| ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، تورداشلار ھەممىمىزگە مەلۇم ، كىملىك كېنىشكە نۇمۇرى ئادەتتە 18 خانىلىق رەقەمدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ ،ئۇنداقتا بۇ رەقەملەر قانداق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ ؟ كىملىك كېنىشكە نۇمۇرى 18 خانىلىق سانلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، ئالدىنقى 6 خانىسى( سولدىن ئوڭغا قاراپ ) شۇ كىشىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى (يەنى تەۋە بولغان ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە) نى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى ئىككى خانىسى شۇ كىشى تەۋە بولغان ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايۇنى ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنى بىلدۈرىدۇ ؛ 3-،4-خانىسى ۋىلايەت،ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر،ئاپتۇنۇم ئوبلاستنى كۆرسىتىدۇ ؛ 5 -،6-خانىسى بولسا ناھىيە ، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر ، رايۇننى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن كىملىك كېنىشكە نۇمۇرى ************654323 نىڭ ئىپادىلەيدىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيسى دىگەنلىك بولىدۇ . 7-خانىسىدىن 14-خانىسىگىچە بولغان 8 خانىلىق سان شۇ كىشىنىڭ تۇغۇلغان يىل ئاي كۈننى كۆرسىتىدۇ .مەسىلەن 1985-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان بولسا ئۇھالدا كىملىك كېنىشكىسىگە يىللنىڭ تۆت خانە، ئاينىڭ ئىككى خانە ، كۈننىڭ ئىككى خانە بويىچە يېزىلىدۇ ، يەنى ****19850825****** بولىدۇ. 15-خانىسىدىن17-خانىسىگىچە بولغان ئۈچ خانە رەقەمنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى بولسا ، ئوخشاش ئورۇندا ،ئوخشاش يىل،ئاي، كۈندە تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ تەرتىپ نۇمۇرى . بۇنىڭ ئىچىدىكى17-خانىسى ئەگەر تاق سان بولسا ئۇ كىشىنىڭ ئەر ئىكەنلىكىنى ، ئەگەر جۈپ سان بولسا ئۇكىشىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . ئەڭ ئاخىرقى رەقىمى يەنى 18-خانىسى ئىپادىلەيدىغىنى بولسا كىملىك كېنىشكە نۇمۇرىنىڭ تەكشۈرۈش كودى، كىلمىك تەكشۈرۈش كودى ئادەتتە 0~10 غىچە بولغان 11 ساندىن تۈزۈلىدۇ ، ئەگەرتەكشۈرۈش كودى 10 بولسا ،بۇنىڭ ئورنىغا X يېزىلىدۇ ، چۈنكى ئەگەر 10 يېزىلسا ، كىملىك كېنىشكە نۇمۇرى19 خانە بولۇپ قالىدۇ دە ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆلچىمىگە خىلاپ بولىدۇ ، ھەمدە جوڭگۇ تەۋەسىدىكى ماشىنىلار تونىمايدىغان ئەھۋاللار كۆرلىدۇ . ئادەتتە بۇ تەكشۈرۈش كودىنى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خادىملار مەلۇم فورمولا ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا ،بۇنى ئالدىن بەلگىلگىلى بولمايدىكەن ، يەنى مۇناسىۋەتلىك سانلارنى كىركۈزگەندىن كىيىن ماشىنا ئاپتۇماتىك ھىسابلاپ چىقىدىكەن . |
|