق،بۇ سۆزدە پەقەت تىنچ-ئامانلىق سوراشتىن باشقا ھېچقانداق دىنىي مەزمۇن يوق،بۇنداق سالاملىشىش قانداقتۇر دىنىي ئادەت بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  ئارىسىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان مىللىي ئادەتتۇر‹«يەنە
»پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى« 2013-يىلى 1-سانىدا »ياشانغانلارنى،چوڭلارنى،يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى،شۇنداقلا تەڭتۇش،تونۇش-بىلىشلەرنى كۆرگەندە ئوڭ قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ
›ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!‹دەپ سالام قىلىش لازىم، سالام بەرمەسلىك ›ئەدەبسىزلىك‹،› ھاكاۋۇرلۇق ‹دەپ يامان ئېلىنىدۇ. «روشەنكى،مۇنداق سالاملىشىش مىللىي سورۇنلارغىمۇ،مەدەنىي سورۇنلارغىمۇ،دىنىي سورۇنلارغىمۇ ،زامانىۋىي سورۇنلارغىمۇ، كۆپكىمۇ،ئازغىمۇ)ئەر ياكى ئايالغىمۇ(يۇقىرىغىمۇ،تۆۋەنگىمۇ ماس كېلىۋىرىدۇ
  دۇرۇس،ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا كىرگەندە،ئوقۇغۇچىلار بىلەن قانداق سالاملىشىشى كېرەك؟»ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم«نى مەركىزىي رادىئو ئىستانسىسى،
شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسى ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى كەڭ قوللىنىۋاتىدۇ،تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە مۇشۇ خىل تىل ۋە ئەنئەنە ئادەتنى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاملىشىشىدىكى مۇقىم ئىبارە قىلساق مۇۋاپىق بولىدىغاندەك
تۇرىدۇ
(ئاپتۇر:بىڭتۇەن 3-شى49-تۇەن 1-ئوتتۇرامەكتەپتىن)
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
بايقاش + 3 + 3 + 2 + 2ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 3 تۆھپە + 2 شۆھرەت + 2  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 21:06:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! » دەپ سالام قىلىش  ،ئوقۇغۇچىلار؛«ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! » دەپ سالام قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان ئىدى بۇ  سالام قىلىش ئۇسۇلى باشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ  ياقتى، شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل مەكتەپتە مۇشۇنداق سالاملىشىش ئۇسۇلى يوقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى . ھەم شۇ بويىچە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار سالاملىشىپ يۇردى .  ھازىر بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بۇ  خىل سالاملىشىش ئۇسۇلىنى قولانسا يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار  ئوقۇغۇچىلار بىلەن ‹‹سالام مۇئەللىم! ››   ،‹‹ سالام ئوقۇغۇچىلار،ئولتۇرۇڭلار›› دىيىش ئارقىلىق سالاملىشىدۇ يەنە ىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بولسا  « ياخشىمۇسىز مۇئەللىم» ، « ياخشىمۇسىلەر » دىگگن سالاملىشىش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا .
مەنچە بولغاندىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۆرۈپ-  ئادىتىگە ئۇيغۇن بولغان «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! »،«ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! » دىيىش ئارقىلىق سالاملاشسا ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن . بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارغا مىللىتىمىزنىڭ ئۆرۈپ  - ئادەت تەربىيىسى  تەبىيلا سىڭدۈرگىلى بولىدۇ .
تېمىڭىزغا رەھمەت
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

0

تېما

0

دوست

262

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
45 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
45 سەر
شۆھرەت
44 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 11:28:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بولغاندىمۇ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مۇشۇنداق سالاملىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنىڭ ھىچ قانداق يامىنى يوق. بۇ پەقەت بىر-بىرىگە ئامانلىق تىلەش سۆزىدىنلا ئىبارەت.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:27, Processed in 0.443924 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش